روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 630|ئىنكاس: 6
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

قەلىمىمگە خەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
              قەلىمىمگە خەت
يالغان يېزىپ قەلىمىم، تويارسەنمۇ بىر كۈنى،
شەرمەندە قىپ مېنىمۇ قويارسەنمۇ بىر كۈنى؟
قەسىر ئايۋان شائىرى ئاقنى قارا دەيدىكەن،
سەنمۇ شۇنداق، لەۋزنى بويارسەنمۇ بىر كۈنى؟
دىلى قانلار ئىشىنىپ،ساڭا ئەھۋال-دەرت تۆكسە،
ياشنى ئېيىتماي كۆزىنى ئويارسەنمۇ بىر كۈنى؟
ئېتىقادلىق قەلەمكەش مۇزلىغانغا چوغ بېرەر،
سەن ئەكسىچە، پىيازدەك سويارسەنمۇ بىر كۈنى؟
«تاشمۇ چۈشكەن يېرىدە ئەزىز»دىگەن ھېكمەت بار،
ئاش-تۇز بەرگەن تۇپراقنى تونارسەنمۇ بىر كۈنى؟
ئۇيات ئىشتۇر شائىرغا، شۆھرەت ئۈچۈن قۇل بولۇش،
تاما سىڭگەن ئۆتەڭدە قونارسەنمۇ بىر كۈنى؟
سەگىيدىغۇ يۈرەكلەر، بىر پىيالە شەربەتتىن،
چاڭقاپ قالغان قەۋمىڭگە سۇنارسەنمۇ بىر كۈنى؟
ئىت قېنىدا ھۈرىمەس باشنى سىلاپ باققانغا،
«قاۋا»دىسە ئىگەڭگە، ئۇنارسەنمۇ بىر كۈنى؟
ساڭا ئىنساب تىلەيمەن ھەر يازمامدا بىر قېتىم،
تىلىكىمنى يەكسان قىپ، ئۇرارسەنمۇ بىر كۈنى؟!

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 3تەجرىبە +20 ئىناۋەت +50 تەڭگە +38 بايلىق +20 تۆھپە +7 يىغىش سەۋەبى
Ayshemgul + 15 + 9 ماختاشقا تېگىشلىك
بىجىرىم + 15 + 9 ياقتۇردۇم
Tursun007 + 20 + 20 + 20 + 20 + 7 ياقتۇردۇم

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-5-1 00:21:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى  يىزىپسىز   لىكىن بەكلا مەيۇسلىنىپ كەتمەڭ    ئىرادىلىك بۇلۇڭ
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-1 11:46:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرسۇن ئەپەندىمنىڭ ياقتۇرغىنىغا رەھمەت.
ۋاقتى: 2014-5-1 14:07:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ياخشى يېزىپسىز
ۋاقتى: 2014-5-1 20:36:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولىمۇ مەنىلىك ئېسىل شېئىركەن.
ۋاقتى: 2014-5-3 22:16:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلى بۇ سىز يازغان شېئىركەن ھە!مەن ئۈندىداردىمۇ بەھىرلەنگەن ،بۇ يەردە ئەمدى كۆرۈشۈم
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-3 22:57:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرنى ياقتۇرغان مۇنبەرداشلارغا كۆپ رەھمەت.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-23 13:01

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش