روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 998|ئىنكاس: 7
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

توغرا چۈشەن ئاتا-ئاناڭنى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
توغرا چۈشەن ئاتا-ئاناڭنى
كونىلىققا ئېسىلىپ مەھكەم ،يېڭىلىققا قارشى تۇرسىمۇ،
مەنزىلىگە بارىدۇ تېنىچ ھەيدەپ تېخى ئېشەك ھارۋىنى.
شۇنچە تەمكىن ،شۇنچە مۇلايىم،بىراق ،شۇنچە جاھىل بولسىمۇ،
ھەق-ناھەقنى ئايرىيدۇ ئېنىق،پەرق ئېتىپ ئاق ۋە قارىنى.

چۈشۈپ كەتسە بالاڭ قولىدىن بىرەر بۇردا ناننىڭ ئۇۋىقى،
ئېرىنمەستىن ئالىدۇ تېخى سۆزلىگەنچە پۈۋلەپ،ئېڭىشىپ.
سەن بىزلەردەك قاراملىقى يوق،غەيرىتى بار جەسۇر تۇرۇقى،
باسار شۇنداق ھەر بىىر قەدەمنى مىڭ ئويلىنىپ،نەچچە كېڭىشىپ

نۇرغۇن ئىشقا بۆلىدۇ كۆڭۈل جىم تۇرمايدۇ ئىشلەيدۇ ھەردەم،
قىرانلىققا يەتكىنىڭدىمۇ چاي بېرىدۇ سېنى چاقىرىپ.
سەن ئويلايسەن چوڭ بولمىغاندەك سىنچىلايسەن ،قارايسەن بىردەم،
ئەجەپ .ئىشقۇ دەپلا قالىسەن كەتكەن شۇنداق چاچلار ئاقىرىپ.

قالساڭ ئەگەر بىرەر ئىشىڭنى ئۆزيولىدا ئەپلەشتۈرەلمەي،
ئاچچىق بىلەن قىلىدۇ زەردە ئېچىشتۇرۇپ كونا ياراڭنى.
سوت-سوراققا تارتىدۇ بەلكىم،سېنى ئويلاپ ئۇيقۇسى كەلمەي،
بولما لېكىن ئۇلاردىن بىزار،توغرا چۈشەن ئاتا-ئاناڭنى.

كۆڭلى چوڭقۇر دېڭىزدىن تېيىز،سىغار ھەتتا شۇنچە كەڭ ئالەم،
كۆپ سىناقلار ئۆتكەن بېشىدىن،مۈشكۈللەرگە بېرىپ بەرداشلىق،
ئۇ تەربىيە چەكسىز بىر بايلىق،يېتىلىدۇ شۇنداق ھەر ئادەم،
ئۇلار بىزگە بەخىش ئېتىدۇ ھەرقەدەمدە ئامەت ۋە شادلىق.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 4تەجرىبە +60 ئىناۋەت +85 تەڭگە +54 بايلىق +45 تۆھپە +17 يىغىش سەۋەبى
پەشتاق + 15 + 9 ماختاشقا تېگىشلىك
ADiL + 40 + 40 + 25 + 25 + 10 ماختاشقا تېگىشلىك
Ayshemgul + 10 قالساڭ ئەگەر بىرەر ئى.
Tursun007 + 20 + 20 + 20 + 20 + 7 يارايسىز

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-5-2 10:26:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئادەم ئىرىشكەن نەرسىسىنى
يوقاتمىغۇچە ئۇنىڭ قەدىرنى بىلمەيدۇ، ھەم
ئۇنىڭ قەدىرىگە يەتمەيدۇ،،،،،
来自安卓客户端
ۋاقتى: 2014-5-2 13:00:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

RE: قالساڭ ئەگەر بىرەر ئىشىڭنى ئۆزيولىدا ئەپلەشتۈرەلمەي..،توغرا چۈشەن ئاتا-ئان

بەك ياخشى يېزىپسىز!
ۋاقتى: 2014-5-2 18:18:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتنى يېزىپسىز، بۇنى يېزىشتا بەلكىم كۆزىڭىزگە كۆرۈنۈپ قالغان ئاشۇنداق بىر قىسىم ئاتا-ئانىسىغا تىل ۋە قول تەككۈزدىغان مۇناپىقلارنىڭ ئىش ھەركىتى ياكى گەپ سۆزى تۈرتكە بولۇپ، قەلەم تەۋرەتكەن بولۇشىڭىزمۇ مۇمكىن.
ئاتا-ئانىلار بىزنى تىللىسىمۇ، ۋارقىرىسىمۇ بىزنى دەپ شۇنداق قىلىدۇ، بىزنىڭ كەلگۈسىمىزدىن، بىزنىڭ بىخەتەرلىكىمىزدىن ئەنسىرەپ شۇنداق كۆپ گەپ قىلىدۇ.
نېمىلا دېگەن بىلەن ئاتا-ئانا بىزنى بېقىپ، ئاق-قارىنى بىلگۈدەك بىر ئادەم قىلپ تەربىيىلىدى ئەمەسمۇ، ئۇلارغا قىيداشقا، ئۇلارغا ۋارقىرىشقا ، تىللاپ، ئۇرۇشقا قەتئىي بولمايدۇ، بۇنى بىزنىڭ ئىسلام دىنىمىزمۇ، ئەخلاقىمىزمۇ، ۋىجدانىمىزمۇ (قانۇنىمىزمۇ بار راست)  راۋا كۆرمەيدۇ.
ۋاقتى: 2014-5-2 18:25:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەخلاقى ۋە دىنى جەھەتتىن خاتا. ئاللاھ بىزنىڭ دەستۇرىمىزدا ئېنىق قىلىپ ئاتا ئانىغا ھەتتا «ئوھوي» دەپمۇ قويماسلىقنى ئېيتىدۇ. شۇڭا شۇنداق قىلغانلار دەرھال ئۆز ئەقلىنى تېپىشى ۋە بۇنداق خاتالىقتىن ساقلىنىشى كېرەك.
ۋاقتى: 2014-5-2 22:13:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزلغان نادىر بىر ئەسەر بوپتۇ قولىڭىزغا دەرىت كەلمىسۇن رەھمەت.
ياخشى يىزىپسىز  شىئىرلىرىڭىزدىن بەك سۈيۇندۇم
ۋاقتى: 2014-5-3 17:15:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى يېزىپسىز ، تېخىمۇ تېرىشىڭ .

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-23 15:50

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش