روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1236|ئىنكاس: 8
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

بىر قەلەندەرمەن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
نەپسىگە قۇل بىر قەلەندەرمەن
(ئادەم بولۇپ بىلگەن ھىكمەتلەر)
تەڭسىز دۇنيا، غەمسىزلەرنىڭ چىرىغى يۇرۇق،
نىمىنى دەي، تاشقا ئوخشار ئەمما يوقسۇزلۇق.
قەھرىتان قىش-زىمىستاندا قىينايدۇ سوغۇق،
چوغ ئىزدىمەس، قەلب ئىزدەر بىزدىن ھاجەتمەن.

تەنلەر ئۇرۇق، ئاچلىق قىينار، « نان» دەيدۇ بىرى،
ھاياتلىقتىن ئۈمىد ئۈزمەي،« قان» دەيدۇ بىرى،
ۋا دەرىخا، مۇھتاجلىق ئۇ قىينار كۈنسىرى،
نەچچە يەردىن تىتىلغاندۇر شاكراپ تەر چەكمەن.

قەدەم ھالسىز، سەنتۈرۈلۈپ، تەڭلىك ئىزدەيدۇ،
تىنىق ئېغىر، غەمنى يۈدۈپ كەڭلىك ئىزدەيدۇ،
نىيەت توغرا، مېھنىتىمدە رىزقىم بار دەيدۇ،
قولى قاداق، كۆزى ياشلىق جاپاكەش دەرتمەن.

ئۆرتەنسىمۇ ئازابلاردا، قوقاس كەبى جان،
تىرىكلىككە يىپ ئۇلايدۇ، پەرزەنتى ئارمان،
شۇنداق ئوت بۇ ئەلمىساقتىن، ئىگىمىز سالغان،
ئۇ بىلىدۇ: ۋاز كېچىشكە بولمايدۇ جەزمەن.

غېرىپلارمۇ ھالاللىقتا يۇرۇقلۇق بار دەپ،
ئىمانىنى ئىنسابىنىڭ تېشىدا بىلەپ،
ئاز يىسىمۇ قانائەتچان، يىمىدى تىلەپ،
پىچىرلايدۇ دىلخانىسى-غورۇرلۇق ئەرمەن.

شۇنداقلارنى مازاق ئەيلەپ، مەنمۇ بىر مەھەل،
نائەھلىگە تەڭكەش بولۇپ توۋلىدىم غەزەل،
ئەمدى بىلسەم، قېرىندىشىم يوقسۇل ئىكەن دەل،
«تۇزىنى يەپ تۇزلۇق چاققان» مەخلۇقمەن، پەسمەن.

سۇنالمىدىم پىخسىقلىقتىن، ھاقەتمەنگە قول،
قاراڭغۇدا شامنى ئاياپ، كۆرسەتمىدىم يول،
ساددىلارنى نادان چاغلاپ، قىلىپ يۈردۈم گول،
«بالا كەلسە قېرىنداشتىن»، ئاينىغان نەسمەن.

كېچىككەندە بىلىپ يەتتىم: ئادەملەر ئۇلۇغ،
ئەمما، ئادەم بەندىلىكتە بولماسكەن تولۇق،
مەندىن ئىبرەت: مېھىر دىگەن سۆيۈشكە ئۇرۇق،
خىجالەتتە، ئۆزرىلىكتە، ئاشۇنداق دەرمەن.

قارا دۇنيا، شىرمەت سۈپەت ئادەملىرىڭگە،
ئۆزى يوقسۇل، كۆڭلى ئاپئاق بەردەملىرىڭگە،
لەنەت مەندەك، كۆزى كور، «ھاتەملىرىڭ»گە،
شۆھرەت ئىزدەر، نەپسىگە قۇل –بىر قەلەندەرمەن.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +20 ئىناۋەت +20 تەڭگە +20 بايلىق +20 تۆھپە +7 يىغىش سەۋەبى
Tursun007 + 20 + 20 + 20 + 20 + 7 ياقتۇردۇم

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-5-11 11:43:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت،بەك ياخشى يېزىپسىز!يېزىپسىز!
Android  يانفۇندا يوللانغان
ۋاقتى: 2014-5-11 11:46:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىپسىز داۋاملىق تىرشىڭ.شىئرىڭىز ئۇزۇلۇپ قالمىسۇن.
ۋاقتى: 2014-5-11 13:03:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسز مۇشۇنداق شىئىرلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن
ۋاقتى: 2014-5-11 13:06:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىيقەتەن ياخشى يىزىپسىز، قولىڭىز تىلىپ قالمىغاي!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-11 13:48:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىسمەن يەردە ئىملا خاتالىقى يۈز بېرىپتۇ. مۇنبەرداشلارنىڭ تۈزىتىپ ئوقۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2014-5-12 16:50:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
"ئەمما ئادەم بەندىلىكتە بولماسكەن تولۇق"بۇ گەپ پەچەت چۈشۈپتۇ شېئىرىڭىزغا.ناھايتى ياخشى يېزىپسىز.ئاللاھ بەرىكەت بەرسۇن.ئامىن
来自安卓客户端
ۋاقتى: 2014-5-12 18:02:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلەندەر بىز غۇرۇر ۋېجدانغا.....................................
ياخشى يېزىپسىز قېرىندىشىم.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-21 12:13

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش