روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1998|ئىنكاس: 17
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

بىلمىدىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەرىپەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-10 20:00  

                                                                   بىلمىدىم

                                                        ئابدۇرېھىم ئابدۇۋەلى(ئاسۇق)

                          

                                                       بىلمىدىم ھاياتنىڭ قىممىتى نەدە؟
                                                       بىلمىدىم بىھۇدە يۈرگەندەك ياشاپ.
                                                       بىلمىدىم زادىلا قانداق ياشاشنى،
                                                       ئۆلۈپلا كەتسەمچۇ يۈرگىچە قاقشاپ.

                        

                                                        بىلمىدىم نە ئۈچۈن چېكىمەن ئازاپ؟
                                                        بىلمىدىم كىم ئۈچۈن يۈرىمەن يىغلاپ؟
                                                        بىلمىدىم چىن كۈلكە بولىدۇ قانداق؟
                                                        ئۆلۈپلا كەتسەمچۇ يۈرگىچە قاقشاپ.

                        

                                                        بىلمىدىم بۇ ھايات بارىدۇ نەگە؟
                                                        بىلمىدىم نەئۈچۈن يۈرەكلەر كاۋاپ؟
                                                        بىلمىدىم ھەممىنى بىلمىدىم زىنھار؟
                                                        ئۆلۈپلا كەتسەمچۇ يۈرگىچە قاقشاپ.

                                                                 
                                     2010-يىلى 21-ئۆكتەبىرئاقسۇ ساجىڭزا(قۇمقۇدۇق) تا يېزىلدى.

            ئەسكەرتىش: تالانتلىق شائىرىمىز ئابدۇرېھىم ئەپەندىنىڭ شئېرلىرىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇغاچقا يوللاپ قويدۇم. ئابدۇرېھىم ئۇستاز ئاچچىقلىرى كەلمىسۇن-ھە

                                                                        

                              

باھا سۆز

مۇۋاپپىقيەتلىك چىقمىغان ئىدى ئەسلى. ياختۇرۇپ يوللاپسىز. رەھمەت دەي ئەمدى.  ۋاقتى: 2014-6-11 21:43
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-6-10 21:01:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئىكەن
ۋاقتى: 2014-6-11 09:20:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

باھا سۆز

بىلىۋالدىم، رەھمەت  ۋاقتى: 2014-6-11 15:57
ۋاقتى: 2014-6-11 12:19:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر_بىرىدىن ياخشى شىئىرلاركەن
来自安卓客户端
ۋاقتى: 2014-6-11 12:25:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوشلۇقنى بەك كۆپ قويۇپ جاپا چېكىپسز ، ئەسلى ئوتتۇرغا توغۇرلاشنىلا بېسىپ ئوتتۇرغا توغۇرلىسىڭىز ياخشى چىقاتتى.
ئابدۇرېھىم ئەپەندىنىڭ يازمىلىرى كۈچلۈك مەناغا ئىگە ھەقىقەتەن قالتىس يازمىلار.

باھا سۆز

بىلىۋالدىم، رەھمەت  ۋاقتى: 2014-6-11 15:58
ۋاقتى: 2014-6-11 13:56:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېچ بىلمىدىم يا

باھا سۆز

نىمىنى بىلمىدىڭىز ؟ ...  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-6-11 15:58
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-6-11 15:58:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

نىمىنى بىلمىدىڭىز ؟ ...

باھا سۆز

پەقەتلا بىلمىدىم يا  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-6-11 18:37
ۋاقتى: 2014-6-11 18:37:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرىپەت يوللىغان ۋاقتى  2014-6-11 15:58
نىمىنى بىلمىدىڭىز ؟ ...

پەقەتلا بىلمىدىم يا

باھا سۆز

ئەلشىر ئەپەندىنىڭ بۇ ئىنكاسى قانداق مەنىدە ئىكەنلىكىنى بىلىشكە بولامدىكى  ۋاقتى: 2014-6-11 21:01
نىمىنى بىلمىدىڭىز دەيمە دۆت  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-6-11 18:58
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-6-11 18:58:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەرىپەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-11 19:06  
alxir يوللىغان ۋاقتى  2014-6-11 18:37
پەقەتلا بىلمىدىم يا


نىمىنى بىلمىدىڭىز دەيمە دۆت
ۋاقتى: 2014-6-11 20:59:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەۋرۇز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-11 21:26  

ئالدى بىلەن مەرىپەت خانىمنىڭ يازمامنى ياختۇرغىنىغا ھەم مۇنبەرگە يوللاپ قويغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت.
بۇ شىئېرىمنى ئىككى يىل بۇرۇن يازغان. يازمامدا چىقىپ تۇرۇپتىكى ئۇ ۋاقىتتىكى ئوڭۇشسىزلىق قەلىمىدە ئىپادىلەنگەن ئىدى. يازمىللرىمنى توپلام قىلغاندا بۇ شىئېرىممۇ توپلامغا قېتىلغان ھەم مارالبېشى شامال يېزا باشلانغۇچ مەكتەپتە ئىشلەيدىغان  ساۋاقدىشىم قۇربانجان خالىقنىڭ ئەجىر قىلىشى بىلەن ئاندىروئىد تېلفۇن قوللايدىغان ئەپ قىلىنىپ ئىشلىنىپ روھلان مونبىرىگە يوللانغان ئىدى. بەلكىم مەرىپەت خانىم شۇ توپلام ئىچىدىن بۇ شىېئرىمنى ياختۇرۇپ يوللىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلىدۇم.
ھەم روھلان ئەھلىنىڭمۇ بۇ يازمامنى ياختۇرۇپ ئۇقۇپ ھەم ئىنكاسلىغانلىقىغا رەھمەت.

روھلان ئەھلىگە مەلۇم مەن بۇ بىر نەچچە يىل ئىچىدە نەزمى ۋە پىروزا ئەسەرلىرىمدىن باشقا ‹‹سىياسەتتىن چەتنىگەن مائارىپ ۋە مائارىپتىن چەتنىگەن سىياسەت››، ‹‹پەرزەنتىمىزنى ئانا تىلدا ئۇقۇتامدۇق ياكى باشقا تىلدا ئوقۇتامدۇق؟››، ‹‹ ئەخلەت يەۋەتقان بالىلار››، ‹‹ئۇيغۇرلۇقنىڭ كۈشەندىسى ››، ‹‹ باشلىق ، دېھقانلار نىمىگە موھتاج؟؟؟››،‹‹يىگىتلەر سىلەر كىم بۇ قەيەر؟گە ئىزاھات››  ۋە ئەڭ ئاخىردا ‹‹مۇناپىققا گېپىم بار!!!›› نامىدىكى ئوبزورچى ماقالىلىرىمنى روھلاندا ئېلان قىلدىم. ئىنكاسلار ئالاھىدە ياخشى بولدى. روھلان ئەھلى ئەسەرلىرىمنى مەن ئويلىغاندىمۇ سۈيۈپ ئوقۇدى ۋە لايىقىدا باھا بەردى ،ئالىقىشلىدى. مەن بۇنىڭدىن تولىمۇ مەمنۇن.
مەن روھلان مونبىرىگە كىرگەندىن بېرى ئىزچىل ئەسەرلىرىمنى ئاۋال روھلانغا بېرىپ كەلدىم.ھەم ساۋاقدىشىم ئادىلجانمۇ مىنى ئىزچىل قوللىدى. يېشىم قىرىققا بېرىش ئالدىدا تۇرۇپتۇ. كۆرگەنلىرىم ئەلۋەتتە يازغانلرىمدىن كۆپ. كۆرگەنلىرىمنى ۋە ماڭا تەسىر قىلغان ھەر بىر ئىشنى قەلىمىمدە ئىلمىي ئەمگەككە ئايلاندۇرۇپ بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىم بىلەن روھلان تورى ئارقىلىق ئورتاقلىشىشنى ئەڭ زور خوشاللىق دەپ بىلدىم.
يېقىندىن بۇيان مىنى روھلان مونبىرى ئارقىلىق چ چ ۋە ياكى ئۇندىدارغا قۇشىۋېلىپ پىكىرلىشىدىغانلار كۈپىيىپ قالدى.مەن بۇ ھەقتە ئۇندىدار دوسلار چەمبىرىكى ئارقىلىق كۈچلۈك ئەسكەرتىش بەردىم. سەۋەبى ئەسەرلىرىمنى ھەر خىل نەزەردە ئوقۇپ ھەر خىل ھەزىم قىلدىغانلار ھەم ھەزىم قىلالماي ‹‹قۇرسىقى ئاغرىپ ››كېتىدىغانلارنى يوق دىگىلى بولمايدۇ. قۇرسىقى ئاغىرسا دوختۇرنى ئىزىمەي باشقا ياققا كىتىپ قالىدىغانلارنى ھەم يوق دىگىلى بولمايدۇ. شۇڭا ئاتامان ئادىلجان بىلەن مەسلىھەتلىشىپ يۇقارقى ئوبزورچى ماقالىلىرىمنى مونبەردىن ھەم سالۇندىن ۋاختىنچە چىكىندۈرۈپ تۇرۇشقا توغرا كەلدى. ھەم يېقىندىن بېرى يېزىشقا باشلاپ تېخى پۈتۈپ بولالمىغان ‹‹مائارىپىزدىكى كىرىزىس ۋە كىرىزىس ئىچىدىكى مائارىپ››،‹‹ئۇيغۇر،ئۈندىدارۋە كىتاب››،‹‹ئەرنىڭ قىرىق يېشى››،‹‹مائارىپ قاياققا ماڭدىڭ ؟؟؟››....قاتارلىق يازمىللرىمنى ھەم توختۇتۇپ تۇرۇشقا توغرا كەلدى. بۇ ھەرگىزمۇ يازمامدا ‹‹مەسىلە›› بولغانلىقى ۋە ياكى ‹‹سولاققا›› چۈشۈپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس.  پەقەت ئالاھىدە ۋەزىيەتكە  ئالاھىدە مۇئامىلە قىلىش ئۈچۈندۇر. بۇنى روھلان ئەھلى چۇقۇم توغرا چۈشۈندۇ دەپ قارايمەن.
مۇشۇ سەۋەپ بىلەن ئۇ ئەسەرلرىمنى ئىزدەپ تاپالمىغان ھەم ماڭا ئۇچۇر قىلىپ ئۇ يازما قېنى دەپ كەچكىچە سەۋەبىنى سوراپ ئادەم قىينايدىغان دوسلارغا چۈشەنچە بېرىش مەخسىتىدە بۇ سۆزۈمنى قالدۇرۇپ ئولتۇرۇپتىمەن.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +70 ئىناۋەت +70 تەڭگە +70 بايلىق +40 يىغىش سەۋەبى
ADiL + 70 + 70 + 70 + 40 ئورۇنلۇق ئىنكاس

باھا خاتىرىسى

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-20 02:42

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش