روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1095|ئىنكاس: 3
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

مىكرۇ ھېكايە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەڭ قىممەتلىك نۇتۇق
مەكتىپىمىزدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى يۇقۇرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى .
- مەن كۆپچىلىككە «خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇش » دېگەن تېمىدا سۆزلەيمەن ،-نۇتۇق سۆزلىگۈچى نىھات جاراڭلىق ئاۋازدا شۇنداق دىدى-دە،ئۇشتۇمتۇتلا سەھنىدىن چۈشۈپ ، مەغرۇر قىياپەتتە يىغىن زالىدىن چىقىپ كەتتى .
پەستە ئولتۇرغان ئاڭلىغۇچىلار بىر -بىرىگە قارىشىپلا قېلىشتى ، ئۇلار باشتا تۆۋەن ئاۋازدا غولغۇلا قىلىشىپ ،نىمىلەرنىدۇ قىياس قىلىشسا ، ئارقىدىنلا ۋاراڭ -چۇرۇڭ قىلىشىپ ، ئاچچىقتىن ئۆزلىرىنى باسالماي قېلىشتى .
كۆپچىلىكنى ساراسىمگە سالغان بەش مىنۇتمۇ ئۆتۈپ كەتتى، ئوسال ئەھۋالغا سالغان نىھات ئەپەندى ئېرىنچەكلىك بىلەن سەھنىگە قايتىپ كەلدى .ئۇ تەشۋىشلىنىۋاتقان ، غەزەپتىن يېرىلغۇدەك بولۇپ كەتكەن ئاڭلىغۇچىلارغا قاراپ تولۇپ تاشقان ھېسسىيات بىلەن :«ئەگەر مېنىڭ نۇتۇق سۆزلەۋېتىپ سەھنىدىن ئايرىلغىنىمنى كەچۈرگىلى بولمايدۇ ، دەيدىغان بولساق ، ئۇنداقتا خىزمەت ۋاختىدا ئىنتىزام بوش بولۇش ،مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش ،خىزمەت ئورنىدىن خالىغانچە ئايرىلىش ئەھۋاللىرىنى ئەجىبا ئەيىپلەش كېرەك ئەمەسمىكەن؟مېنىڭ سۆزۈم تۈگىدى.كۆپچىلىككە رەھمەت!»دىدى-دە،سەھنىدىن چۈشۈپ كەتتى.
كىشىلەر قىسقا ۋاقىتلىق سۈكۈتتىن كېيىن،قۇلاقنى يارغىدەك دەرىجىدە ئالقىش ياڭراتتى .

( ماتىريالدىن )
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-9-5 19:38:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارام كۈنىڭلارغا خۇشاللىق يار بولسۇن.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-9-5 19:38:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارام كۈنىڭلارغا خۇشاللىق يار بولسۇن.
ۋاقتى: 2014-9-5 22:54:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمەلىي  مىسال ھەرىكىتى  بىلەن سۆزلىگەن نۇتۇق ئىكەنغۇ   بۇ  

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-21 18:32

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش