روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 5739|ئىنكاس: 20
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

شېئىر] سېغىنىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سىھىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-21 17:13  

                                                     سېغىنىش

                                                  گۈلبوستان موللىمىن   

                               سېلىپ قويدى ئىسىمگە سىنى،
                                   بۈگۈن ياغقان سىم-سىم يامغۇرلار.
                                   سەنمۇ ئەسلەپ قويدۇڭمۇ مىنى،
                                   سېغىنىشتىن يۈرەك تىپپىرلار.


                                 ئىسىڭدىمۇ كۈيۈشكەن چاغلار،
                                 ئىسڭدىمۇ سۈيۈشكەن چاغلار.
                                شۇ چاغدىمۇ ياغقان ئىدىغۇ.
                                بۈگۈنكىدەك سىم-سىم يامغۇرلار.


                               ئاتەش ئىدى ئوتلۇق نەپەسلەر،
                               گۈلخان ئىدى چوغدەك يۈرەكلەر.
                               قايتىۋالاي ئاشۇ ئۆتمۈشكە ،
                               توختاپ قالما سىم-سىم يامغۇرلار.

                      قەدىردان ئۇستازلار بۇ شىئىرىمگە تېما قۇيالماي قالدىم،،،،قىممەتلىك پىكىرىڭلارنى ئايىماسلىقىڭلارنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈت قىلىمەن
=================================================================
تېما ماۋزۇسى باشقۇرغۇچى تەرىپىدىن قۇيۇلدى، ھەرقانچە تېما قويالمىسىڭىزمۇ مۇنبەرگە تېما يوللىغاندا ماۋزۇغا سۇئال بەلگىسىنى تاشلاپلا تېما يوللىماڭ.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-9 21:44:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەچۈرۈڭ مەن يېڭى ئەزا بولغاچقا بۇنى بىلمەيدىكەنمەن ،بۇندىن كىيىن دىققەت قىلاي ،رەھمەت
ۋاقتى: 2014-11-9 23:21:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىئېرلىرىڭز بىر بىرىدىن ياخشى چىقىۋاتىدۇ ئىلھاملىرىڭىزغا كۆز تەگمىسۇن....

باھا سۆز

رەھمەت ،،،،كۆپرەك پىكىر بىرەرسىز  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-11-11 09:55
ۋاقتى: 2014-11-10 00:18:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېڭىچە ئىلھام بۇلاقلىرىڭىز چاپچىپ تۇرغاي !

باھا سۆز

كۆپ تەشەككۇر  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-11-11 18:13
ۋاقتى: 2014-11-10 02:25:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى چىقىتۇ . ئىسمىڭىز ‹‹ سىھىر ›› بولغاچقىمۇ ، يازغان ئەسەرلىرىڭىزدە  بىر خىل  ئاجايىپ سىھرى كۈچ بار .

باھا سۆز

كۆپ تەشەككۇر  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-11-11 23:44
ۋاقتى: 2014-11-10 14:31:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   جام تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-10 14:34  

پاھ- پاھ! «سېھىر» خانىم، تۈنۈگۈن ياغقان سىم- سىم يامغۇردىن مەنلا ھاياجانلاندىم دېسەم بۇ يامغۇر سىزنىمۇ نازۇك تۇيغۇ ئالىمىگە باشلاپ كىرىپتۇ- دە
«ئادىل» ئاتامان بۇ شېئىرىڭىزگە «سېغىنىش» دەپ تولىمۇ جايىدا ماۋزۇ قويۇپتۇ، مەن يەنە بۇ شېئىرغا «سىم- سىم يامغۇردىكى مۇھەببەت» (ياكى «سىم- سىم يامغۇردىكى سېغىنىش») دەپ نام قويساق قانداق بولار دەپ ئويلاپ قالدىم، مۇۋاپىق بولسا.....

باھا سۆز

كۆپ تەشەككۇر،كۆپرەك پىكىر بىرىپ تۇرارسىز  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-11-11 23:45
شئېرغا سىز دىگەندەك تېما قويسىمۇ بولىدىكەنغۇ  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-11-11 17:27
سېھىر خانىم جام ئەپەندىنىڭ ئىلھامىنى قوزغاپ قويغان ئوخشىمامدۇ؟  ۋاقتى: 2014-11-11 03:28
ۋاقتى: 2014-11-11 03:17:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈنۈگۈنكى سىم -سىم يامغۇرنىڭ سېھىر خانىمنىڭ قەلىمىدە بۇنداق تېز ئىنكاس تېپىشىنى ئويلىماپتىمەن.تورداشلارنىڭ بەرگەن ئىنكاس ۋە تەكلىپى ئاساسىدا تېخىمۇ ياخشى يازمىلارنى سۇنىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن. قەلىمىڭىز روھلاندا بەركەت تاپقاي
ۋاقتى: 2014-11-11 03:29:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاھ- پاھ! «سېھىر» خانىم، تۈنۈگۈن ياغقان سىم- سىم يامغۇردىن مەنلا ھاياجانلاندىم دېسەم بۇ يامغۇر سىزنىمۇ نازۇك تۇيغۇ ئالىمىگە باشلاپ كىرىپتۇ- دە

سېھىر خانىم جام ئەپەندىنىڭ ئىلھامىنى قوزغاپ قويغان ئوخشىمامدۇ؟

باھا سۆز

سىزدەك ئۇستازلارنىڭ يىتەكلىشىگە مۇھتاج  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-11-11 23:47
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-11 09:55:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
mubarakxah يوللىغان ۋاقتى  2014-11-9 23:21
شىئېرلىرىڭز بىر بىرىدىن ياخشى چىقىۋاتىدۇ ئىلھاملىرىڭ ...

رەھمەت ،،،،كۆپرەك پىكىر بىرەرسىز
ۋاقتى: 2014-11-11 12:30:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە ، توختاپ قالما سىم- سىم يامغۇرلار ... دەپ ماۋزۇ قويسا بولغۇەك .

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-19 04:50

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش