روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 2112|ئىنكاس: 9
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

يانفوننى توغرا ئىشلىتەيلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
يانفوننى توغرا ئىشلىتەيلى7 N% z0 U' Z5 @$ ~! |بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
7 f; s4 W4 i0 o" N% A  Mبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

( \! T* Q' v' a0 x$ q/ }/ o1973-يىلى 4-ئايدا ئامېرىكا موتورولا شىركىتى دۇنيادىكى تۇنجى كۆچمە تېلېفوننى ياساپ چىقتى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى مىسلىسىز قولايلاشتى، كىشىلەر ئۆيدە، يولدا، خىزمەتتە، ماشىنىدا... ئىشقىلىپ خالىغان يېرىدە باشقىلار بىلەن سۆزلىشەلەيدىغان بولدى. 40 يىللىق تەرەققىيات نەتىجىسىدە، يانفوننىڭ ئىقتىدارى كىشىلەرنىڭ ئەينى چاغدا پەرەز قىلالىغىنىدىنمۇ بەكرەك ئېشىپ، ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ھەربىر ساھەسىگە سىڭىپ كىرىپ، كىشىلەرنىڭ ئايرىلماس ھەمراھىغا ئايلاندى. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كەچتە ئۇخلاش ئالدىدا قىلىدىغان ئاخىرقى ئىشى تېلېفونغا قاراش، سەھەردە ئويغانغاندا ئېچىشىۋاتقان كۆزلىرىنى قىيا ئېچىپ، يەنە تېلېفونغا قاراش بولۇپ قالدى.ئەقلىيفونلارنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشنى يېڭى بىر تەرەققىيات پەللىسىگە كۆتۈردى. ئەسلىدىكى مۇقىم تېلېفونلار، كۆچمە تېلېفونلارنىڭ قىسقا ئۇچۇر مۇلازىمىتى قارىماققا دەۋردىن قېلىشقا قاراپ يۈزلەندى. بىراق بىز تېلېفونلارنىڭ ئىقتىدارىنىڭ ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغان ۋاقتىمىزدا، ئەمەلىيەتتە يۇقىرى كۆتۈرۈلۈۋاتقىنى دەل كۆچمە تېلېفونلارنىڭ قوشۇمچە ئىقتىدارى بولۇپ، تېلېفوننىڭ ئەسلى ئىقتىدارى بولغان سۆزلىشىش ئىقتىدارىدا ئۆزگىرىش بولمىدى. كىشىلەرنىڭ يانفونغا بولغان ئېھتىياجىنىڭ ئېشىشىمۇ ئەمەلىيەتتە يانفون قوشۇمچە ئىقتىدارىغا بولغان ئېشىش بولۇپ، بۇ خىل ئېشىش ھەتتا مەلۇم دەرىجىدە يانفوننىڭ ئەسلىدىكى، تۈپ ئىقتىدارىغا بولغان ئېھتىياجنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە كەلدى. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، كىشىلەر نۇرغۇن ۋاقىتتا تېلېفوننى سۆزلىشىشكە ئەمەس بەلكى باشقا كۆڭۈل ئېچىش، ئىجتىمائىي ئالاقە قاتارلىق تەرەپلەرگە ئىشلىتىدىغان بولدى، تېلېفوننىڭ توكى ۋە تور ئېقىمى ئاساسەن ئىجتىمائىي ئالاقە قىلىشقىلا ئىشلىتىلىدىغان بولدى. نۇرغۇن كىشىلەر بىۋاستە تېلېفوندا سۆزلىشىشكە قارىغاندا قىسقا ئۇچۇر، ئىجتىمائىي ئالاقە تورى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىدىغان بولدى. بۇ خىل ئۆزگىرىش قارىماققا ئىقتىساد جەھەتتىن تېخىمۇ تېجەشلىك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنىمۇ كۆپ تەرەپلىك بولدى.يانفوننىڭ كىشىلەرگە ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنى ئەڭ ئالدى بىلەن سالامەتلىككە ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنى بولۇپ، يانفوننىڭ رادىئاتسىيەسى ئىنتايىن يۇقىرى، ئەلۋەتتە سۈپىتى ناچار يانفوننىڭ رادىئاتسىيەسى ئادەتتىكى يانفونلارنىڭكىدىن خېلىلا يۇقىرى. سىگنال ناچار ۋاقىتتا يانفون ئارىجرىتىپ چىقىرىدىغان رادىئاتسىيە سىگنال ياخشى ۋاقىتتىكىدىن كۆپ يۇقىرى بولىدۇ. ئۇزاق مەزگىل يانفوندا سۆزلىشىدىغان كىشىلەرنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش نىسبىتى نورمال سۆزلىشىدىغان ياكى يانفون ئىشلەتمەيدىغانلارنىڭكىدىن خېلىلا يۇقىرى بولىدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر كەچتە ئۇخلىغاندا يانفوننى بېشىنىڭ يېنىغا قويۇپ ئۇخلاشقا ئادەتلەنگەن بولۇپ، بۇنىڭ مېڭىگە بولغان تەسىرى مۆلچەرلىگۈسىز بولىدۇ.يەنە بىر تەرەپتىن، كۆزگە بولغان زىيىنىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى. ھازىر ياشلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىغا تايىنىشى ئىنتايىن ئومۇملاشقان بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بىر كۈنلۈك ۋاقتى ئىچىدە يانفونغا قارايدىغان ۋاقتى خېلىلا كۆپ سالماقنى ئېگىلەيدۇ.
4 B1 {. z; g- ~, V6 b كەچتە ئۇخلاش ئالدىدا نۇرغۇن كىشىلەر چىراقنى ئۆچۈرگەندىن كېيىنمۇ ئاز دېگەندە يېرىم سائەت تېلېفونغا قارايدۇ. بۇ يېرىم سائەت ۋاقىتتا چىراق ئۆچۈرۈلگەن ئىنتايىن قاراڭغۇلۇق بولغاچقا، بۇنداق ئەھۋالدا تېلېفونغا ئۇزاق ۋاقىت قارىغاندا، كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ تۆۋەنلىشى ئىنتايىن تېز بولىدۇ، مېڭە قاتتىق چارچايدۇ، ئەتىسى ئەتىگەن ئويغانغاندىمۇ ناھايىتى ھارغىنلىق ھېس قىلىدۇ. ئەگەر ئۇزۇن مەزگىل يانچە يېتىپ يانفونغا قارىغاندا، ئىككى كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ناھايىتى تېزلا تەڭپۇڭلۇقنى يوقىتىپ، ئىككى كۆزنىڭ گرادۇسىنىڭ ئوخشىماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.دائىم توردا پاراڭلىشىدىغان نۇرغۇن كىشىلەر، دوستلىرى بىلەن ھازىر مودا بولۇۋاتقان كيۇ كيۇ ۋە ئۈندىدار قاتارلىقلار ئارقىلىق پاراڭلىشىدۇ، بىرەر سائەت پاراڭلاشسىمۇ گەپ تۈگىمىگەندەك ھېس قىلىدۇ، بىراق تېلېفوندا ئالاقىلىشىپ قالغاندا، ياكى يۈز تۇرانە كۆرۈشۈپ قالغاندا بولسا دەيدىغان گەپ قالمىغاندەك، ئوڭايسىزلىق ھېس قىلىشىدۇ. كىشىلەر تېلېفون ئالاقە تورى ئارقىلىق يىراقتىكى ناتونۇش دوستلار بىلەن ناھايىتى قىزغىن پاراڭلىشالايدۇ، بىراق ئەتراپىدىكى ئۇرۇغ-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرى، خىزمەتداشلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسى كۈنسىرى ئازىيىۋاتىدۇ. ساۋاقداشلار، دوستلار بىر يەرگە يىغىلىپ ئولتۇرۇش قىلغاندىمۇ، ھامان بىر قانچەيلەننىڭ يانفون بىلەن ھەپىلىشىپ تۇرغانلىقىنى كۆرىمىز، يىغىلىشتىن يانغاندا نىمە پاراڭلارنىڭ بولغىنىنى ئەسلىيەلمەيدىغانلىقى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس. بۇ خىل نورمال ئىجتىمائىي ئالاقىنىڭ بىنورماللىشىشى مۇقەررەر ھالدا كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى كۆرۈنمەس ئارىلىقنىڭ يىراقلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.يانفوننىڭ ئومۇملىشىشى ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، يانفونغا تايىنىش كېسەللىكىنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشى ئىنتايىن كەڭ ئۇچرايدىغان پىسخىكىلىق بىنورماللىق بولۇپ قالدى. مەسىلەن توختىماي، ياكى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يانفونىغا قاراپ، يېڭىلانغان مىكرو بىلوگ، ئۈندىدار ئۇچۇرلىرىنىڭ بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرۈش، فونىزم يەنى تۇرۇپ-تۇرۇپ يانفونى سايرىغاندەك تۇيغۇدا بولۇش، دائىم يانفونىنىڭ توكىنىڭ يەتمەسلىكىدىن ئەنسىرەش، يانفونىنى ئۇنتۇپ قالسا روھىنى يوقاتقاندەك بولۇش قاتارلىقلار. كىشىلەرنىڭ بۇ خىل ھالىتى ئەمەلىيەتتە پىسخىكىلىق بىنورماللىق ھېسابلىنىدۇ.بىز يەنە يوللاردا ياشلارنىڭ تېلېفوننى ئاغزىغا يېقىن قىلىپ، بىر نەرسىلەرنى سۆزلەپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز، ئەمەلىيەتتە بۇ ئىنتايىن خەتەرلىك بولۇپ، قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراش خەۋپىنى يۇقىرىلىتىۋېتىدۇ. يولدا يانفونغا قاراپ ماڭماسلىق ھازىر چەتئەللەردە ئاتا-ئانا ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مۇھىم تەربىيە نوقتىسى بولۇپ قالدى. يانفوننىڭ كەشپ قىلىنىشى ۋە ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى ئىنسانىيەت تەرەققىياتىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بىراق بۇنىڭ بىلەن بىرگە، تېلېفوننى توغرا مۇۋاپىق ئىشلىتىشمۇ ئىنتايىن زۆرۈر.
1 E2 W* G. a, B9 T2 U
1 `% y$ H, p- Z$ Z! Iپايدىلانغان ماتىريال : خەۋەر تورى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-5-11 11:38:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ئويلاپ قالىمەن بەزدە مۇشۇ نەرسىنى كىم ئىجات قىلغان بولغۇيدى. تەرەققى قىلىش  ياخشى، ئەمما چىكىنش تىخمۇ بەك ياخىشى بوپ كىتۋاتىدۇ دىسە .
ۋاقتى: 2014-5-11 11:40:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممە نەرسىنىڭ ئككى تەرپى بولغاندەك لىكىن بۇ تىلفۇننىڭ ھازىر ئۇچ تەرپى بار بوپ قىلۋاتىدۇ پايدا بىر ھەسسە زىينى ئككى ھەسسە.

باھا سۆز

قوللايمەن: 5.0
قوللايمەن: 5
توغرا دەيسىزدىگەن سۈزىڭىزنى قوللايمەن  ۋاقتى: 2014-5-11 11:56
ۋاقتى: 2014-5-11 13:12:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆتكەندە بىر ھەجۋى رەسىم كۆرگەنىدىم ، 100 يىل بۇرۇن دەپ يېتىپ ئەپيۇن چېكىۋاتقان بىر ئادەم، ھازىر دەپ يېتىپ تېلىفۇن ئويناۋاتقان بىر ئادەمنى سېلىشتۇرۇپ. لېكىن ھازىر ھەقىقەتەن يانفۇندىن ئايرىلالماس بوپ كەتتۇق، ھېچ ئىش بولمىسىمۇ قولغا ئېلىپ قۇلۇپنى ئېچىپ يەنە تاقاپ يانچۇققا سەپ قويۇپ دېگەندەك .
ۋاقتى: 2014-5-11 13:47:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ  ئەقلىيفۇنلارنىڭ  مىھرى  ئاندىن ئىسىق بۇلۇپ كىتىپ بارىدۇ  قانداق قىلىش كىرەك  ئىشلەتمسە  ئەسلى بۇلمىسا
ۋاقتى: 2014-5-11 16:26:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ يانفون ئىشلىتىۋاتقىلى 11 يىلدىن ئېشىپتۇ، ئەقلىيفوننى قولۇمغا ئالغىلى ئەمدىلا بىر يىلدىن ئېشىپ قالغان بولسىمۇ قىسمەن پايدىلىق ئۇچۇرلار بولسا ئانچە- مۇنچە كۆرگەننى، كىتابخانىلارغا بارغاندا مۇھىم مەزمۇنلارنى سۈرەتكە تارتىپ خاتىرىلىگەننى ھېسابقا ئالمىغاندا سۆزلىشىشتىن باشقا ئىقتىدارلىرىنى ئاساسەن ئىشلەتمەيمەن (ھەتتا ئۈندىدارنىمۇ ئىشلىتىپ باقمىدىم). سەۋەبى: ئىشلەتكۈم كەلمەيدۇ ئەمەس كېلىدۇ، بىراق، ئۆزۈمنى چارچىتىۋالماي دەپ ئويلايمەن.3 j6 _$ d2 z7 oبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ھازىر چوڭ بولغان بالىلار تېلېفونسىز مۇھىتنى تەسەۋۇر قىلالماسلىقى مۇمكىن، ئەمما سەل چوڭلىرىمىزغا نىسبەتەن ئەشۇ يانتېلېفونسىز مۇھىت بىزگە ئانچە ناتونۇش بولمىسا كېرەك. بەزەن ۋاقىتلاردا ئويلاپمۇ قالىمەن، شۇ ۋاقىتلار تولىمۇ گۈزەل ۋاقىتلار ئىكەن دەپ. تېلېفون بولمىغان ۋاقىتلاردا ئۆزىمىزنىڭ ۋاقتىغا ئۆزىمىز ئىگە بولالايدىكەنمىز، ئۇرۇق- تۇغقان، دوست- يارەنلەر ئوتتۇرىسىدىكى مېھرى- مۇھەببەت تولىمۇ تەبئىي ۋە چوڭقۇر ئىكەنتۇق. ھازىرچۇ؟ ھازىر بولسا ھەتتا قوشنىلىرىمىزغا دەيدىغان سۆزلىرىمىزنى نەچچە مېتىر يول مېڭىپ، يۈز تۇرانە دېمەي تېلېفون ئارقىلىق دەيدىغان بولۇپ كەتتۇق، يىراق- يېقىندىكى قېرىنداش- دوستلىرىمىزغا سالام خەت يېزىش دېگەنغۇ يوقلا بىر ئىش بولۇپ كەتتى ھازىر (چۈنكى تولىمۇ ئەپلىك يانفون بار تۇرسا). مۇشۇ ئىشلارنى ئويلىغانسېرى ئۆزىمىزنىڭ تەقدىرىدىن ھەتتا ئەندىشە قىلىپمۇ قالىمەن. چۈنكى، پەن- تېخنىكا تەرەققىي قىلدى، تۇرمۇشىمىزغا زور قولايلىق ئېلىپ كەلدى دەپ خوشال بولۇپ يۈرگەن بۇ كۈنلەردە ئىلىم- پەننىڭ تەرەققىياتى بىزگە ھەقىقەتەن زور قولايلىق ئېلىپ كېلىش بىلەن بىرگە يەنە ئۆز نۆۋىتىدە بىرقىسىم ئاۋارىچىلىقلارنىمۇ ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. مىدىتسىنا تەرەققىي قىلدى دەۋاتىمىز- يۇ، يەنە ھەيران قالارلىق ئىچىدە كېسەللىكلەرنىڭ تۈرىنىڭمۇ مۇناسىپ كۆپۈيۈپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۋاتىمىز. بۇنداق بولۇشقا باشقا نەرسە ئەمەس، دەل بىز ئۆزىمىز سەۋەبچى بولۇپ قالدۇق.: t9 E# \, H* Tبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ھايات قىممەتلىك، ساغلاملىق- ئەشۇ قىممەتلىك ھاياتىمىزنىڭ تۈۋرۈكى. بىز يانفون قاتارلىق زامانىۋى پەن- تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىدىن توغرا پايدىلىنىپ، مۇۋاپىق ئۇسۇلدا ئىشلىتىشنى بىلىۋېلىشىمىز كېرەك. ئەكسىچە بولغاندا ئېنىقكى، بۇ نەرسىلەر ھاياتىمىز ئۈچۈن بىر تەھدىت- خەۋىپ.
ئىدرسجان يوللىغان ۋاقتى  2014-5-11 11:40" A$ T9 i- I9 q& L- x( E3 uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ھەممە نەرسىنىڭ ئككى تەرپى بولغاندەك لىكىن بۇ تىلفۇننى ...
, T/ ~) k' u9 T' jبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
سىزنىڭ دىگىڭىزگە قوشۇلىمەن 100 بۇرۇنغۇ لىن زىشۈي دىگەن ئادەم چىقىپ ئەپيۇن ئۇرىشىنى قوزغاپ ئۇ ئىشنى تۇگەتكەن لىكىن ئەمدىكى ئەھۋلدا قاچانمۇ قەيەردىن بىر لىنزىشۈي چىقاركىن باادۇراق چىسىدى
ئەپيۇنغا خۇمار بولۇش كىسىلىنىغۇ لىنزىشۈي دىگەن بىر ئادەم چىقىپ يۇغۇشتۇر غان ئەمدى بۇ تىلفۇنغا خۇمار بولۇش كىسىلىگە قاچان قەيەردىن بىر لىنزىشۈي چىقار
ۋاقتى: 2014-5-12 16:12:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن كۈندە 2 سائەت تىلفۇن  ئويناپ قالىمەن قانداق قىلامەن  j1 T. t; W1 j- |; A- m2 e: E# vبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
来自安卓客户端

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-24 02:37

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش