روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 3674|ئىنكاس: 3
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

كۆز يېشى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Jam تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-2 12:32  
, f: J6 J1 k1 b" `3 x+ C9 {  @7 S3 K$ S' l  ]7 vبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
كۆز يېشى
& U% e) z, d0 Q  L3 Z) \1 B1 xبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
5 g4 P) T% c/ W8 ~بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئۇزۇندىن بېرى ئىچىمدە بىر غەم مېنى بەكلا ئازاپلاپ كەلدى. تۇرمۇش گەرچە شۇنچە خۇشال، كۈنلىرىم بەختلىك ئۆتۈۋاتقان بولسىمۇ لېكىن كۆڭلۈم يەنىلا شۇنچە يېرىم، ھەرداۋام ئېچىمدىن يېغا قايناپلا تۇرىدۇ. مەن بۇنىڭ سەۋەبىنى زادىلا تاپالمىدىم. دۇختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ بېقىشنىمۇ ئويلىدىم، لېكىن نېمىگە قارىتا تەكشۈرتۈشنى زادى بىلەلمىدىم. ئۈزۈم ئۈستىدە قاتتىق ئويلاندىم، زادى نېمىنى خاتا قىلغانلىقىمنى، كىمنى ئازابلىغانلىقىمنى، قانداق جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكىمنى قاتتىق ئەستايىدىللىق بىلەن ئويلاندىم، لېكىن ھېچقاندەك بىر سەۋەب تاپالمىدىم. ئېچىم باغانسېرى تىت- تىت بولغىلى تۇردى. ئۈزۈمنى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ جىنايەتچىدەك ھېس قىلدىغان بولۇپ قالدىم. مەن ئاخىرى نېرۋا كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا بېرىپ تەكشۈرۈتتۈم. لېكىن ھېچقانداق چاتاق چىقمىدى. كۈنلىرىممۇ بۇرۇنقىدەك ئۆتۈۋەردى. كۈن بويى روھىم چۈشكۈن، سۇلغۇن يۈرۈيدىغان، گېلىمدىن تاماق ئۆتمەيدىغان بۇلۇپ قالدىم. ئىچىمدىكى ۋەھىمە، قورقۇنۇش بارغانسېرى كۈچۈيۈپ كەتتى. خۇددى نەچچە كۈندىن كېيىن دارغا ئېسىلىدىغان مەھبۇستەك ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم.
$ Q. O/ R$ v% i, H; Z# U( pمەن ئۈزۈمنى خۇشال تۇتۇش ئۈچۈن كۆڭۈل ئېچىپ كەلمەكچى بولدۇم. نۇرغۇن مەنزىرىلىك جايلارنى ساياھەت قىلدىم. كىشىنى خۇشال قىلىدىغان ھەممە نەرسىنى كۆردۈم. قانغۇچە خۇشال ئوينۇدۇم. گۈل- گىياھلارنى، مەنزىرىلىك جايلارنى تاماشا قىلدىم. ئەڭ يېيىشلىك، ئۈزۈم ياقتۇرۇپ يەيدىغان تاماقلارنى يىدىم. دوستلىرىم بىلەن پاراڭلاشتىم. گەرچە بۇلار مېنىڭ كۆڭلۈمنى ۋاقىتلىق خۇش قىلالىغان بولسىمۇ لېكىن ئىچىمدىكى ۋەھىمە مېنى بارغانسېرى ئارام تاپقۇزمىدى.# \% J* k  W, Nبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بىر كۈنى قاراڭغۇ ئۆيدە يالغۇز ئولتۇرۇپ قانداق ئۇخلاپ قالغىنىمنىمۇ بىلمەپتىمەن. تۇيۇقسىز تولىمۇ چوڭ بىر سوت مەيدانىغا كېلىپ قاپتىمەن. ئادەتتە سوتلارغا ئۇنچە كۆپ ئادەم قاتناشمايدىغان، نېمانچە كۆپ ئادەم بۇ؟! مەيداندا ئىككى مىڭغا يېقىن ھەرخىل تىلغا ۋەكىللىك قىلىدىغان كىشىلەر ئولتۇراتتى. مەن دەرھال سوتچىلار ئولتۇرىدىغان ئورۇنغا قارىدىم. ئۇيەردە چوڭ بىر ئۈنئالغۇ تۇراتتى. ئەتراپىدا نۇرغۇن كىچىك ئۈنئالغۇلار تۇراتتى. داۋەگەر ئورنىدا ئۈژمە ياغىچىدىن ياسالغان، ئۈستى ئەتلەس بىلەن بېزەلگەن بىر ئۈنئالغۇ زار- زار يىغلاۋاتاتتى. ئەتراپتىكى بۇ كۆرۈنۈشلەر مېنى بەك ھەيران قالدۇردى. دۇنيادا مۇشۇنداق سوت مەيدانى بارمۇ؟ مۇشۇنداق ئېچىلىدىغان سوت بارمۇ دەپ ئويلاپ قالدىم. تۇيۇقسىز سوت مەيدانىنىڭ بارلىق ئىشىكلىرى تاقالدى. ئىككى ئەسكەر مېنى جاۋابكارلىق ئورنىغا چىقاردى. ئەسلى بۇ قېتىملىق سوت«ئۇيغۇرتىلى» ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئەرىز قىلغان سوت ئىكەن.+ ^! k: w3 O$ ^6 f  j' pبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
سوت باشلاندى. باش سوتچى ئۇدۇلىدىكى چوڭ ئۈنئالغۇ ئىنگىلىز تىلىدا سوتنىڭ باشلانغانلىقنى جاكارلىدى. مەيداندىكى ھەممە كىشى دۈشمەنلىك نەزىرى بىلەن ماڭا قارىماقتا ئىدى. دەۋاگەر ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ئەرزىنى ئېيتتى. ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ: «ھۆرمەتلىك سوت ئەھلى مەن بولسام دۇنيادىكى تىللارنىڭ بىرى،ئۇيغۇر دېگەن مىللەتنىڭ تىلى بولىمەن. ھەرقايسىڭلارغا مەلۇملۇق ئۇيغۇرلار ئەسلىدە تولىمۇ ئەقىللىق مىللەت ئىدى. سىلەر بىلىدىغان تۈركى تىللاردىۋانى، قۇتادغۇبىلىك مەن بىلەن (ئۇيغۇر تىلى بىلەن) يېزىلغان. مەن بۇنىڭدىن بەكلا پەخىرلىنەتتىم». مەن ئۇنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلاپ مەيداندا جاۋابكاردەك ئەمەس ئالقىشلىنىۋاتقاندەك ئولتۇردۇم. ئۈنئالغۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى: «لېكىن، ھازىرقى ئۇيغۇرلار بەكمۇ مەسئۇلىيەتسىز، نادان ئىكەن، ئۇلار چەتئەل مەدەنىيىتىنى قالايمىقان قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتىدىن ياتلىشىپ كەتتى، ھەتتا ئانا تىلى بولغان مېنى ئۇنتۇپ قالاي دەپ قالدى. ئۇلارنىڭ ماڭا قىلغانلىرى بەكمۇ جىق، ھەممىدىن ئېغىر بولغىنى مېنى ئەبجەش بىر نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى. مەن ھازىر ھەتتا ئۈزۈمنىڭ كىم ئىكەنلىكىمنىمۇ ئىسپاتلاپ بېرەلمەيمەن». ئۇ بۇ گەپنى قىلىۋاتقان ۋاقىتتا ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى. مەيداندا جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى. گەپ قىلىش نۆۋىتى ماڭا كەلدى. ئۇلار مەندىن: «ئاخشام نېمە قىلدىڭ؟» دەپ سورىدى. مەن ھاپىلا- شاپىلا: «مەن ئاخشام دەنشىدىن خەنگونىڭ داڭلىق شىپىنىنى كۆردۈم» دەپ جاۋاب بەردىم. بۇ ئېنىقلا مېنىڭ جىنايىتىمنى ئىسپاتلىدى. مەن ئۈزۈمنى ئاقلىغان بولساممۇ يەنىلا ئامال بولمىدى، سوت ئاخىرىقى ھۆكۈمىنى چىقاردى. ئۇلار ئۇيغۇر تىلىنى مەندىن- ئۇيغۇرلادىن ئايرىلىپ كېتىشكە بۇيرۇدى. مەن تۇرغان جايىمدا قېتىپلا قالدىم. تۇيۇقسىز مەيدا ۋاراڭ- چۇرۇڭ ئەۋجىگە چىقتى. ئۇلار بىر نەرسىنى تالاش- تارتىش قىلىۋاتاتتى. ئەسلىدە ئۇيغۇرتىلىنى باشقا بىر مىللەتكە بەرمەكچى ئىكەن. مەن بۇنى ئاڭلاپ ناھايىتى ئازابلاندىم. مەن يىغلاپ تۇرۇپ ئۇلارغا يالۋۇردۇم، لېكىن سوت ئاخىرىقى ھۆكۈمىنى ئۆزگەرتمەي سوتنى ئاخىرلاشتۇردى. كۆزۈمدىن توختىماي تاراملاپ ياش چۈشۈۋاتاتتى. بارا- بارا ئۇلغۇيۇپ كەتتىم. يۈرىكىم سوقۇشتىىن توختاپ قالغاندەك بولۇپ قالدى، خۇددى بىر ئەزايىمدىن ئايرىلىپ قالغاندەك. مەيداندا مەن يالغۇزلا قالدىم. توختىماي يىغلاۋېرىپ، ھەممە يەر كۆز يېشىمنى سۈرۈتكەن قەغەز بىلەن تولۇپ كەتكەن ئىدى. ھېلىقى چوڭ ئۈنئالغۇ گىدىيىپ تۇرۇپ: «يەنە ھوشۇڭنى تاپمىساڭ، مۇشۇ قەغەزلەر ئىچىدە غايىب بولۇسەن!» دەۋاتاتتى. مەن ياق، ياق!!!! دېگىنىمچە ئويغۇنۇپ كەتتىم. قارىسام كۆزلىرىم ئىششىپ، يوتقىنىم ھۆل بولۇپ كېتىپتۇ. كۈزۈمدىن يەنىلا ياش ئېقىۋاتاتتى. مەن دەرھال كۈتۈپخانىغا كىردىم. شۈكرى ئۇيغۇرچە كىتابلار جايىدا ئىكەن. ئەمدى كۆڭلۈم جايىغا چۈشتى. مەن كۆڭلۈمدىكى ۋەھىمىنىڭ سەۋەبىنى ئاخىرى بىلدىم. مەن ئانا تىلىنى قەدىرلىمىگەنلىكىم، ئۇنى كەلسە- كەلمەس ئىشلىتىپ ئەبجەش قىلىپ قويغانلىقىم ئۈچۈن ئاشۇنداق ۋەھىمىدە قالغان ئىكەنمەن. ئاخىرى شۇنداق قارارغا كەلدىم، ھازىردىن باشلاپ ئانا تىلىنى قەدىرلەي، بولمىسا كۆز يېشىم مېنى چۆللەرگە غەرق قىلىۋەتمىسۇن!
مەنبە: قەلىمىم
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئاپتورنىڭ نادىر تېمىلىرى
  • تېخىچە نادىر تېما يازمىغان ئوخشايدۇ ...
مۇناسىۋەتلىك نادىر تېمىلار
بەك ياخشى تېما ئىكەن ھارمىغايسىز ، قۇلۇڭىزغا دەت كەلمىسۇن...!
ۋاقتى: 2014-6-2 22:00:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاجايىپ  ئېسىل  تېما بوپتۇ !
ۋاقتى: 2014-6-3 13:44:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ئەتراپلىق يىزىپسىز قولىڭىزغا دەرىت كەلمسۇن .ياشا ئۇيغۇر تىلىم ياشا.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-5 05:01

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش