روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1947|ئىنكاس: 20
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئادىل ئەپەندىمگە چاخچاق

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئادىل ئەپەندىمگە چاخچاق
دىدارلاشماق غەنىمەت،
بىزدە شۇنداق ماقال بار.
ئادىلجاننى ئىزدەيمەن،
سەۋەبى-بىر مالال بار.

«قالپاقچىلار» مۇنبەردە،
تۇرار ئىدى پارقىراپ.
باشقۇرغۇچى توۋلىدى:
كىم يازدى دەپ ۋارقىراپ.

جاۋاب بەردىم، مەن يازدىم،
بايان ئەيلەپ ھالىمنى.
ئۆز قەلىمىم، ھاجەتسىز،
ئەسكەرتمەككە نامىمنى.

مەركەز بىلەن بىردەكمەن،
سىياسەتتىن تايمىدىم.
ھەق سۆزلىدىم، پەخەسمەن،
بۇ شېئىردا ئازمىدىم...

مۇشۇ سۆزنى ئاتامان،
ئېلانكەن دەپ بىلىپتۇ.
تەڭگە، تۆھپە مۇسادىر،
سېيىردەكلا سېغىپتۇ.

سۈيلىمىسە مەنبەنى،
مەن يازامتىم جاۋابنى؟
35 سەر تۆھپە يوق،
قانداق تارتاي ئازابنى.

ھەقنى يېزىش شەرت ماڭا،
يازالمىسام دەرت ماڭا.
ئىشنى ئۇقماي ئادىلجان،
سىزىق سىزدى «جەرت»ماڭا.

تەڭگەم مېنىڭ ئەمگىكىم،
تۆھپىلىرىم ئىناۋەت.
ئورۇنسىزلا تارتقۇزسام،
بولمامدىكەن قىيامەت؟!

باشقۇرغۇچى قورقۇتسا،
جاۋاب بەرسەم يامانمۇ؟
بىلمىدىم، يا، «روھلان»دا،
تەڭگە تاپماق ئاسانمۇ؟

ئەرزىم شۇدۇر: تارتقاننى،
ئاۋۇتۇپلا كىرگەيسىز.
قوشاق قاتتىم دوست ساناپ،
چاخچاقكەن دەپ بىلگەيسىز.  
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-4-23 01:03:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىپسز خىلى قىزىقارلىق بۇپتۇ
ۋاقتى: 2014-4-23 03:07:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھا ھا ئادىلجاننىڭ ئىنكاسىنى كۆرەيلىق قېنى
来自安卓客户端
ۋاقتى: 2014-4-23 07:50:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاھ،شېئىر يىزىشقا ئۇستا .ئىكەنسىز.
مەن نىمىشقا مۇشۇنداق قاملاشتۇرۇپ يازالمايدىغاندىمەن
ۋاقتى: 2014-4-23 09:44:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكمۇ  ياخشى  چىقىپتۇ
ۋاقتى: 2014-4-23 09:48:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاپىيەلىرى شۇنداق كەپتۇ، يارايسىز
ۋاقتى: 2014-4-23 09:58:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادىل ئەپەندىم كۆرۈنمەيدىيا؟؟؟؟
ۋاقتى: 2014-4-23 13:09:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇ ئالدىنقى شېئىرىڭىزدا نىمە ئىنكاسلار بولۇپ كەتتىكىنە... مەن كۆرەلمەي قاپتىمەن.
بەكمۇ قاملاشتۇرۇپ يېزىپسىز.
چاقچاققا چاقچاق شەكلىدە ئىنكاس قالدۇرالمىدىم، ئەمما ئۇ سىزدىن تارتىلغا نۇمۇر ئەمەس ھەم سىزگە قارىتا يېزىلغان ئېلان دېگەن گەپمۇ ئەمەس، ئۇ سىزنىڭ تېمىڭىزغا ۋە باشقىلارنىڭ تېمىسىغا بىر تور بىكەتنىڭ ئۇلانمىسىنى قوشۇپ قەستەن ئېلان يوللىغانئەزادىن تاتىلغان نۇمۇر، سىز ئۇنىڭغا دىققەت قىلمىغاندەق قىلىسىز.
تېمىڭىز ئاستىغا باشقۇرغۇچىمىز تەرىپىدىن ئەسكەرتىلگەن مەنبەنى ئەسكەرتىش ھەققىدىكى ئەسكەريمىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇنى ئۆزگەرتىپ، مەنبە ئىجادىيتىم دەپ يېزىپ قويغان، مەنبەنى ئەسكەرتىش بارلىق ئەزالارغا قۇيۇلغان تەلەپ، باشقۇرغۇچىنىڭ ئەسكەرتىشىمۇ توغرا، شۇڭا بۇنىڭدىن كېيىن ئەسەرلىرىڭىزدە مەنبە ئىجادىيتىم دەپ ئەسكەرتىپ قويسىڭىز بولىدۇ، ئۇقۇشماسلىق بولمايدۇ.
يانفۇندا بولغاچقا كۆپ مەزمۇن يوللاش ئەپسىز بولۇپ قالدى.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-23 20:56

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش