روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 640|ئىنكاس: 6
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

يېشىل ئىلھام

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
       يېشىل ئىلھام
مىسرالاردىن يۈرەك كۆيسە تومۇرلاردا،
ئېدىتلىق تەپەككۇرنى قىلسا ئىنئام.
ياپيېشىل نۇر تەپچىسە غورۇرلاردا،
مۇشۇ دەل قەلەمكەشكە يېشىل ئىلھام.

پۇرىقى ئىپار چاچسا ھەر بىر سۆزنىڭ،
ھېكمىتى مەستخۇش قىلىپ، دىل سەگىتسە.
تامچىسى يېشىل بولسا قارا كۆزنىڭ،
مەنىسى روھ ئويغىتىپ، يول ئەگىتسە.

ھەر جۈملە يېشىل رەڭلىك چىمەن بولسا،
ئوقۇرمەن ياپراق ئەگسە ئىجىللىقتا.
ھەر شېئىر يالغان ئەمەس، راستقا تولسا،
كەمىنە يۈرمەس ئىدى خىجىللىقتا.

يېشىل رەڭ سوراپ يۈرەر مەندىن قەلەم،
راستچىللىق يېشىللىقنىڭ لىباسىدۇر.
تەبىئىيلىك يېشىل دىمەك، جانغا مەلھەم،
يېشىل ئىلھام- شائىرلارنىڭ سىماسىدۇر!

باھا سۆز

بەك ياخشى يېزىپسىز.  ۋاقتى: 2014-5-4 11:44

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 3تەجرىبە +40 ئىناۋەت +55 تەڭگە +49 بايلىق +40 تۆھپە +14 يىغىش سەۋەبى
Tursun007 + 20 + 20 + 20 + 20 + 7 ياقتۇردۇم
نەۋرۇز + 20 + 20 + 20 + 20 + 7 ياقتۇردۇم
Ayshemgul + 15 + 9 ماختاشقا تېگىشلىك

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-5-4 10:24:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇكام   گەپ قىلماي دىسەم  خاتالىقنى كۈرۈپ تۇرۇپ سۈكۈت قىلغۇم كەلمىدى. شېىرىڭىزنىڭ 1-كۇبلىت 1-مىسراسىغا بىر قاراپ باقامسىز ؟
«مىسرالاردىن يۈرەك كۆيسە تومۇرلاردا ››  سىز  بۇ مىسرالاردا مەنتىقە جەھەتتىن  مەسىلە يوق دىيەلەمسىز  ؟ياكى بۇ گۇڭگا شېىئىرى مىسرالارمۇ؟ ۋە ياكى تاققا -تۇققالارمۇ؟ ئەگەر قايىل بولسىڭىز شېىرىدىكى تىل تاۋلاشقا ئەستايىدىل مۇئامىلە  قىلسىڭىز  
ۋاقتى: 2014-5-4 10:28:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇنجى رەت ئىشتتىم بۈگۈن‹يىشىل ئىلھام›!
يەشمىسى قاراپ ئۆتسەم زەپ ئېسىلكەن.
گەر بولسا ھەربىر شائىر ۋۇجۇدىدا،
مىللىتىم كەلگۈسىدە ئۈمۈد كۆپكەن.



ۋاقتى: 2014-5-4 10:44:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس كىچىككىنام خاتالىق ئوتكۇزىپسىز. تىخىمۇ تىرىشىڭ،
ۋاقتى: 2014-5-4 11:45:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورداشلار دىگەندەك ئاشۇ مىسرالاردا ئازراق كەمچىللك باردەك قىلىدۇ. ئەمما بەك ياخشى يېزىپسىز .
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-4 15:16:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆكتۇغ  ئەپەندىم قاتارلىق تورداشلارنىڭ پىكرىگە رەھمەت. كوكتۇغ ئەپەندىمنىڭ تەكلىپىگە قارىتا كۆز قارىشىم: بىر شېئىردىكى مەزمۇننى بىر مىسرادىكى مەنتىقە بىلەن ئەمەس، بىر پۈتۈن شېئىردىكى مەنتىقە بىلەن ئۆلچىسە بولارمىكىن دىگەن قاراشتىمەن.
" مىسرالاردىن يۈرەك كۆيسە تومۇرلاردا" دەرۋەقە ئاڭلىماققا مەنتىقىسىز، جۆيلۈشتەك تۇيۇلىدىكەن. ئەمما، پىكىرنى ئۇدۇللا ئىپادىلەشكە قارىغاندا، مۇشۇنداق " گۇڭگا" لارمۇ ئوقۇرمەننى تەپەككۇرغا باشلاشتا مۇئەييەن رول ئوينايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە " گۇڭگا" مۇ يامان ئاتالغۇ ئەمەسقۇ؟ گەپ ھەر كىمنىڭ قانداق چۈشىنىشىدە.  ئەلۋەتتە،  بۇ پەقەت مېنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىم.  
بۇندىن كېيىنكى يازمىلىرىمدا " تىل تاۋلاش" قا چوقۇم ئەھمىيەت بېرىمەن.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-18 01:19

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش