روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1240|ئىنكاس: 3
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

سىڭگەن سۆرەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-11-25 11:25:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
سىڭگەن سۆرەت
(ئىككى شېئىر)
ئوسمان جۈمە

چۆلدە –تەكلىماكاندا،
قۇملۇقتا-قۇم بارىخانلاردا،
نەچچە ئون مىڭ يىللار بۇرۇنقى
تۈگە ئىزى.........
نۇرغۇن سۆرەت بار؛
ئۇ ئىز-
سۆرەتلەر ئۆلمەيدۇ!
ئۆچمەيدۇ،
شامالدا – بۇراندا.
چۈنكى،
ئۇنىڭدا
بىر سىر- قۇدرەت بار
شۇ چاغ
كارۋانلارنىڭ تۈگە ئىزى-سۆرىى
قۇم باغرىدىكى
كەۋسەرگە
چۈشۈپ تۇراتتى.
كېيىن
ئاشۇ ئەكىس سۆرەت
سىڭىپ كەتكەن
قۇمغا يەر- ئاستىغا
كەۋسەرنىڭ سىڭىشى بىلەن.
تەتىر قۇيۇن
بۇران- چاپقۇن
ئۆچىرەلمەيدۇ مەڭگۈگە.
ئۇ- سىڭگەن سۆرەت
سىڭگەن سۆرەت.



نۇر ئىشقىدا

دىدى: ئۇپۇقنى كەچتە تاستۇق قىلىمەن،
دىدىم: ئۇپۇقنى مىنىپ قامچا ئۇرىمەن.
دىدى:چىراققا مەن –ئۇرۇلغان پەرۋانە،
دىدىم: دائىما نۇر ئىشقىدا دىۋانە :
نۇرنى سۆيمىگەن ئىنسانلارنىڭ يىلتىزى!

(3-شى 49-تۇەن 1- ئوتتۇرا مەكتەپ15599860074)

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-11-25 20:30:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
" سىڭگەن سۈرەت" نى بەكلا ياقتۇردۇم. قەلىمىڭىزگە بارىكاللا.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-26 12:07:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سڭگەن سۆرەت ناملىق شېئىردىكى 2-ماۋزۇ ‹‹نۇر ئىشقىدا››نىڭ ئاخىرقى مىسراسى:‹‹ تۈگەر ئاز كۈندە  پەيدا بۇلۇر گۈمبىزى.›› قېلىپ قالغان، ئەپۇ قىلغايسىزلەر
ئاللا ئاللا ما شىئېرنى ھەجەپ پەيزى يېزىپسىز. ھوزۇرلىنىپ قېنىپ ئوقۇۋالدىم رەھمەت سىزگە. مۇشۇنداق ياخشى شىئېرلارنى ئايىماي يوللاپ تۇرۇڭ

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-29 05:14

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش