روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 656|ئىنكاس: 5
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ھەر بىر بالا- چولپان جۇلالىق ( بالىلارغا بايراملىق )

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نۇرلان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-30 08:58  

ھەر بىر بالا-چولپان جۇلالىق
(بالىلارغا بايراملىق )

بەختلەرگە چۆمۈپ لىقمۇ-لىق،
خۇلقىڭلاردىن چىقىرىپ قىلىق.
قىيغىتىڭلار ئوماق بالىلار،
بۈگۈن ئالەم سىلەرگە تالىق.

تاپشۇرۇقلار تىتىلىپ كەتسۇن،
غەم-ئەندىشە سېتىلىپ كەتسۇن.
چۇقانىڭلار پەلەككە يەتسۇن،
شادلىنىڭلار بايرامغا لايىق.

سىلەر ئۈچۈن قۇياش توختىسۇن،
ئاي كۈنجۈتلۈك نانغا ئوخشىسۇن.
بۇلۇت كۈنلۈك بولۇپ قوغدىسۇن،
بارىكاللا ئېيىتسۇن خالايىق.

تۇتقىنىڭلار زەرگە ئايلانسۇن،
ئاسفالىتلار مايسا رەڭ يانسۇن.
پۇتلىرىڭلار ئۇيۇنغا قانسۇن،
سىلەر بار جاي بوستان-ھاۋالىق.

ئېقىنلاردا غۇلاچلاپ ئۈزۈپ،
قىيالارنى ھالدىن كەتكۈزۈپ.
مەجنۇنتالنى تەسلىم ئەتكۈزۈپ،
يارىتىڭلار تاتلىق بىر تارىخ.

سىلەرگە خاس گۈزەل تىلەكلەر،
بالىلىقتا ئارمان چېچەكلەر.
مۇھەببەتتە سۆيەر يۈرەكلەر،
ھەر بىرىڭلار چولپان-جۇلالىق.

ھەر كۈن بايرام بولسۇن سىلەرگە،
ساقلىق تۇلپار بولسۇن مىنەرگە.
بايراملىقتۇر نەزمەم بېرەرگە،
مىسرالىرى چاپچار خۇمالىق!
ئالدىنقى: چوڭ دادام
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

بەك ياخشى يېزىلىپتۇ، بايرام ئۆتكۈزىدىغان مەكتەپلەردىكى مەكتەپ مۇدىرلىرى ياكى ئوقۇتقۇچىلار قۇرۇق گەپمىڭ ئورنىغا مۇشۇ شېئىرىڭىزنى بالىلارغا سوۋغە قىلسا شۇنداق ياخشى چىققۇدەك.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-30 14:39:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادىل ئەپەندىمگە رەھمەت. بالىلار بايرىمى ھارپىسىدا بالىلىرىمىزغا ئاتاپ بىر نەرسە دىمىسەك بولماس؟!
مەكتەپلەردە بالىلارنى ئاپتاپقا سېلىپ، بايرىمىنى تەبرىكلەش مودا بولۇپ قېلىۋاتىدۇ.
ۋاقتى: 2014-5-30 14:42:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز ، قەلەم قۇۋۋىتىڭىز خىلى ياخشىكەن . تېخىمۇ ياخشى تېمىلارنى يوللىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن .
ۋاقتى: 2014-5-30 15:03:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن  ياخشى يىزىلىپتۇ.قەلەم قۇۋىتىڭىز ياخشىكەن ،ئەسەرلىرىڭىزنى ئايمىغايسىز!
ۋاقتى: 2014-5-30 16:54:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىپسىز ھارمىغايسىز ئەشۇ سەبى بالىرمىز ئۇچۇن جاپا چىكىپ بىر ياخشى يازمىنى سۇنۇپسىز رەھمەت سىزگە.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-25 01:17

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش