روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1269|ئىنكاس: 7
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

[شېئىر] كەپتىرىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
       كەپتىرىم

كۆكتە كۆزنى تالدۇرۇپ،
ئويناقلىغان كەپتىرىم.
«چۈش»دىسەممۇ يالۋۇرۇپ،
موللاقلىغان كەپتىرىم.

مېنىڭكىدۇر تۆت پەسىل،
دەيدۇ پەقەت مەن ئېسىل.
قىلىقلىرى قىرىق خىل،
نايناقلىغان كەپتىرىم.

ئۇچقان ھامان چۈشىدۇ،
دىسەم قاپاق تۈرىدۇ.
مېنى يامان كۆرىدۇ،
ئايماقلىغان كەپتىرىم.

ئۇچۇپ يۈرۈپ قانمىدى،
ئۇچسا تۇمار ئاسمىدى.
ئەندىشلىرىم ئازمىدى؟
تايتاقلىغان كەپتىرىم.

ئاخىر ئاپتۇ قارچىغا،
خوش جانىۋار، ئەلۋىدا.
ھەر ئويۇننىڭ چېكى با(ر)،
قايناقلىغان كەپتىرىم.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-8-8 10:47:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىپسىز بۇ شىئرنى كەپتىرىڭىز كۆرسە بەلكىم نايناقلىماس،
ۋاقتى: 2014-8-7 16:54:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىپسىز  .  قارغاندا ئامراق كەپتىرىڭىزنى لاچىن سوققان ئوخشىمامدۇ
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-8-7 17:18:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ، ئىشقىلىپ كۆزى يامان بىلەن قارنى ياماننىڭ بىرى سوقۇپ كېتىپتۇ.
ۋاقتى: 2014-8-7 20:12:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ كەپتەرگە بەك ئامراق، كەپتەر دىگەن غاز ئۆردەكتىن پاكىز، ھەم كۆپ نەپ بىرىدۇ، باچكىسىنىڭ قىنى گۆشىمۇ شىپالىق.

ياخشى يىزىپسىز شىئىرنى.
ۋاقتى: 2014-8-9 22:41:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باققان نەرسىمىزگە ئوبدان كۆز-قۇلاق بولايلى دوستۇم،بولمىسا باشقىلار جۆندىۋېتىدۇ
ۋاقتى: 2014-8-12 15:35:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخىشى يېزىپسىز،ئاخىرى ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-8-12 16:31:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەرداشلارنىڭ ياخشى تىلەكلىرىگە رەھمەت.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-21 14:16

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش