روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1623|ئىنكاس: 12
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

مەن سەن ئۈچۈن يىغلىغان چاغدا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مەن سەن ئۈچۈن يىغلىغان چاغدا

ئابدۇرېھىم ئابدۇۋەلى (ئاسۇق)

مەن سەن ئۈچۈن يىغلىغان چاغدا،
شاتلانغانسەن بەلكىم كۈلۈپ خوش.
تويۇڭ بولدى مەن ئۆلگەن كۈنى،
(مومكىن ئەمەس بۇنى تولدۇرۇش).

مەن سەن ئۈچۈن يىغلىغان چاغدا،
سەن شادلىنىپ كۈلگەنسەن بەلكىم.
لازىم ئەمەس سىنىڭ كۆز يېشىڭ،
شوخ كۈلكەڭگە تەشنا يۈرۈكۈم.

مەن سەن ئۈچۈن يىغلىغان چاغدا،
بولساڭ ئىدىڭ يېنىمدا بىر رەت.
قەدەھ بىلەن يىقىلسا سايەم ،
شۇ دەقىقتىن ئالاتتىم لەززەت.

2009-يىلى 13-ئاپرىل ئاقسۇ ساجىڭزا(قۇمقۇدۇق)
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-6-17 21:48:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن سەن ئۈچۈن ياش تۆككەن چاغدا،
تولغىناتتى جېمىكى ئالەم.
ئاشىقىڭنىڭ يۈرىكى داغدا،
چۈشەنمەستىن يۈرەمسەن، لالەم؟!

نەۋۇرز ئەپەندىمنىڭ ئوتلۇق مىسرالىرىغا  جۆر بولغۇم كەلدى.
قەلىمىڭىز يەنىمۇ بەرىكەتلىك بولسۇن، بۇرادەر.
ۋاقتى: 2014-6-17 22:08:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرىڭىزنى ئوقۇپ ھەۋەس ئۇستازنىڭ شېئىرىنى ئوقۇغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالدىم دېسە، سىزنىڭ بۇ خىل ئۇسلۇبتىكى شېئىرىڭىزنى كۆپ ئوقۇپ باقماپتىكەنمەن.
ۋاقتى: 2014-6-17 22:21:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرېھىمكام يىغلاشنى باشلاپتۇ
ۋاقتى: 2014-6-17 23:07:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىپسىز تولمۇ مەنلىك چىقىپتۇ تىخمۇ تىرشىڭ.
ۋاقتى: 2014-6-17 23:18:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرەھىمجاننىڭ بۇ شىئېرى راستىنلا ھەۋەس ئۇستازنىڭ ئۇسلۇبىغا بەكلا ئوخشاپتۇ.
يارايسىز بۇرادەر! قوللىرىڭىزغا دەرت يەتمىسۇن.
ۋاقتى: 2014-6-17 23:53:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىپسىز   ئىجادىيەتلىرىڭىز  ئۈزۇلمىگەي
ۋاقتى: 2014-6-18 03:21:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇنىمۇ تاللىساق بولغۇدەك ھە ئابدۇرېھىم ئاكا
来自安卓客户端

باھا سۆز

بومۇ بولىدۇ.مىنىڭ نەزىرىمدە نۇرغۇن يازمىللىرىم بىر ناخشا  ۋاقتى: 2014-6-18 10:16
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-6-18 10:17:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇنىمۇ تاللىساق بولغۇدەك ھە ئابدۇرېھىم ئاكا

بومۇ بولىدۇ.مىنىڭ نەزىرىمدە نۇرغۇن يازمىللىرىم بىر ناخشا. بەزى ناخشىلارغا قارىسىڭىز تېكىستى زادىلا شىئېرغا ئوخشىمايدۇ. ئەمما مۇزىكا ياخشى بولسا چانماي تېخى بەك ياخشى ناخشا بوپ كىتىدۇ.

باھا سۆز

سىزنىڭ ھەر بىر يازغان شئېرلىرىڭىزنىڭ مەزمۇنى شۇنداق ياخشى چىققان، ئوقۇغان ئادەم خۇددى شئېردىكى مەنزىرىنى  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-6-18 20:11
ۋاقتى: 2014-6-18 12:10:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن سەن ئۈچۈن يىغلىغان چاغدا،
سەن شادلىنىپ كۈلگەنسەن بەلكىم.
لازىم ئەمەس سىنىڭ كۆز يېشىڭ،
شوخ كۈلكەڭگە تەشنا يۈرۈكۈم.
نېمە دىگەن گۈزەل مىسرالار بۇ،ھازىر سىزدەك دىيەلەيدىغان يىگىتلەر بەك ئاز جۇمۇ.گۈزەل مىسرالىرىڭىزغا رەھمەت.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-19 09:35

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش