روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1140|ئىنكاس: 6
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

دادا قەلبى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
             دادا قەلبى
           (دادا تىلىدىن)
ئەھلى مۆئمىن،دانىشمەن ئىدى دادام،
ماڭىمۇ ئۆگەتكەنتى دەستۇر-كالام.
ۋادەرىخا، ئالدىدا گۇناھكارمەن،
ئاجايىپ «بالا» بولدى مېنىڭ بالام.

كىچىكىدە قويۇپ بەرسەم مەيلىگە،
ئامراق بوپتۇ مەكتەپ ئەمەس سەيلىگە.
كىرىپ قالغاچ يامانلارنىڭ كەينىگە،
پۇشايمانغا ساقايمايدۇ دىل يارام.

بېرىۋەردىم كۈندە بىر پۇل سورىسا،
«ئەركەك» دىدىم ياۋاشلارنى تورىسا.
ئەركىلەتتىم كىملەرنىدۇ دورىسا،
مەن تۈپەيلى يولدىن چىقتى بۇ «ساقام».

ئوخشاپ قالدى يىپى ئۈزۈك لەگلەككە،
مادارىم يوق ئەمدى قايتا ئەگمەككە.
«ھاي» دىسەم گەر، سالار بەلكىم تەستەككە،
ئۇنى بۇ ھالغا سالغان مەن-ئەقلى-كام.

ئۆينى تاپماس بولدى ئۇ، مەيخانىدا،
كۆزىدىن خۇن ياغىدۇ ئەلپازىدا.
مەن يۈرىمەن ئارقىدىن دەۋاسىدا،
نەچچە رەت تەڭلىدى ئۇ ماڭىمۇ جام.

ئاڭلىسام ئاقمۇ چېكەرمىش بەزىدە،
خوتۇن قاقشار يوقىغاننىڭ دەردىدە.
«قولى ئەگرى» بالام ئىكەن ئەسلىدە،
بۇ بالامنىڭ شۇنچىلىك پەيلى قارام.

نە ئەدەپ- دىيانەتنى بىلمەيدۇ ئۇ،
بىر كۈنمۇ تېچ-جىدەلسىز يۈرمەيدۇ ئۇ.
نوچىدىن ئەمما ئاسان شۈكلەيدۇ ئۇ،
مەھەللە-كويغا ئەسلا بەرمەس سالام.

يىقىلغاننى يۆلەش تۈگۈل دەسسەيدۇ،
قوللىرىدا يانچۇقىنى چەنلەيدۇ.
بارمىقىدا كەملىرىنى جەملەيدۇ،
كۈنلىرى شۇ ھالەتتە قىلدى داۋام.

ئىش-ئەمگەكنى كۆڭلى تارتماس،خالىماس،
ئۆي قالمىدى مەھەللىدە مارىماس.
شۇ سەۋەب خەقلەر ئىشىكتىن داجىماس،
ئايرىمايدۇ قايسى پىششىق، قايسى خام.

بوپ قالدى ئۆيمۇ جىدەلنىڭ كانىدەك،
ئۇشبۇ بالام ھەممىمىزنىڭ «خان»ىدەك.
ئۇ كۆرۈنمەس ھىچ كىشىدىن رازىدەك،
بىزلا ئەمەس، خوشنىلارغا يوق ئارام.

مەيلى تارتماس بولۇپ قاپتۇ تاماققا،
ئاشقازاننى تېگىشكەچكە ھاراققا.
«پىيەنچۈك» دەپ قالدى خويمۇ ئاتاققا،
تاللىمىدى قايسى ھالال، قاي ھارام؟

ھەر كۈنى كىرگەچ جامائەت «داد» قىلىپ،
بۇ «بالا» قويدى مېنىمۇ يات قىلىپ.
قاچانغىچە يۈرەر دەيمەن«ئات» قىلىپ؟
غەمسىزلىكتە يۈزلىرىگە سوقۇپ تام.

كىمدىن رەنجەي، ئۆزۈم تاپقان بالاغا؟
ئىت ئەمەسكەن  قوغلاي دىسەم تالاغا.
پۇشايمانغا دورا يوقكەن ئالارغا،
«دىتسىز دادا» ھەقتۇر ماڭا مۇشۇ نام.

ئەجەپ بەكمۇ سېغىندىم مەن دادامنى،
دادامدەكلا تەربىيلىمەي بالامنى.
ئۇ بولسىدى سورار ئىدىم چالامنى،
بالام ئۈچۈن ئۆگىنەتتىم مەن تامام.

ھەر قارىسام جان بالامنىڭ ھالىغا،
يىغلىغۇم بار يۇشۇرۇنۇپ خالىغا.
ئۆزگەرسىدى بالام ئەگەر نالىغا،
مەن بولاتتىم نالە بىلەن ئېرىپ شام.

بالا قىلىپ چىقالمىسام «بالا»منى،
ئۇ ئالەمدە دادام سىقار ياقامنى.
كېچىكسەممۇ دوراپ باقاي دادامنى،
ئەجەپ ئەمەس يولدىن قايىتسا جان بالام.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +20 ئىناۋەت +20 تەڭگە +20 بايلىق +20 تۆھپە +7 يىغىش سەۋەبى
anginar + 20 + 20 + 20 + 20 + 7 يارايسىز

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-9-8 01:28:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوپ قالدى ئۆيمۇ جىدەلنىڭ كانىدەك،
ئۇشبۇ بالام ھەممىمىزنىڭ «خان»ىدەك.
ئۇ كۆرۈنمەس ھىچ كىشىدىن رازىدەك،
بىزلا ئەمەس، خوشنىلارغا يوق ئەمەس

بۇ كوپلىتقا تازا دىققەت قىلماي قالدىڭىزمۇ قانداق؟ 4-مىسرانى قايتا ئىشلەپ باقسىڭىز.
ئەھمىيەتلىك ،مەزمۇنلۇق تېما بوپتۇ. قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىغاي.

باھا سۆز

راست، بىر سۆز چۈشۈپ قاپتۇ. ئەسلى: بىزلا ئەمەس، خوشنىلارغا يوق ئارام. خىرىستالغا رەھمەت.  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-9-8 08:42
ۋاقتى: 2014-9-8 01:42:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەششەت ياخشى يېزىپسىز ، ھارمىغايسىز  ( ئاكاش )
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-9-8 08:42:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
HIRISTAL يوللىغان ۋاقتى  2014-9-8 01:28
بوپ قالدى ئۆيمۇ جىدەلنىڭ كانىدەك،
ئۇشبۇ بالام ھەممىمى ...

راست، بىر سۆز چۈشۈپ قاپتۇ.
ئەسلى:
بىزلا ئەمەس، خوشنىلارغا يوق ئارام.
خىرىستالغا رەھمەت.
ۋاقتى: 2014-9-8 10:15:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قولىڭىزغا دەت كەلمىسۇن ھارمىغايسىز.
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2014-9-11 05:21:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى چىقىپتۇ قەلىمىڭىز ئۆكسىمىسۇن !

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-19 15:48

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش