روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1161|ئىنكاس: 4
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ۋاپا تەبىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Jam تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-24 13:36  

          ۋاپا تەبىرى

     (ۋاپا ئىزدىگۈچىلەرگە)

ۋاپانى ئىزدەپ يۈرمە قەدىناسىم،
تارىختىن، فىلىملەردىن، رومانلاردىن.
سۆيگۈمىز ۋاپا چېچىپ ئۆتتى بەلكىم،
ئۇزۇن يىل بىللە باسقان داۋانلاردىن.

نىكاھتا تەڭ چىشلىگەن تۇزلۇق ناندا،
بىلگەنسەن، سىڭدى تەنگە «ۋاپا» تەمى.
قىسمەتلىك تۇرمۇش بىلەن ئېلىشقاندا،
غالىپ بىز، ھېكمىتى دەل « ۋاپا» پەمى.

سۆيگۈمىز ۋاپا بىلەن بىخ چىقىرىپ،
ئائىلىگە چەكسىز بەخت بەخىش ئەتتى.
قوشماق پەرزەنت يۇلتۇزلاردەك نۇر چېچىشىپ،
دىلىمىزغا ئىنساب- ئىمان نەقىش ئەتتى.

گۈپۈلدەپ ۋاپا پۇرار، بىلىۋالغىن،
سەن دەزمال سالغان ھەر قۇر كىيىمىمدە.
سۆسۈن رەڭ ھالقىلارنى ئېسىۋالغىن،
ئۇنى مەن سوۋغا قىلغان، تۇت ئېسىڭدە.

ھەر سۆزۈم ئەقىدەمدۇر، ۋاپا ئەسلى،
سەن ئەتكەن تاماقلارنى ماختىغاندا.
بولغاچقا سەنمۇ شۇنداق، ئەزىز نەسلى،
قىيالماي تاشلىمىدىڭ، باتنىغاندا.

ۋاپا ئۇ- ئىشەنچتۇر، ساداقەتتۇر،
ساداقەتنى كۆزلىرىمدىن كۆرمىدىڭمۇ؟
«ھالاللارغا بىنومۇسلۇق ھاقارەتتۇر...» ،
پىچىرلاپ، ئوتلۇققىنە سۆيمىدىڭمۇ؟

ۋاپانى ئىزدەپ يۈرمە يىراقلاردىن،
مۇجەسسەم ئاشۇ لەئلى ئىككىمىزدە.
گۆھەرلەر يالتىرايدۇ قىياقلاردىن،
سۆيگۈدىن نۇر ياغىدۇ كۆكسىمىزدە !
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-5-24 13:38:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بىر ۋەزنى ياخشى، چوڭقۇر پەلسەپىۋى مەنىگە تويۇنغان شېئىر ئىكەن، مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويغان بولسىڭىز (ئۆز ئىجادىيىتىڭىزمۇ ياكى باشقىلارنىڭمۇ؟)
ۋاقتى: 2014-5-24 15:24:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاپىيە شەكىللىرى ناھايىتى ياخشى ماسلىشىپتۇ ، قەلەم تولپارىڭىز ھارمىغاي .
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-24 19:34:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جام ئەپەندىنىڭ ئىلھامىغا تەشەككۈر. مەن ( نۇرلان) ئۆزۈمنىڭ يازمىسى ئەمەسلىرىنىڭ مەنبەئەسىنى چوقۇم ئەسكەرتىمەن.
ۋاقتى: 2014-5-25 09:29:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى چىقپتۇ داۋاملىق تىرشىڭ.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-20 18:11

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش