روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 3812|ئىنكاس: 4
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

يەنە بىر كىتابخانا تاقالدى ( تەۋسىيە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

, H$ k( S0 b* v) F" w; b
يەنە بىر كىتابخانا تاقالدى ( تەۋسىيە)

) ~" Y: a8 ]' Q3 I$ p3 K& W
بىر مىللەت خەلىنىڭ ئۇمۇمىي ساپاسى، شۇ مىللەتنىڭ ئىقتىسادى بىلەن ئەمەس بەلكى، شۇ مىللەت كىشىللىرى ئۇقىغان كىتابلارنىڭ ئۇمۇمىي سانى بىلەن ئۆلچىنىدۇ.
* A% v# O" P. {$ a% M: B- A$ Z! Rبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
                                                             --- ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن
4 E1 K' e% b4 h9 h+ E+ Qبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
كۆڭۈل ئېچىش ئۇرۇنلىرىنىڭ رۇناق تېپىپ، كىتابخانىلانى تۇپا بېسىشى -- مىللەتنىڭ خاراپلشىشقا قاراپ يۈزلىنىشىدۇر.

6 X5 v  f1 |" P8 \: c
                                                         ---- قەلىب خاتىرەمدىن

2 \: F) w+ A* l/ S2 Q
گەپنى يەنىلا بالىلىق ۋاقتىمدىن باشلاي. مەن تۇغۇلۇپ مەكتەپكە كىرگەنگە قەدەر، ئاتا-ئانامنىڭ خىزمىتىنىڭ ئالدىراش بۇلىشى سەۋەپلىك، يېزىدا چوڭ دادام-چوڭ ئاناملار بىلەن بىللە تۇراتتىم. بۇۋام زامانىسىدىكى پەندە ۋە دىندا تەش يېتىشكەن ئالىم كىشى ئىكەنتۇق. (ئانام شۇنداق دەپ بىرەتتى). شۇنداق بولغاچقا، چوڭ دادامنى ئالىي مەكتەپتە ئۇقىتىپ، خىزمەتلىك قىلغان ئىكەن. چوڭ داداممۇ پەن پاراسەتلىك بولغاچقا، خىزمەت بىلەن سودىنى تەڭ قىلىپ زامانىسىدىكى ھاللىق سەۋىيەىكى بايلار خىلىدىن ئىكەن. ئەمما چوڭ دادام تاپقىنىدىن زاكات ئايرىپ، يوقسىزلارنى يوقلاپ، خەلىقنىڭ غېمىنى يەيدىغان مېھرىبان كىشى ئىكەنتۇق.
چوڭ دادام تاپقان پۇللىرىغا داۋاملىق كىتاب سېتىۋېلىپ ئەكىلەتتى. ئۇ چاغلاردا دىيارىمىزدا كىتابخانىلار كۆپ بولمىغاچقا، باشقىلار داۋاملىق بىزنىڭ ئۆيگە كىرىپ، كىتاب ئۇقىيتى. ئارىيەت ئالاتتى. كۆپلىرى ساۋاتسىز بولغاچقا، چوڭ دادام سورۇن تۈزۈپ ئۇقۇپ بىرەتتى. ئۆيىمىزدە مەيلى دىنى كىتاب بولسۇن ياكى پەننى كىتاب بولسۇن ھەرقانداق كىتابلار بار ئىدى. بۇ خىل مۇھىت ئىچىدە ئۆسۈپ يېتىلگە مەندەك بىر سەبىنىڭ قەلبىدە، كىتاب چۇڭقۇر تەسىر قالدۇرغان ئىدى.
كېيىنچە، مەنمۇ مەكتەپكە كىرىپ ئۇقىيدىغان ياشقا كىردىم. ئاتا-ئانام مېنى شەھەرگە ئەكېلىۋالدى. ئۇ چاغدا ئۆيىمىزدە بىر كىتاب جازىسى بار بۇلۇپ، چوڭ كىچىك ھەر خىل كىتابلار بىلەن تولغان ئىدى. دەرىسلىك كىتاب،ژورنال، رومان، خەنزۇچە دېگەندەك كۆپ كىتابلار بار ئىدى. ( بۇ كىتابلارنى ئانام ئالىي مەكتەپتە ئۇقۇش ۋە خىزمەت قىلىش جەريانىدا يىغقان ئىكەن). مەن گەرچە كىتاب ئۇقىيالمىساممۇ، ھەپتىدە بىرەر قېتىم رەتلەپ، تىزىپ باقاتتىم.
باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن، بىزگە دەرىسلىك كىتابلار تارقىتىلدى. مەن ھەر قېتىم مەكتەپتىن يىڭى كىتاب تارقىتىلغاندا، رەتلىك مۇقاملىتىپ پاكىز، رەتلىك تۇتاتتىم. مەۋسۇم ئاخىرىدا كىتاب ئىشكاۋىغا رەتلىك تىزىپ قۇياتتىم. ( شۇ كىتابلار تا ھازىرمۇ بار). ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، مەنمۇ بالىلىق مەزگىلىم بىلەن خوشلىشىپ تۇلۇقسىز ئوتتۇرا ھاياتىمنى يەنى ياشلىق ھاياتىمنى باشلىۋەتتىم. تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە بىزگە تىل-ئەدەبىيات دەرسى بىرىدىغان مۇئەللىم مېنىڭ ھاياتىمدا بۇرۇلۇش ھاسىل قىلغان بىر كىشى. ئۇنىڭ بىلىم دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بۇلۇپ، دەرىستىن ۋاقىت ئاجرىتىپ بىزگە تارىخ، مەدەنىيەت، سەنئەت توغۇرلۇق سۆزلەپ بىرەتتى. ئۇقىغان كىتابلىرى ناھايىتى كۆپ بولغاچقا، بىزگە دائىم تارىخى ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بىرەتتى. دائىم بىزگە بىكار قالساڭلار كىتابخانىغا بىرىپ كىتاب كۈرۈڭلار، كىتاب سېتىۋېلىپ ساقلاڭلار دەپ نەسىھەت قىلاتتى. ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى ماڭا بەكلا تەسىر قىلغان ئىدى. دەل شۇ ۋاقىىتىن باشلاپ مەن كىتاب سېتۋېلىپ ئۇقۇشقا، كىتاب ساقلاشقا باشلىدىم، ئۇ دەل مېنىڭ تۇلۇقسىز 2-يىللىقتىكى ۋاقتىم ئىدى. شۇ ۋاقىتتا مەن ئىزدىنىپ ئۇيغۇر رۇمانلىرىنىڭ قاچاندىن باشلاپ يېزىلغانلىقى توغرىسدا مۇكەممەل بىر ماتېرىيالغا ئىگە بولدۇم. ئۇنىڭدا 1974-يىلدىن باشلاپ ئېلان قىلىنغان بارلىق رۇمانلارنىڭ نەشىر ۋاقتى بار ئىدى. مەن دەرھال كىتابخانىلارغا كىرىپ بۇ  كىتابلارنى يىغىشقا ، ئىزدەشكە باشلىدىم، ئۇيۇم يىڭشەھەر ناھىيە مەركىزىدە، شەھەر مەزكىرىزىگە يېقىن بولغاچقىمىكىن، ناھىيەمىزدە شىنخۇا كىتابخانىسىدىن باشقا بىر كىتابخانا يوق ئىدى. مەن نا ئىلاج ناھىيە بازىرىدىن 12 كېلومېتىر يىراقلىقتىكى قەشقەر شەھرىدىن كىتاب توپلاشقا باشلىدىم.
ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، ئەزىزانە قەشقەر تارىختىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت مەركىزى دەپ تەرىپلىنىپ كىلىنمەكتە، بۇ يەردە كىتابخانىلارمۇ بىر قەدەر كۆپ، ساقلىنىۋاتقان كىتابلارنىڭ سانى جىق، ساقلاش قىممىتى يۇقىرى. مەن ئىككى ئۈچ يىلدىن بۇيان نۇرغۇن كىتابخانىلارنى ئايلىنىپ يۈرۈپ، ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىيت نۇرغۇن كىتابلارنى يىغۋالدىم. ئاتا- ئانام بەرگەن پۇللارنى يىغىپ، ئېسىل كىتابلارنى يىغۋالغان ئىدىم. ھەر قېتىم شۇ كىتابلىرىمنى كۆرسەم ئۈزۈمنى دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك ئادەمدەك ھېس قىلىمەن. چۈنكى مەن غايەت زور بايلىققا، ئالتۇن كۈمۈش خەزىنىسىگە ئىگە بولغان ئىدىم. چۈنكى ئابدۇشكۈر مۇھەممەتئىمىن ئېيىتقاندەك، كىتاب - ئىنسانلار ئۆز قۇلى بىلەن بەرپا قىلغان ئەل ئېھرام. قىممەت باھالىق يۈكنى ئەجداتتىن، ئەۋلاتقا يەتكۈزىدىغان خىسلەتلىك كېمە.
  دەل بۇنىڭدىن بىر يېرىم يىل ئىلگىرى، ناھىيىمىزگە كىچىك بىر كىتابخانا ئېچىلدى. بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنى خۇشال قىلدىغان ئىش ئىدى. 30 مىڭدىن ئارتۇق نۇپۇسى بار بىر ناھىيە ئۈچۈن ئېيتىقاندا، بىر كىتابخانىىنىڭ يوق بۇلىشى ناھايىتى ئەپسۇسلىنارلىق ئىش ئىدى. مانا ئەمدى ياخشى بولدى ، نېمىلا بولمىسا، ئاددى بولسىمۇ بىر كىتابخانىغا بار بولدى. شۇ خوشخەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، دەرھال كىتابخانىغا قاراپ يول ئالدىم.

: V( c; p: x' f( }" q1 r
كىتابخانا  دېھقانچىلىق ئىدارىسى ئاستىدىكى كىچىك 30 كىۋادىرات مىتىرمۇ كەلمەيدىغان بىر ئۆي بۇلۇپ، ناھىيلىك پاساژىرلار بىكىتىگە يېقىن ئىدى. شۇڭىلاشقا ئادەمنىڭ جىقىيشىدا گەپ يوق ئىدى. مەن كىتابخانا خوجايىنى بىلەن كۈرۈشۈپ پاراڭلاشتىم. كىتابخانا خوجايىنى ئاددى بىر ئۇقۇتقۇچى بۇلۇپ، بۇرۇندىن كىتابخانا ئېچىش ئارزۇسى بارلىقىنى، شۇڭىلاشقا، بىر يىلغا يېقىن تەييارلىق قىلىپ، دەسلەپكى شەكىلدە بۇ كىتابخانىنى ئاچقانلىقىنى ئېيىتتى. ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ راسلا تەسىرلەندىم. خىزمىتى بار بىر كىشى ئۈچۈن كىتابخانا ئېچىش تولىمۇ ئاسان ئىش ئەمەس. كىتابخانا ئىچى گەرچە كىچىك بولسىمۇ، ناھايىتى ئېسىل كىتابلار بار ئىدى. كىتابلارنىڭ تۇرلىرى تۇلۇق ئىدى. مەن دەسلەپ قىلىش يۈزىسىدىن نەچچە يۈز سوملۇق كىتاب سېتىۋالدىم. شۇنداق قىلىپ ناھايىمىزدە ئاخىرى بىر كىتابخانا بار بولدى.
كىتابخانا خوجايىنى ئۇقۇتقۇچى بولغاچقا، ئادەتتە كىتابخانىغا ئۇنىڭ ياشانغان ئانىسى قارايتى. مەن پات-پات كىرىپ كىتابلارنى كۈرۈپ، يىڭى كىتابلار بولسا ئېلىپ كىتەتتىم. كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۈتىۋەردى.  ئەمما، ئىش بىز ئويلىغاندەك بولمىدى. كىتابخانىدا ئادەتتە جىق سودا بولمايىتتى. ھەتتا، كىتاب كۈرىدىغان ئادەملەرمۇ كۆپ ئەمەس ئىدى. مەنمۇ ئۇقۇش ئالدىراشچىلىقى تۈپەيلىدىن ھەپتىدە بىر قېتىم ئاران كىرەتتىم. كىتابخانا تىجارەت باشلاپ، بىر يېرىم يىل بولغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە، تۇيۇقسىز تاقىلىپ قالدى، بىر قانچە قېتىم بىرىپ، قۇرۇق يېنىپ كەلدىم.
-ئارىدىن كۈنلەر ئۈتۈپ، مۇشۇ قىشلىق تەتىلدە يەنە بىر قېتىم باردىم. ئەمما بۇ قېتىم مەن كۆرگەن مەنزىرە باشقىچە ئىدى. كىتابخانا ئالدىدا چوڭ بىر ماشىنا بار بۇلۇپ، كىتابخانا خۇجايىنى كىتابلارنى ماشىنغا توشىۋاتتى. مەن تولىمۇ ھەيران بولدۇم ھەمدە، كىتابخانا خوجايىنى قېشىغا بىرىپ، نىمىش بولغانلىقىنى سورىدىم:- " نېمە ئۈچۈن كىتابخانىنى تاقىماقچى بۇلۇپ قادىڭىز؟".
-ئۇ تولىمۇ ئەپسۇسلانغان ھالدا :" ئەسلى مېنىڭمۇ تاقىغىم يوق ئىدى. ئەپسۇس، بۇ يەردە سودا بەكلا كاسات، كىتاب كۈرىدىغان، ئالىدىغان ئادەم ئاز. مەن ھەتتە كىتابخانا ئىجارە ھەققىنىمۇ تاپالمىدىم، شۇڭىلاشقا نائىلاج كىتابخانىنى تاقاشقا مەجبۇر بولدۇم" دەپ جاۋاب بەردى.
- ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم بەكلا يېرىم بولدى. ئۇنىڭ ھېسياتىنى چۈشەنگەچكە، ئارتۇق گەپ  قىلغاي ئۆيگە قايىتىپ كەلدىم.

+ ^4 w- C" V- j! M  b. i
بۇنىڭدىن بىر نەچچە يىل بۇرۇن، بىر ژورنالدىن مەلۇم بىر ئاپتۇرنىڭ كىتابخانا تاقالغانلىق توغرىسىدىكى ئەسىرىنى ئۇقىغان ئىدىم. ئەمما ئۈزۈمنىڭ ئوخشاش مەسلىگە دۇچ كىلىشىمنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم. كىچە كۈندۈر ئادەم ئۈزۈلمەيدىغان شۇ قاۋاقلار، رىستۇرانلار كۆز ئالدىمدا نامايەن بولدى. شۇ ئىسراپچىلىق ، بۇزۇقچىلىق كەيىپ-ساپا بىزگە شۇنچە مۇھىممۇ؟ كىتابخانا بىزلەر ئۈچۈن شۇنچە ئەرزىمەس ئۇرۇنمۇ؟ كىتاب پەقەت قۇرۇق قەغەزمۇ؟
يەھۇدىيلار توغرىسىكى ھېكايە ھەممىمىزگە مەلۇم. بۇيەردە ئۇنى يەنە تەكرارلاش ھاجاتسىز. ئەمما بىز ئۈچۈن ئېيىتقاندا، بىزنىڭ كىتابقا تۇتقان پوزىتسىيىمىزگە نىسپەتەن قانچە دىسەك ئازلىق قىلىدۇ. رىقابەت كۈچلۈك بۇلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ھەقىقىي بىلىم ئىگىللىرىلا ھاياتلىق مۇساپىسىنى داۋام ئېتەلەيدۇ. بىلىمىسزلەر رەھىمسىزلەرچە جەمىيەت تەرىپىدىن شاللىۋىتىلىدۇ. ئىسىمىزدە بولسۇنكى، بىلىم كىتابتا. كىتاب يەنىلا شۇ مۇقەددەس كىتابخانىلاردا. ئاخىرىدا دەيدىغىنىم، كىتابخانىلار توپا بېسىپ قالمىسۇن! كىتابخانىلار تاقىلىپ قالمسىۇن! كىتابلار خارلىنىپ قالمىسۇن!!

2 Y- F9 R' F$ h4 |- R+ t) f8 D( D
                                                                                               ئابدۇخېلىل قۇتتېكىن
                                                                                                  2014-2-27
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئاپتورنىڭ نادىر تېمىلىرى
  • تېخىچە نادىر تېما يازمىغان ئوخشايدۇ ...
مۇناسىۋەتلىك نادىر تېمىلار
ۋاقتى: 2014-6-2 12:04:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيۇل ئەپەندىمنىڭ يېڭى مەسلىلەرنى بايقىشى ، تەپەككۇرى تولىمۇ ئۆتكۈركەن.  قەلەم قۇۋۋىتىمۇ بەكلا ياخشىكەن.
! N6 r$ p3 f7 \$ e1 r/ c9 Bئىجادىيىتىڭىز بەرىكەتلىك بولغاي.
ۋاقتى: 2014-6-2 12:32:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىتاپ ئوقۇمايدىغان مىللەتتە ئۈمۈت يوق،،،،8 G7 u" T# P9 ~بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
来自安卓客户端
ياخشى  تىمىكەن  دىمىسمۇ ھازىرقى جەمىيەت ئاشۇنداق بۇلۇپ كەتتى  ھەي.......بۇنى تۈزىتىشىمىز كىرەك
ۋاقتى: 2014-6-3 14:03:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىتاپ-بىز ئۈچۈن ناندىنمۇ ئەتىۋارلىق ئىدى.ئەپسۇس ،مەنمۇ ئىلگىرى بىر كىتاپخانىنىڭ مۇشۇ سەۋەپ بىلەن تاقالغانلىقىنى ئۆز كۈزۈم بىلەن كۆرگەن،ئۇ چاغلاردا مان كىچىك،تۇلىمۇ كىچىك ئىكەنمەن.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-5 04:06

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش