روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 728|ئىنكاس: 4
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

جېنىم دوپپام، قېنىم دوپپام

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
جېنىم دوپپام، قېنىم دوپپام

قامىتى باھادىردەك، خوپ يارىشۇر،
بۇ ئەلنىڭ ئەركەكلىرى دوپپا كەيسە.
جىلۋىسى گۈل-چېچەكتەك، كۆز قامىشۇر،
قىزلىرى دوپپا بىلەن ئۇز ئەسلىدە.

قولى گۈل، پاراسەتلىك ئەزىز خەلىقىم،
دوپپىنى ئەنئەنىگە مىراس قىلدى.
ھەر نەقىش-ئويمىلىرى غورۇر-تەختىم،
ھىسلىرىم زەر ياقۇتقا قىياس قىلدى.

دوپپامدا جۇلالىنىپ تارىخ بايان،
جىيىكىگە ئۆرپ-ئادەت كۆركەم نەقىش.
دوپپامدا ئۆزلۈك بىلەن كىملىك ئايان،
ئۇيغۇرلىقىم يۈرىكىمگە ئىلھامبەخىش.

سۆيۈملۈكسەن، كۆرۈملۈكسەن جېنىم دوپپام،
سەن قونغان باش سېزىدۇ راھەت ئاڭا.
ۋىجدانغا رەڭ بېرىسەن قېنىم دوپپام،
بىر كۈنلۈك كەيگىنىممۇ ئامەت ماڭا.

دوپپىدىن قۇت ياغىدۇ ئىپتىخارغا،
شۇڭا مەن دوپپامنى بەك قەدىرلەيمەن.
ئۇيغۇرنىڭ پۇشتى بولمىش ھەر بىر جانغا،
دوپپىنى ئەجدادىدەك سۆيسە دەيمەن!

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +60 ئىناۋەت +60 تەڭگە +60 بايلىق +60 تۆھپە +21 يىغىش سەۋەبى
Tursun007 + 60 + 60 + 60 + 60 + 21 يارايسىز

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-6 01:02:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرسۇن ئەپەندىمنىڭ ھەر ۋاقىت تېمامنى تەستىقلاپ تۇرغىنىغا ۋە ئىلھام بەرگىنىگە كۆپ تەشەككۈر.
ۋاقتى: 2014-5-6 11:13:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ياقتۇردۇم
ۋاقتى: 2014-5-6 17:40:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى شىئىركەن.ياقتۇرۇپ قالدىم.
دوپپا ھەققىدە ياخشى يېزىلغان شېئىركەن.قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن ا

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-24 06:07

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش