روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 5412|ئىنكاس: 20
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

كۈتۈشنىڭ تەرجىمھالى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
‏كۈتۈشنىڭ تەرجىمھالى
‏ئابدۇرېھىم ‏ئابدۇۋەلى(‏ئاسۇق)

يۇيۇندۇم ‏ئازاپنىڭ لەھزىدە بىر رەت،
بەك ‏ئاچچىق بىر كۈننى باشلىدىم قايتا.
‏مەن كەتتىم يىغامنى ‏ئېلىپ پەرىشان،
‏ئەسەببى سېغىنىش قۇترىغان جايغا .

بەك ‏ئاچچىق بىر كۈننى باشلىدىم قايتا،
مۇزلىغان تېنىمنى باغاشلار كۈتۈش.
قەھرىلىك ‏ئازاپلار تولغان جاھاندا،
يەنىلا سۈيۈملۈك ‏ئازاپنى سۈيۈش .

مەن كەتتىم يىغامنى ‏ئېلىپ پەرىشان،
بىر تەلۋە لۈكچەكتەك سۈرۈتمەي يېشىمنى.
‏ئالدىڭىدىن تۇيۇقسىز ‏ئۆتسە بىر تاۋۇت،
‏ئەسلەپ قوي يۈرۈكى قان بىر شا‏ئىرنى .

‏ئەسەببى سېغىنىش قۇترىغان جايدىن،
كۈتۈش دەپ بىر تال گۈل چىقىدۇ ‏ئۈنۈپ.
بۇ ‏ئازاپ بۇ كەچمىش چۈشمۇ؟
                                چۈش ‏ئەمەس،
يىغلىدى ‏ئازاپمۇ مەن ‏ئۈچۈن ‏ئۆكسۈپ.

2014-يىل15-نويابىر ‏ئاقسۇ شەھەر ساجىڭزا(قۇمقۇدۇق)يېزىلدى

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 4تەجرىبە +40 ئىناۋەت +56 تەڭگە +52 بايلىق +40 تۆھپە +11 يىغىش سەۋەبى
جام + 20 + 20 + 20 + 20 + 4 ياقتۇردۇم
arkinjuma + 20 + 20 + 20 + 20 + 7 يارايسىز
Ayshemgul + 9 + 5 ياقتۇردۇم
alxir + 7 + 7 ياقتۇردۇم

باھا خاتىرىسى

ئالدىنقى: ھەي يار
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-11-17 15:11:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن
ۋاقتى: 2014-11-17 15:25:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەرىپەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-18 12:49  

سىزنىڭ ھەر بىر يازغان شئېرىڭىز شۇنداق ياخشى جۇمۇ، كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيەتلىرىڭىزگە ئۇتۇقلار  يار بولسۇن!
ئارزۇ -ئارمانلىرىڭىزغا يېتىشىڭىزگە تىلەكداشمەن، ھەمىمىزنىڭ ئۈمۈدۋار ياشىشىمىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.

  بۇ شئېرىڭىزنى ئوقۇۋېتىپ بۇ ناخشا ئېسىمگە كېلىپ قالدى.

  ناخشا:تۇنجى مۇھەببەت

        
ۋاقتى: 2014-11-17 16:15:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھورمەتلىك نەۋرۇز ئەپەندى ،بىرەر قىزغا ئاشىق ئوخشايسىز ،    بەك ‏ئاچچىق بىر كۈننى باشلىدىم قايتا،
                                                                                مۇزلىغان تېنىمنى باغاشلار كۈتۈش.
  لىكىن كۈتۈشمۇ بىر خىل ھۇزۇر ئەلۋەتتە                               قەھرىلىك ‏ئازاپلار تولغان جاھاندا،
بۇ بىر كۇبلىت شۇنداق ياقتى ماڭا                                       يەنىلا سۈيۈملۈك ‏ئازاپنى سۈيۈش

باھا سۆز

ئەلۋەتتە ،مەن راستىنلا بىرسىگە ئاشىق،ئەجەپ ئىزا تارتىپ كەتتىمما  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-11-18 11:21
سىزنىڭمۇ يۈرىكىڭىزنى بىرسى ئوغۇرلاپ كېتىپتىغۇ، دىمەك سىزمۇ بىرسىگە ئاشىق دىگەن گەپ(چاقچاق جۇمۇ)  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-11-18 09:52
ۋاقتى: 2014-11-17 19:49:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىمىلىرىڭىز ئۇزۇلمىگەي
ۋاقتى: 2014-11-17 20:10:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەقەت يۈرىكى قان ئاشىقلا كۈتۈشنىڭ نەقەدەر سۆيۈملۈك ئىكەنلىكىنى ھىس قىلالايدۇ. نەۋرۇز ئەپەندىمنىڭ قەلىمى ھارمىغاي.
ۋاقتى: 2014-11-17 20:23:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‏ئەسەبىي سېغىنىش قۇترىغان جايدىن،
كۈتۈش دەپ بىر تال گۈل چىقىدۇ ‏ئۈنۈپ.
بۇ ‏ئازاپ بۇ كەچمىش چۈشمۇ؟
                                چۈش ‏ئەمەس،
يىغلىدى ‏ئازاپمۇ مەن ‏ئۈچۈن ‏ئۆكسۈپ.

قەلىمىڭىزگە كۆز تەگمىسۇن، يەنىمۇ بەرىكەتلىك بولسۇن  نەۋرۇز ئەپەندىم.

ۋاقتى: 2014-11-17 22:19:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرەھىم ئەپەندىنىڭ قەلىمىگە بەرىكەت تىلەيمەن.
ۋاقتى: 2014-11-18 09:52:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىھىر يوللىغان ۋاقتى  2014-11-17 16:15
ھورمەتلىك نەۋرۇز ئەپەندى ،بىرەر قىزغا ئاشىق ئوخشايسىز ...

سىزنىڭمۇ يۈرىكىڭىزنى بىرسى ئوغۇرلاپ كېتىپتىغۇ، دىمەك سىزمۇ بىرسىگە ئاشىق دىگەن گەپ(چاقچاق جۇمۇ)
ۋاقتى: 2014-11-18 11:21:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىھىر يوللىغان ۋاقتى  2014-11-17 16:15
ھورمەتلىك نەۋرۇز ئەپەندى ،بىرەر قىزغا ئاشىق ئوخشايسىز ...

ئەلۋەتتە ،مەن راستىنلا بىرسىگە ئاشىق،ئەجەپ ئىزا تارتىپ كەتتىمما

باھا سۆز

ۋاي ئاللا ئىقرار قىلىۋەتتىڭىزغۇ، مەن موللا تاپقاقمۇ نىمە تېپىۋاپتىمەنغۇ  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-11-18 12:35

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-20 08:21

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش