روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 992|ئىنكاس: 6
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

يىگىتلەرگە ياغدەك سۆز

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
يىگىتلەرگە ياغدەك سۆز
سۆيۈلمەكتىن لەۋلەر تاتلىق شەربەتتە،
مۇھەببەتتىن يۈرەك يايرار، ئەلۋەتتە.
قېرىغاندا «سۆيدۈم» دىمەك ئۇياتكەن،
دىيەلمىسە ئاشىقلارغا بىر دەرت-دە؟

ئاشۇ سۆزنى يىگىرمە يىل دىيەلمەي،
سۆيگىنىمگە سۆيگۈ ئىزھار ئېتەلمەي.
ئاۋارىمەن، پەرۋانىدەك كېتەلمەي،
كۈنۈم ئۆتتى خىجىللىقتا،ھەسرەتتە.

يىگىتلەرگە جۈرئەتمۇ بىر بايلىقكەن،
مەشۇقىنى قولدىن بەرگەن چاغلىقكەن.
ناۋات سېلىپ ئىچكەن چېيى داغلىقكەن،
«ساراڭ»لىقمۇ يارىشاركەن پۇرسەتتە.

داۋامىنى يازماي ئەمدى، سەت بولار،
خوتۇن ئۇقسا كۆينەك يىرتىق، دەرت بولار.
ئەپلەشمىسە نىكاھ قەغەز«جەرت» بولار،
ياغدەك سۆز شۇ: تارتىنماڭلار خىلۋەتتە.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-6-12 20:32:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوغۇل بالا دىگەن ،ئازىراق قىلىن بولمىسىمۇ خوتۇن چىقماي ئولتۇرۇپ قالىدىغان گەپ. شۇ ئىشىغا ئازىراق ۋاقىت چىقامىسا  باشقا ئىشلار بىلەن مەشقۇل بولوپ قالسا ،ياشلىقىنىڭ ئەڭ ئىسىل چاغلىرىنى ئوتۇپ كىتىدۇدە، مەڭگۇ قىرى يىگىت بولوپ قالىدۇ، رەخمەت  ياخشى يىزىپسىز.
ۋاقتى: 2014-6-13 15:59:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆينەكلىرىڭىزگە دەرت كەلمىسۇن !
ۋاقتى: 2014-6-13 18:50:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمانداق قىزىق ، راستىنلا جۇرئەتلىك بولۇشمۇ بىر تالانت جۇمۇ؟
ۋاقتى: 2014-6-13 19:18:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزىلەر ئاشۇرۋېتىپ بارغان. بەزىلەر جۈرئەتلىك بولالماي قولدىن بېرىپ دەرتتە قېلىۋاتقان
ۋاقتى: 2014-6-13 20:36:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما ئىكەن.مزمۇنىمۇ بەكلا ياخشى بوپتۇ.
ۋاقتى: 2014-6-16 13:53:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرلان ئەپەندى بەك قىيىنچىلىقتا قاپسىزمۇ نىمە
ياخشى يېزىپسىز.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-18 05:54

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش