روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 770|ئىنكاس: 4
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

مەن تۇغۇلغان كۈن-ئانام تۇغۇلغان

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
  مەن تۇغۇلغان كۈندە ئانام تۇغۇلغان
        ( تۇغۇلغان كۈنۈمگە ئاتاپ)

ئوتتۇز توققۇز يىل ئىلگىركى باھار،
مەن تۇغۇلغان قۇتلۇق كۈن ئىدى.
دادام كۆزىدە ئارمانلار ئاقار،
ئانام ئېھتىمال، تىلەك تىلىدى.
ئالەم سۆيۈنۈپ مېھىرلىك باقار،
تۇغۇلماقنىڭمۇ ئۇلۇغ خىسلىتى.

يىللار قاناتسىز، سېھرى ئاجايىپ،
«دادا» ئاتىلىپ، قوشۇلدۇم سەپكە.
ئارزۇلىرىمغا مەسئۇلىيەت ئارتىپ،
تۇرمۇش چاقىنى تارتقاندا پەسكە،
قاياشىم-ئانام، يۈرەر ياندىشىپ،
ئۆزىنىڭ غېمى كەلمەيدۇ ئەسكە.

مەن تۇغۇلغان كۈن-ئانام تۇغۇلغان،
يۈرەكتىكى كۈي ئانامغا تالىق.
ھەر كىمگە ئانا-تومۇرىدا قان،
تۇغۇلغان كۈنلەر ئانىغا ئاشىق.
ئانا تۇغۇلغان كۈنلەر ئۇنتۇلغان،
تەتۈر زامانلار قارغاشقا لايىق!

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +20 ئىناۋەت +20 تەڭگە +20 بايلىق +20 تۆھپە +7 يىغىش سەۋەبى
Tursun007 + 20 + 20 + 20 + 20 + 7 يارايسىز

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-4-27 14:59:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز!!!!!
ۋاقتى: 2014-4-27 15:11:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى شىئېرلارنى يىزىپسىز، ئەقلىڭىز تىخىمۇ زىيادە بولغاي!
ۋاقتى: 2014-4-27 16:37:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقۇرغۇچىلار تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ  گەپ قىلىپ قوياي  تىما تەستىقىدىن ئۆتمىگەندە  ئۆتمەسلىك سەۋەبىنى يېزىپ  قويساڭلار

باھا سۆز

بولىدۇ تەستىقتىن ئۆتمىگەن تمىلارغا سەۋەبىنى يىزىپ قويايلى.  ۋاقتى: 2014-4-28 11:17

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-23 10:38

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش