روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 3450|ئىنكاس: 11
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

سەن مىنىڭ كەلگۈسۇم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-11-18 15:37:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سىھىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-21 17:06  

سەن مىنىڭ كەلگۈسۇم
گۈلبوستان موللىمىن

   سەن مىنىڭ كەلگۈسۇم تاتلىق پەرىشتەم،
   سەن مىنىڭ ھاياتىم ئۆمۈر چىرىقىم.
   سەن گوياھ كۆكتىكى گۈزەل تۇلۇن ئاي،
   نەپەسمۇ ئالالماس سەنسىز يۈرۈكۈم.


سەن مىنىڭ كەلگۈسۇم سۈيۇملۈك قوزام،
سەن ماڭا ئاللاھنىڭ بەرگەن سوۋغىسى.
قەيسەر بىر ئانىمەن سەن بولغاچقىلا،
ھەمراھتۇر ھاياتنىڭ ماڭا كۈلكىسى.

سەن مىنىڭ كەلگۈسۈم گۈزەل پەرىشتەم،
ئىزىڭدىن گۈل ئۈنسۇن ئۈزۈڭ بىر گۈل سەن.
نۇزۇگۇم ،رىزۋانگۈل،مەختۇمسىلانىڭ،
ئىزى سەن قىزى سەن يارقىن نۇرى سەن.

سەن مىنىڭ كەلگۈسۈم ئوماق پەرىشتەم ،
سەن بولغاچ بىلىنمەس تۇرمۇشنىڭ دەردى.
ئاۋال بىر ئانىمەن ئاندىن بىر ئايال،
سەن كۈلسەڭ كۈلىدۇ ھاياتنىڭ پەيزى.

2014-يىلى 17-سىنتەبىر ئاقسۇ


باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1ئىناۋەت +5 تەڭگە +5 يىغىش سەۋەبى
alxir + 5 + 5 ياقتۇردۇم

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

‏ئانا قەلبى پاك بىر ۋەتەن. ئانا قەلبى ئانا مۇھەببىتى ئېيتىپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان، ھەر ئېيتىلسا يېڭىچە ئاڭلىندىغان تۈگۈمەس ناخشا.   ئانىنىڭ پەرزەنتىگە دەيدىغانلىرى، كۈتىدىغان ئۈمۈدى ھەم ئۇيقۇسىز تۈنلەردە پەرزەنتىنىڭ پىشانىسىگە سۈيۈپ تۇرۇپ ياراتقۇچىدىن تىلەيدىغان ئەڭ پاك ئارزۇسى سېھىر خانىمنىڭ بۇ شىئېرىدا ئۆز مەناسىنى تاپقاندەك قىلىدۇ. قەلىمىڭىز ياخشى كىتىۋاتىدۇ سىھېر خانىم . پەرزەنىت ئۈچۈن بىرنى قىلساق بۇ «گۈل»ئون بولۇپ ئېچىلىدۇ. پەرزەنىتنى ياخشى تەربىيلەش ھەر بىرىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مۇقەددەس بۇرچىمىز  ‏قەلىمىڭىزگە بەركەت تىلەش بىلەن بىرگە ‏ئوماق قىزىڭىز نەفىسەنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ‏،‏ئەخلاقلىق،‏ئىستىداتلىق ئۇيغۇر قىزلىرىدىن بولۇپ يىتىشىپ چىن دىلىمدىن ‏ئۈمۈت قىلىمەن  تەكلىۋېىم : شى‏ئېرنىڭ تېكىست ‏ئۈسىگە ‏ئايرىم تېما قۇيۇپ ‏ئاستىغا ‏ئىمزايىڭىز يەنى ‏ئىسمىڭىز بىلەن قىزىڭىزغا ‏ئاتالغانلىقىنى ‏ئەسكەرتىپ قويسىڭىز بولاتتىكەن مەن تەھىرىرلەي دىسەم تېلفۇندا قولاشماي قالدى

باھا سۆز

رەھمەت ،كوپرەك پىكىر بىرەرسىز  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-11-19 21:47
شۇنچىلا گەپنى تىلفوندا ئىملالېرىدىمۇ خاتاسى يوق قىلىپ يازدىڭىز؟ مەن يىزىپ باقسام بەك تەس بىلىنگەن...  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-11-19 19:21
ۋاقتى: 2014-11-19 10:17:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىر ناھايتى ياخشى يېزىلپتۇ.بارىكاللا.

باھا سۆز

كۆپ رەھمەت  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-11-19 21:49
ۋاقتى: 2014-11-19 11:10:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەن مېنىڭ كەلگۈسۈم ئەي غۇنچە گۈلۈم،
سېنىڭدىن ئۆزۈمنى كۆرىمەن بىلسەڭ.
مەن ئۈچۈن باھاردۇر زىمىستان قىشمۇ،
چېھرىڭدە غۇبارسىز كۈلكەڭنى كۆرسەم.

ئاللاھىم بارلىق قىز- ئوغۇللىرىمىزنىڭ ئىككى ئالەملىك بەختىنى بەرسۇن، ئامىن!
ناھايتى ياخشى يېزىپسىز، قەلىمىڭىز يەنىمۇ بەرىكەتلىك بولسۇن!

باھا سۆز

كۆپ رەھمەت  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-11-19 21:51
ۋاقتى: 2014-11-19 19:21:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەۋرۇز يوللىغان ۋاقتى  2014-11-19 07:27
‏ئانا قەلبى پاك بىر ۋەتەن. ئانا قەلبى ئانا مۇھەببىتى ئې ...

شۇنچىلا گەپنى تىلفوندا ئىملالېرىدىمۇ خاتاسى يوق قىلىپ يازدىڭىز؟ مەن يىزىپ باقسام بەك تەس بىلىنگەن...
ۋاقتى: 2014-11-19 20:10:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلىپتۇ.

باھا سۆز

كۆپ رەھمەت  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-11-19 21:50
ۋاقتى: 2014-11-19 21:47:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياقتۇردۇم ، ياخشى  شېئىر  بوپتۇ ، رەھمەت !

باھا سۆز

كۆپ رەھمەت  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-11-19 22:52
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-19 21:47:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەۋرۇز يوللىغان ۋاقتى  2014-11-19 07:27
‏ئانا قەلبى پاك بىر ۋەتەن. ئانا قەلبى ئانا مۇھەببىتى ئې ...

رەھمەت ،كوپرەك پىكىر بىرەرسىز
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-19 21:49:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزىزى يوللىغان ۋاقتى  2014-11-19 10:17
شېئىر ناھايتى ياخشى يېزىلپتۇ.بارىكاللا.

كۆپ رەھمەت
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-19 21:50:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كۆپ رەھمەت

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-29 04:25

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش