روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 3542|ئىنكاس: 12
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

پاك دۇنيا، ناپاك تەننىڭ ئاۋازى.....

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
پاك دۇنيا، ناپاك تەننىڭ ئاۋازى.....

ئابدۇرېيىم ئابدۇۋەلى ئاسۇق

قېچىشنى ئويلايمەن يىراق يىراققا،
يۈرۈكۈم تەكتىدە تۇنجۇقار ئېسيان.
ئاجايىپ بىر قىسمەت باردۇر بېشىمدا،
كىمكىنە مىنىڭدىن ئۈلۈم تالاشقان؟

نەيرەڭۋاز دۇنيادىن كەتتىم زېرىكىپ،
خوش دىيىش نەھاجەت ساڭا ئەي دۇنيا!!!
ناۋادا يۈرەكنى تىڭشىماق بولساڭ،
مۇزلىغان جەسەتنىڭ كۆزىگە قارا.....

ئۆتمۇش ئۇ!-دەپ قويغىن سورىغانلارغا،
ئۈتۈنەي قەبرەمگە بارمىغىن يوقلاپ.
قاچانمۇ كىلەركىن ئۈلۈم نۆۋىتى،
تاۋۇتقا يۆلىنىپ تۇراي مەن ساقلاپ.

شىئېرىم قان تۈكۈپ ئۆتسە يېنىڭدىن ،
يۈرۈكۈم يۈرۈكۈڭ بوشلىقى ئارا.
نە ھاجەت كۈلۈشكە بەدەل تۆلەشلەر،
ئۈلۈمۈم ھېجىيىپ تۇرسا قاپ قارا.

بىر تامچە يېشىمنى ئەۋەتتىم ساڭا،
قاباھەت سىرىدىن ئويغانماي تۇرۇپ.
بىر ئۇلۇغ پاكلىقتىن قاچماق بۇلىمەن،
شۇ تېنىم ئېسىلغان دارغا تەلمۈرۈپ.

2014-يىلى 24-فېۋرال ئاقسۇ ساجىڭزا (قۇمقۇدۇق)تا يېزىلدى

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +20 ئىناۋەت +20 تەڭگە +20 بايلىق +20 تۆھپە +7 يىغىش سەۋەبى
ahat0902 + 20 + 20 + 20 + 20 + 7 يارايسىز

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-9-27 11:10:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى چىقىپتۇ، قوللىرىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن.
ۋاقتى: 2014-9-27 11:15:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەھشەت ياخشى يىزىپسىز  شۇنداق مەنىلىك پاھ.........
ۋاقتى: 2014-9-27 11:44:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەۋرۇز ئەپەندىمنىڭ قەدىمىگە مەرھابا.
نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان يوقاپلا كەتكەنتىڭىز، ئەسلى يەنىلا ئاچچىق ھىسلارنى ئىزدەپ يۈرۈپتىكەنسىزدە. بۇ شېئىرمۇ شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ. تىلى شۇنداق تېتىملىق، مەزمۇن  ئويغاق پىكىرلەر بىلەن تويۇنغان.
قەلىمىڭىزگە دەرت كەلمىسۇن، سالامەت بولۇڭ.
ۋاقتى: 2014-9-27 12:04:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېرلىرىڭىز بىر بىرىدىن ئسىل جۇمۇ
ۋاقتى: 2014-9-27 15:51:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يېزىپسىز
ۋاقتى: 2014-9-27 15:51:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يېزىپسىز
ۋاقتى: 2014-9-27 21:45:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاھ چۇڭقۇر مەنالىق ھىسياتقا باي بولغان يەنە بىر شىئرىڭىنى ئۇقۇشقا مۇيەسسەر بولغىنىمدىن خۇرسەنمەن داۋاملىق يوللاپ تۇراسىز يوقاپ كەتمەي.
ۋاقتى: 2014-9-28 09:33:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز،شىئىرلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن.
ناھايتى ياخشى مول مەزمۇنلۇق ئەسەر ئەكەپسىز ، كۆپ رەھمەت ھارمىغايسىز ،ئىجادىيەتلىرىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-28 04:00

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش