روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1407|ئىنكاس: 9
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئېلانچى---(ئەنگىنئەر)

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئېلانچى

ئەنگىنئەر



ساختا مالنى "ئېلىڭ" دەپ زورلاپ كەتكەن ئېلانچى،
چەتنىڭكىنى ئەيمەنمەي داڭلاپ كەتكەن ئېلانچى،
"سۇڭەك يىگەن ئىتلاردەك" قاۋاپ كەتكەن ئېلانچى،
ئېلان بىلەن يېنىنى چىڭداپ كەتكەن ئېلانچى،
پايدا ئۈچۈن كۆڭلىمۇ قارداپ كەتكەن ئېلانچى.

ياخشى مالغا نە ھاجەت،ئېلان بېرىش-كۆپتۈرۈش،
چەتتىن كىرگەن دەپ يەنە ،ماختاپ-كۆككە كۆتۈرۈش،
شەرتىمىكىن ئېلاندا "بىزنىڭ"كىنى چۆكۈرۈش،
كاملىق قىلار ئۇلارنىڭ يۇزلىرىگە تۈكۈرۈش،
ئۆز خەلقىنىڭ كۆزىنى باغلاپ كەتكەن ئېلانچى.

ۋەتەنسىزلىك تارايدۇ ئۆلارنىڭكى  سۆزىدىن،
شۈملۈق ياغار سەپ سالساق ئېلانچىلار كۆزىدىن،
"يۇرتۇڭ قەيەر،ئۆزۈڭ كىم؟"سورىمايدۇ ئۆزىدىن،
پايدا ئۈچۈن ئېنىقلا يۈگرەپ چىقار گۆرىدىن،
"چەتنىڭ"كىنى ئېسىل دەپ ماختاپ كەتكەن ئېلانچى.

ئېسىل بولسا چەتنىڭكى،ئېيتىڭ بىزگە ئاشامدۇ؟!
ئېلان بېرىپ بەس-بەستە تۆكمە قىلىپ ساتامدۇ؟!
شىپا بەرسە دورىسى،دوختۇرخانا ئاچامدۇ؟!
بىزنىڭكىمۇ ئۇلارغا بىلەمسىزكىن ياقامدۇ؟!
ساختا سۆزدە خەلقىنى  ئالداپ كەتكەن ئېلانچى.

ئالدىنىمىز بىزمۇ ھەم "ئېلانچى"لار ئالدىسا،
چاپلىشىمىز سالجىدەك "چەتنىڭ"كى دەپ داڭلىسا،
سۇ كىرمەيدۇ بۇرۇنغا،"بۈركۈت ئالساق،سا چىقسا"،
غىڭ قىلمايمىز بىر قېتىم ،ئېلان بىلەن چايلىسا،
بۇ  خۇيلارنى بۇرۇنلا پايلاپ كەتكەن ئېلانچى.

تېلۋىزوردا، رادىئودا ئېلاندىن كۆپ نەرسە يوق،
بىرى ماختار پىرەنىك ،-بۈگۈن باردۇر ئەتە يوق،
بۇنى يىگەن جىمغۇرمۇ ،بوپ كېتىدۇ بەكمۇ شوق،
دىيەلمەيدۇ ھېچكىممۇ ئەتە يەيچۇ،- قوساق توق،
چەتنىڭكىگە ئاشىقتەك توۋلاپ كەتكەن ئېلانچى.

پالان يەردىن كىرگەنمىش ،نامى ھەيۋەت ئىچىملىك،
قۇۋۋەت بېرەر ئەرلەرگە ،ئالامەتتۇر –تېتىملىق،
پەرى قىلار قىزلارنى ئىچىپ بەرسە رېتىملىق،
(ھۆ قىلىدۇ ئىچكەنلەر ،پەقەت بىرلا قېتىملىق)،
خائىنلارنىڭ خۇيىنى دوراپ كەتكەن ئېلانچى.

بەزىلەرگە توتىيا تۇپىسىمۇ  چەتنىڭكى،
لاي سۈيىمۇ ھەسەلدەك تېتامدىكىن چەتنىڭكى!
كىيگىنى ۋە يىگىنى،مىنگىنىمۇ چەتنىڭكى،
ئويلىمايمىز بىز نىچۇن ئۇ بەرىبىر خەقنىڭكى!
ئۆز ئىلىنىڭ ھولىنى كولاپ كەتكەن ئېلانچى.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 3تەجرىبە +70 ئىناۋەت +81 تەڭگە +54 بايلىق +40 تۆھپە +40 يىغىش سەۋەبى
Ayshemgul + 15 + 9 ماختاشقا تېگىشلىك
نەپرەت + 11 + 5 ياقتۇردۇم
ADiL + 70 + 55 + 40 + 40 + 40 ماختاشقا تېگىشلىك

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-7-21 21:23:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى يېزىلغان، تەربىيىۋىي ئەھمىيىتى زور بولغان شېئىركەن. قەلىمىڭىز يەنىمۇ بەرىكەتلىك بولغاي.
ئېلانچىلا ئۆزىنىڭ نوقتىسىدا تۇرۇپ شېئىر يېزىپ باقسا تېخىمۇ قىززئىق بولاتتى
ۋاقتى: 2014-7-22 00:00:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن  ياخشى يىزلىپتۇ قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن.
پاھ پاھ ھۇي.
ئەنگىنئەر ئەپەندىنى نىمدا ئۇزاق يوقاپ كىتىدىغاندۇ دەپ ئەنسىرەپ تۇرسام،ئىلانچىلارنى كۆزىتىپ ئاۋارە بوپتىمۇ نىمە ھى ھى ھى.
بەك ياقتۇردۇم بۇ شىئىرىڭىزنى.رەھمەت ئۇستاز.
رەخمەت رەخمەت
ۋاقتى: 2014-7-22 11:15:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئىسىل يىزىپسىز شىئىرنى.

ھازىر بەزى نەپسانىيەتچى سودىگەرلەر مۇسۇلمانچە
بولمىغان يىمەكلىك، ئىچىملىكلەرگىمۇ تەپ تارتماستىن
مۇسۇلمانچە دىگەن ماركىنى چاپلىۋىلىپ، خىرىدارلارنى
ئالداپ، ئۇلارنىڭ ئىمانىنى بۇلغاپ كىلىۋاتىدۇ.
ۋاقتى: 2014-7-22 18:46:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجەپ كۆڭلۈمدىكى سۆزلەر بوپتۇ بۇ . دىمىسىمۇ بۇ ۋەتەنسىزلەر ئۆزلىرى نەدە ياشاپ نەدە جان بېقىۋاتىدۇ ، چەتنىڭكىنى ماختاپ ئاغرىدىن  شۆلگەيلىرى ئاقىدۇ . ئادەمنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ ، ھازىر چولپانلارمۇ .....شۇ .
دەھشەت شېئىركەنغۇ ماۋۇ
ۋاقتى: 2014-7-26 15:00:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازمىڭىز قەلىمىڭزنىڭ كۈچىنى نامايەن قىلىپ تۇرۇپتۇ. ياخشى بىر يازما يوللاپسىز رەھمەت سىزگە

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-24 12:08

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش