روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1596|ئىنكاس: 9
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

چۈشلىرىڭگە كىرىپ قالسام ناۋادا...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نۇرلان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-5 22:15  

چۈشلىرىڭگە كىرىپ قالسام ناۋادا

چۈشلىرىڭگە كىرىپ قالسام ناۋادا،
ئوتلۇققىنا ھىسلىرىڭدا سۆيەمسەن؟
ئاققۇلاردەك يىنىك لەيلەپ ھاۋادا،
مامۇق پەيدە ئويغاتماق بوپ يۈرەمسەن؟

چۈشلىرىڭگە كىرىپ قالسام ناۋادا،
بىرەر تامچە ياش سىرغامدۇمەڭزىڭدىن؟
قار ئۇچقۇنى لەپىلدىسە تالادا،
ئاشىقىڭغا چوغ سۇنامسەن قەلبىڭدىن؟

چۈشلىرىڭگە كىرىپ قالسام ناۋادا،
كۆزلىرىڭنى ئېپ قاچامسەن كۆزۈمدىن؟
ۋەسلىڭ ئىزدەپ يۈرمەكتىمەن تامادا،
سېنى ھەتتا قىزغىنىمەن ئۆزۈمدىن.

چۈشلىرىڭگە كىرىپ قالسام ناۋادا،
چۈشلىرىمىز گىرەلىشىپ كەتسىكەن.
زەڭگەر بۇلۇت سايىۋەن بوپ سامادا،
تۇيغۇلىرىم دىل قەسرىڭنى چەكسىكەن.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ما تىمىدا ئادەم زەھەرلەيدىغان مەزمۇن باكەن  ھاھاھا ھىھى ھى ھى ھۈ
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-7-5 23:23:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زوراۋانلىق-تېرورلۇق تەرغىپ قىلىنمىغاندۇ نەپرەتجان؟
ۋاقتى: 2014-7-5 23:46:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ يېڭى ئۇسلۇپمۇ نىمە
来自安卓客户端
نۇرلان يوللىغان ۋاقتى  2014-7-5 23:23
زوراۋانلىق-تېرورلۇق تەرغىپ قىلىنمىغاندۇ نەپرەتجان؟

ياقەي..ئۆزلەنى دوراپ قويدۇققۇ..ئالدېنقى ئىنكاسلىرى ئەسلىرىدە بادۇ.
ۋاقتى: 2014-7-6 06:06:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاملىشىپتۇ.ھارمىغايسىز
来自安卓客户端
ياخشى چىقىپتىغۇ مانا، خۇددى ئابدۇل تېرىنىڭ ئۆزىكەن ماۋۇ شائىرىمىز ھا ھا ھا…

باھا سۆز

دىمەكچى بولغىنىڭىزنى چۈشەندىم.  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-7-9 19:32
ئابدۇل تېرە سىزنىڭ تونۇشىڭىزما؟ مەن تونۇمايدىكەنمەن.  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-7-6 11:51
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-7-6 11:51:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
13667573094 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-6 11:29
ياخشى چىقىپتىغۇ مانا، خۇددى ئابدۇل تېرىنىڭ ئۆزىكەن ما ...

ئابدۇل تېرە سىزنىڭ تونۇشىڭىزما؟ مەن تونۇمايدىكەنمەن.
ۋاقتى: 2014-7-9 19:32:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
13667573094 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-6 11:29
ياخشى چىقىپتىغۇ مانا، خۇددى ئابدۇل تېرىنىڭ ئۆزىكەن ما ...

دىمەكچى بولغىنىڭىزنى چۈشەندىم.
ۋاقتى: 2014-7-9 19:33:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز ، يەنىمۇ كۆپرەك يېزىپ تۇرۇشىڭىزغا تىلەكداشمەن.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-23 04:19

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش