روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 3704|ئىنكاس: 2
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

دەرستە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
دەرستە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەشتە، سۆھبەتلىشىش، ئاتا-ئانىلار بىلەن سۆھبەتلىشىش، ئايرىم تاپشۇرۇق بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ ھىچقانچە ئۈنۈم ھاسىل قىلالمىغان ئىدىم. بۇ ماۋسۇمنىڭ بېشىدا سىنپىمدىكى 15 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ دەرستە يېتىشەلمەيۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن كۆپ ئىزدىنىپ، ئاخىرى بىر قانچە يېتەكلەش ئۇسۇلىنى تالاپ ئىشلىتىپ ئۈنۈمىنى كۆردۈم. ئوقۇتىش ساھەسىدە جاپالىق ئىشلەۋاتقان سەپداشلىرىمنىڭ مەن قوللانغان ئۇسۇللارنى قوللۇنىپ سىناپ بىقىشىنى تەۋسىيە قىلمەن.
) V/ Q5 C& O' `2 R* X3 L7 ]' fسىنىپتىكى 15 نەپەر ساۋاقداشنى كۇزۇتىش، ئايرىم سۆھبەت ئىلىپ بىرىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ تىرىشىپ ئۆگىنىپ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇرۇشىگە ئۆزىنىڭ ئىشەنچىسى يوقلىقىنى ھېس قىلىپ، ئۇلارغا ھەر جەھەتتىن يېقىنلاشتىم، دەم ئىلىش ۋاقىتلىرىدا بىللە بولدۇم، سىرداشتىم، بىرەر ئارتۇقچىلىقىنى سەزگەن ھامان  باشقا ساۋاقداشلارنىڭ ئالدىدا ئالاھىدە تىلغا ئىلىپ رىغبەتلەندۈرۈش ئارقىلىق ئۆزىدە باشقا ساۋاقداشلاردا يوق ئارتۇقچىلىقىنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلدۇردۇم ۋە قەدەممۇ قەدەم يىقىنلىشىپ، مەن بىلەن ئەركىن ئازادە پاراڭلىشالايدىغان، ھىيىقمايدىغان ھالەت شەكىللەندۈرۈپ، سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ماڭا ماسلىشىپ تىرىشچانلىق كۆرسەتسىلا سىنىپتىكى دەرستە نۇرمال كېتىۋاتقان ساۋاقداشلىرى بىلەن تەڭ دەرىجىدە نەتىجىگە ئېرشەلەيدىغانلىغىنى ئېيتىپ ئىلھاملاندۇردۇم.2 S# W5 V- E* k& F+ K- Iبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بىرىنجى قەدەمدە، «‹ئانا› ناملىق شېئىرنى كىم يازغان؟»، « ‹بالا مېھرى›ناملىق ھېكايىدە قانچە پرسۇناژ بار؟»، «ئەخمەت ئىمىن قاچان،  قەيەردە تۇغۇلغان؟» دېگەندەك ئاددى سۇئاللارنى بېسىپ چىقىرىپ،ياكى قەغەزگە يېزىپ ھەربىر ئوقۇغۇچىغا بىردىن تارقىتىپ بېرىپ، تىل-ئەدەبىيات كىتاپتىن پايدىلنىپ جاۋاپ يېزىپ كېلىشكە تاپشۇرۇق بەردىم. ئوقۇغۇچىلار تاپشۇرۇقنى تولۇق ئىشلىگەن بولۇپ، روھى كەيپىياتى كۆتۇرلۇپ قالغان ئىدى. مەن خېتى چىرايلىق، جاۋابى رەتلىك يېزىلغان بىر قانچە ۋاراقنى كۆرسىتىپ، ئۇلگە كۆرسەتتىم ۋە ساۋاقداشلارنى ئىلھاملاندۇردۇم. بۇ ئۇسۇلنى ئىككى ھەپتە زىرىكمەي داۋاملاشتۇردۇم.  ساۋاقداشلارمۇ خىلىلا جانلىنىپ قالدى. ئەمما، بۇ ساۋاقداشلارنىڭ بەزىلىرى دەرسخانىدا دىققىتىنى يېغالمايدىغانلىغىنى ھېس قىلدىم. مەن « قانداق قىلغاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسخاندىكى دىققىتىنى مەركەزلەشتۇرگىلى بولىدۇ؟» توغرىسىدا كۆپ ئويلىنىپ تۆۋەندىكىدەك ئۇسۇل ئارقىلىق ئىككىنچى قەدىمىمنى باشلىدىم. % c6 f5 S0 X# N- E/ e6 q6 N. Gبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ھەر سائەتلىك دەرسكە كېرىشتىن بۇرۇن، شۇ سائەتتە ئوتۇلىدىغان مەزمۇن بويىچە بوش ئورۇن تولدۇرۇش، ھۆكۈم قىلىش، مۇلاھىزە قىلىش سۇئاللىرىنى بېسىپ چىقىرىپ، يېتەكلەۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا تارقىتىپ، بىر تەرەپتىن دەرس ئاڭلاپ، بىر تەرەپتىن سۇئاللارغا جاۋاپ بېرىشكە تەشكىللىدىم. ھەر بىر مۇھىم مەزمۇن ئوتتۇرغا قويۇلغاندا ئۇلاردىنمۇ سۇئال سوراپ مۇستەقىل پىكىر قىلىشقا، ھىچ بولمىغاندا باشقا ساۋاقداشلىرىنىڭ جاۋابلىرىنى ئاڭلىغىنى بويىچە ئېيتىپ بېقىشقا تەشكىللىدىم.  جاۋاپ يېزىلغان قەغەزلەرنى دەرستىن چۈشكەندە يىغىۋىلىپ دەرھال تەكشۇرۇپ خۇلاسىلاپ بەردىم. بۇ جەرياندا ئوقۇغۇچىلارنى زىرىكمەي ئىلھاملاندۇردۇم. بۇ ئۇسۇلنى زىرىكمەي 7 ھەپتە داۋاملاشتۇردۇم.
: R2 O4 e6 G$ j+ ^8 f4 n4 cچارەكلىك ئىمتىھان نەتىجىسىگە قاراپ 15 نەپەر ئوقۇغۇچىدىن 9 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ خىلىلا ئىلگىرلەپ يېتەكلەشنىڭ ئۈنۈمى بولغانلىغىنى ھېس قىلدىم. ئىمتىھان نەتىجىسى لاياقەتسىز چىققان 6 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ ئىمتىھان قەغىزىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزۈتىپ، بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل-ئەدەبىيات نەزىريە قىسمىدىن قىينىلدىغانلىغىنى بايقاپ چىقىپ ئۈچىنجى قەدەمدىكى يېتەكلەش ئۇسۇلىنى ئىلىپ باردىم.
3 K! f5 Q7 b( C1 R# F& {بۇ 6 نەپەر ئوقۇغۇچىغا تېكىست ئىچىدىن ئوخشىتىش، جانلاندۇرۇش، سۇپەتلەش، مۇبالىغە قاتارلىق ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەر قوللىنىلغان جۈملىلەرنى، مۇھىت تەسۋىرى، تىل تەسۋىرى، ھەركەت تەسۋىرى، تاشقى قىياپەت تەسۋىرى، پسىخىك تەسۋىرى قاتارلىق تەسۋىرى جۈملىلەرنى تىپىپ كۆچۈرىپ يېزىپ كىلىش تاپشۇرقى بېرىش ئارقىلىق تىل-ئەدەبىيات نەزىريەۋى جەھەتتىن يىتەكلەش ئىلىپ باردىم. ھەر سائەتلىك سىناق ۋاقتىدا ئۇلارنى ئىستىلىستىكىلق ۋاستىلەردىن پايدىلنىپ ئىجادىي جۈملە تۈزۈپ بېقىشقا تەشكىللىدىم. ھەر خىل شەكىلدىكى تاپشۇرۇق بىرىش ئارقىلىق، (مەسىلەن: ھېكىمەتلىك سۆزلەرنى كۆچۈرمە جۈملە ۋە ئۆزلەشتۈرمە جۈملە قىلىپ يېزىپ كېلىش. ۋەتەنپەرۋەرلىك، ئىناقلىق ۋە ھەرخىل تېمىدىكى ماقال-تەمسىل يېزىپ كىلىش. قامۇ-قارشى مەنىلىك سۆزلەرنى يېزىپ كېلىش . ئوخشىتىش قوللىنىلغان جۈملىدىكى ئوخشالغۇچى، ئوخشىغۇچى ۋە ئوخشىتىش قوشۇمچىسىنى ئايرىپ يېزىپ كىلىش ...) ئۇلارنىڭ تىل-ئەدەبىيات نەزىريە بىلىمىنىڭ قەدەممۇ قەدەم ئېشىپ بېرىشىغا ئاساس سالدىم.
9 N8 K8 V: D* B$ |5 P) m9 S   ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەش جەريانىدا ئاتا-ئانىلار بىلەن كۆپرەك ئالاقىلشىپ، ئۇلارنىڭ مېنىڭ يېتەكلەش خىزمىتىمنى قوللاپ ۋە ماسلىشىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە تاپشۇرقىنى تولۇق ۋە مۇستەقىل ئىشلىشىگە شارائىت يارتىپ بېرشىنى قولغا كەلتۇردۇم. ئوقۇغۇچىلارنى مۇۋاپىق ھالدا ماختاش ۋە ئىلھاملاندۇرۇشنى داۋاملاشتۇردۇم . بۇ جەرياندا ماختاشنى چەكتىن ئاشۇرۋەتمىدىم، شۇنداقلا ئىرادىسىزلىق قىلغان ئوقۇغۇچىلارنى غورۇرىغا تەگمىگەن ئاساستا خىجىل قىلىپ تەنقىدلەشنىمۇ قولدىن بەرمىدىم. نەتىجىدە سۈپەت تەكشۈرۈش ئىمتىھاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل-ئەدەبىيات نەتىجىسىنىڭ ئومۇميۈزلىك يۇقۇرى كۆتۇرۇلگەنلىگىنى كۆرۇپ يېتەكلەش ئۇسۇلۇمنىڭ ئۈنۈملىك بولغانلىغىنى ھېس قىلدىم.
3 V! Y! ~4 V2 t6 pپەقەت بىز زىرىكمەي، بەل قويىۋەتمەي، سەۋىرچان بولۇپ يېتەكلەش خىزمىتىمىزنى داۋاملاشتۇرساقلا دەرستە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەشتە ئۈنۈم ھاسىل قىلالايمىز.2 L" R. P1 g1 H# H  ?, ~/ f5 Hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +40 ئىناۋەت +25 تەڭگە +25 بايلىق +10 تۆھپە +10 يىغىش سەۋەبى
ADiL + 40 + 25 + 25 + 10 + 10 تېخىمۇ تىرىشىڭ

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-8-29 21:17:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مائارىپىمىزدا مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەمەلى تەجربىلىئەر بىر قەدەر كەمچىل بولىۋاتىدۇ، روھلانغا تىزىملاتقاندىن كېيىنكى تۇنجى تېمىڭىزدا ناھايىتى ياخشى تېما يوللاپسىز، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مۇشۇنداق ئەمەلى تەجرىبىلەر ۋە پايدىلىنىشچانلىقى يۇقىرى ماتىرىياللارنى يوللاپ تۇرارسىز.
ۋاقتى: 2014-9-2 14:45:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى تېما يوللاپسىز ، ماقالە توغرىسىدا ئەتىراپلىق مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپسىز ، رەھمەت

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-6 03:50

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش