روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1221|ئىنكاس: 4
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

قىپقىزىل يۈرەك

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
               قىپقىزىل يۈرەك
ۋەتەننى مۇقەددەس دەپ يېزىپ كەلدىم،
ھەر قۇردا مۇھەببەتنى تىزىپ كەلدىم.
« ئالمىدەك يۈرەكتە ئالەمچە سۆيگۈ»،
قىپقىزىل يۈرىگىمنى سىزىپ كەلدىم.

تۇغۇلۇپ كۆز ئاچقاندا بۇ دۇنياغا،
ۋەتەندە تويۇندۇم نۇر ۋە ھاۋاغا.
ئۇ بەرگەن قاناتتا ئۇچتۇم ساماغا،
بەخىتنى ئۆز ئېلىمدىن قېزىپ كەلدىم.

ئالتۇنرەڭ تۇپرىقى-مۇنبەت، تۇتىيا،
ئۈستى باغ، ئاستى ياغ، جەننەتتۇر گويا.
چېھرىدىن پارلايدۇ شادلىق، نۇر-زىيا،
مېھرىدىن چىن سۆيگۈگە قېنىپ كەلدىم.

دەريادا سۇ ئەمەس، كۆڭۈل ئاقىدۇ،
تامچىسى كەۋسەردۇر، تىلنى يارىدۇ.
تەشنالىق قانىدۇ، دىلغا بارىدۇ،
ئاشۇنداق تاتلىق تەمنى تېتىپ كەلدىم.

ئورمانلار ياپرىقى تىللاغا رەڭداش،
ھەر مىللەت شاخلىرى، تۇققان-قېرىنداش.
مەڭگۈلۈك ئارزۇ شۇ-خاتىرجەم ياشاش،
ئىناقلىق رىشتىسىنى چېتىپ كەلدىم.  
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-7-10 10:15:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت.قېرىندىشىم.قەلىمىڭىز راستلا ئۆتكۈركەن
ۋاقتى: 2014-7-10 11:07:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز ھەممىمىز ئېغىزىمىزدا قانداقتۇر قۇرۇقتىن- قۇرۇقلا «ۋەتەنپەرۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، بىرلىك!» دەپ جېنىمىزنىڭ بارىچە توۋلايمىز، دوراپ توۋلايمىز- يۇ، نېمىنىڭ زادى ۋەتەنپەرۋەرلىك بولىدىغانلىقىنى، قانداق قىلسا ۋەتەنپەرۋەرلىككە يات، قانداق قىلسا ۋەتەنپەرۋەرلىككە يېقىن بولىدىغانلىقىنى زېھنىمىزنى قويۇپراق ئويلاپ قويمايمىز، ئويلاشنى بىرخىل ئارتۇقچە دەپ ئويلايمىزمۇ بىلمىدىم. بىراق بىلىشىمىز كېرەككى ھەممىمىز بىرلىككە، ئىتتىپاقلىققا، تېنچ تۇرمۇشقا، دۆلىتىمىز ۋە دۆلىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىناق- ئىتتىپاق بولۇپ گۈللەپ- ياشنىشىغا مۇھتاج.
«نۇرلان» ئەپەندىمنىڭ «قىپقىزىل يۈرەك» ناملىق بۇ شېئىرىدا ئاددىي ئىبارىلەر ئارقىلىق بىر ئادەمنىڭ ۋەتەنگە، ئۆزى توغۇلۇپ ئۆسكەن ئانا تۇپراققا بولغان مۇھەببىتى، ئەقىدىسى، ئەشۇ ئانا تۇپراق نېممەتلىرىدىن بەھرلىنىپ كېلىۋاتقانلىقى، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ھەممىمىزنىڭ تېنچ، خاتىرجەم تۇرمۇشقا مۇھتاج ئىكەنلىكىدەك ئارزۇ- تېلەكلەر تولىمۇ جانلىق، ئوبرازلىق ئەكس ئەتتۈرۈلۈپتۇ.
تېنچلىق بىزگە شاد- خوراملىق ئېلىپ كېلىدۇ، ئەكسىچە بولغاندا ھىچقايسىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئارامچىلىق يوق. شۇڭا بىز مەيلى كىم بولايلى، قايسى ساھەدىن بولايلى ئۆز ئىشىمىزنى ياخشى قىلىشىمىز، تېنچلىقنى قەدىرلىشىمىز لازىم.
ۋاقتى: 2014-7-11 00:42:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
[تېنچلىق بىزگە شاد- خوراملىق ئېلىپ كېلىدۇ، ئەكسىچە بولغاندا ھىچقايسىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئارامچىلىق يوق. شۇڭا بىز مەيلى كىم بولايلى، قايسى ساھەدىن بولايلى ئۆز ئىشىمىزنى ياخشى قىلىشىمىز، تېنچلىقنى قەدىرلىشىمىز لازىم.]

جام ئەپەندىنىڭ بۇ سۆزى ناھايىتى جايىدا ئېيتىلىپتۇ.تىنچ بولغان تۇرمۇش مۇھىتى ھەممىمىزنى خاتىرجەم قىلىدۇ.

دەريادا سۇ ئەمەس، كۆڭۈل ئاقىدۇ،
تامچىسى كەۋسەردۇر، تىلنى يارىدۇ.......

دۇنيا مېھىر-مۇھەببەت بىلەن گۈزەل. بۇ تېمىنى دەل ۋاختىدا يوللاپسىز ،ئىناق-ئىتتىپاقلىقنى كۈيلەشكە

باھا سۆز

ئىناق-ئىتتىپاقلىقنى كۈيلەشكە ھەقىقەتەن ساغلام يۈرەك كېرەك. تېمىڭىزغا مۇبارەك ،قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىغاي.  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-7-11 00:45
ۋاقتى: 2014-7-11 00:45:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
HIRISTAL يوللىغان ۋاقتى  2014-7-11 00:42
[تېنچلىق بىزگە شاد- خوراملىق ئېلىپ كېلىدۇ، ئەكسىچە بول ...

ئىناق-ئىتتىپاقلىقنى كۈيلەشكە ھەقىقەتەن ساغلام يۈرەك كېرەك. تېمىڭىزغا مۇبارەك ،قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىغاي.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-19 06:28

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش