روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 692|ئىنكاس: 1
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

بۈگۈن نىمە ئىش قىلىش توغرىسىدا پىلان تۈزىۋاتامسىز؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ھاياتنىڭ ھەر بىر تېڭى ھاياتلار ئۈچۈن تولىمۇ ئەتىۋار ۋە شېرىن. گەرچە، ياشاش ئىنسانلارغا ئوخشاش ئىلتىپاتلانغان بولسىمۇ، لېكىن ئادەملەرنىڭ ھاياتنى ئەتىۋارلىشى ۋە ياشاش ئۇسۇلى ئوخشىمايدۇ. ھاياتنىڭ مەنىسىنى تاپالىغان، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى روياپلاندۇرۇپ، ھاياتىنى ئۇتۇق بىلەن نەقىشلەۋاتقان كىشىلەرنىڭ شۆھرىتى دەل ئۇلارنىڭ بۈگۈننى چىڭ تۇتالىغانلىقىدا، قەدىرلىيەلىگەنلىكىدە.
+ {+ a- H9 W9 P# B/ Q& aئەتە قانداق ئىشلارنىڭ زاھىرلىنىشىنى ئالدىن بىلىشكە ئامالسىز بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، بۈگۈن ھەر بىرىمىزگە بەكمۇ قەدىرلىك. چۈنكى، گۈزەل ئەتىگە نەزەر سالغىنىمىزدا بۈگۈننىڭ ئۈمىد، يېڭى باشلىنىش ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. شۇڭا، ھاياتىمىزنىڭ ھەر بۈگۈنىدە قىلماقچى بولغانلىرىمىزنى كۆڭلىمىزگە پۈكۈشىمىز ياكى پىلان تۈزۈۋېلىشىمىز ناھايىتى مۇھىم. خۇددى سەھەر تۇرۇپ يۈزىمىزنى يۇيۇشنى ئۇنتۇپ قالمىغىنىمىزدەك، بۈگۈن نېمە ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىمىز توغرىسىدا ئالدىن پىلان تۈزۈۋېلىشىمىز كېرەك. سەھەر تۇرۇپ چوقۇم ناشتا قىلىڭ، ساغلاملىق ئىستىسىڭىز ناشتىدىن بۇرۇن بىر چىنە سۇۋۇتۇلغان چاي ئېچىشنى داۋاملاشتۇرۇشنى ھەرگىز ئۇنۇتماڭ. ئىشقا ماڭغۇچە بۈگۈن نېمىلەرنى پۈتتۈرۈپ، نېمىلەرگە يول ئېچىشىڭىزنى پىلانلىۋېلىڭ.0 P, H1 I2 i4 Nبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بىر كۈنلۈك ئىشلارنى قەغەزگە خاتىرىلىۋىلىش دانالارنىڭ ئادىتى. كەچتە يېتىشتىن ئاۋۋال بۈگۈنكى ئىشلاردىن خۇلاسە چىقىرىڭ. شۇنىڭ بىلەن كۈنلىرىڭىز تولىمۇ مەنالىق،ئەھمىيەتلىك ئۆتىدۇ. ، ھاياتتىكى ھەربىر تاڭ بىزنىڭ ھاياتقا مەنە بەرگۈدەك ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلىشىمىز ئۈچۈن يورىيدۇ. پىلانسىز تۇرمۇش ئىنسان ھاياتىنى ھېچنەرسىگە ئېرىشتۈرەلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھاياتتىكى ھەربىر كۈنىمىز ئىدىتلىق، پىلانلىق ئۆتكۈزىشىمىزگە مۇھتاج. شۇڭا، قىلىپ تۈگەتمىسە بولمايدىغان مۇھىم ئىشلىرىڭىزنى پىلانلىۋېلىڭ. مۇشۇنداق داۋاملاشتۇرسىڭىز ھاياتنىڭ شېرىن دەقىقىلىرى، شانلىق نەتىجە-مۇۋەپقىيەتلىرى سىزنى ئەگىيدۇ.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-4-21 23:22:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈندىلىك ئىشلىرىمىزنى  پىلانلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ ،چەكلىك ھاياتىمىزنى مەنىلىك ئۆتكۈزەيلى. تېمىڭىزغا ئەسكەرتكىنىڭىزگە رەھمەت.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-23 03:01

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش