روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1014|ئىنكاس: 7
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئەركەك شائىر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەركەك شائىر

شائىر- دىگەن ئىككى بوغۇم سۆز،
ھەق سۆزلىگەن قەلەمكەشلەر ئۆز.
يىغلىغاننى كۈلدى دىگەنلەر،
نەق سېپىدىن ماڭقۇرت، قىزىلكۆز.

ئەل شائىرى ئەلنى كۈيلەيدۇ،
ھەر تىنىقتا غېمىنى يەيدۇ.
شۆھرەت ئۈچۈن ھەل يالاتقانغا،
خەلق سەزگۈر، ھامان «تۈف» دەيدۇ.

گەپ ئەگىتمەس شائىرنىڭ سېقى،
ياقتۇرمايدۇ يالغاننى تېخى.
گۈل پۇرايدۇ مىسرالىرىدىن،
سۇ ئىچىدۇ كۆڭلۈڭنىڭ شېخى.

شائىر ھامان غۇرۇرىغا ھۆز،
شاتۇتىغا بولۇپ يۈرمەس جۆر.
ئەقىدىنى ساتماس تىللاغا،
ئابروي ئۈچۈن تالاشمايدۇ تۆر.

ئەركەك شائىر راستنى راست دەيدۇ،
سەمىمىيلىك ئەرگە خاس دەيدۇ.
ئەلنى سېتىپ ئالقىشلانغاننى،
قەلەم بىلەن دارغا ئاس دەيدۇ.

ئەركەك شائىر ئىشلەتمەيدۇ رەڭ،
ۋىجدان-ئىمان ئالتۇن رەڭگە تەڭ.
ئەشئارلىرى قېلىچ-ئوقيادۇر،
رەزىللىككە قىلار قارشى جەڭ.

نەقىرات:  ئەركەك شائىر ئامەت ياغسۇن جۈپ ساڭا،
             نان شائىرى قىلمىشىڭدىن تۈف ساڭا!

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +55 ئىناۋەت +25 تەڭگە +25 بايلىق +25 تۆھپە +10 يىغىش سەۋەبى
ADiL + 55 + 25 + 25 + 25 + 10 ياقتۇردۇم

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-4-7 12:55:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى,مول مەزمۇنلۇق شىئىركەن.
来自安卓客户端
ۋاقتى: 2014-4-7 13:44:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شائىرلار ھۇشۇڭنى تاپ. ئۆزەڭنى بىل....مۇشۇنداق شىئىرلار چوڭ چوڭ مەتبەئەلەردە ئېلان قىلىنسىكەن دەيمەن
مەزمۇنلۇق شېئىركەن.
4-كۇبلىتىنىڭ 1-مىسرا ئاخىرقى سۆز «ھۆر» ئوخشايدۇ. «ھۆز» دەپ يېزىلىپ قاپتۇ.
ۋاقتى: 2014-4-8 14:35:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلەم قۇۋىتى ھەقىقەتەن كۇچلۇك شىئىر بوپتۇ.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-8 21:06:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈرگەنى ئەپەندىمنىڭ  دىگىنى بەرھەق.دىققەتسىزلىكىم تۈپەيلىدىن "ھۆر" سۆزى "ھۆز"بولۇپ قاپتۇ.
شېئىرنى ياقتۇرغان تورداشلارغا رەھمەت.
ۋاقتى: 2014-5-2 22:44:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شىئېرڭىزمۇ ھەقىيقەتەن ياخشى يىزىلىپتۇ، مەن بەك ياقتۇردۇم
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-3 22:58:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەشتاق ئەپەندىمنىڭ ئىلھاملاندۇرغىنىغا رەھمەت.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-22 05:15

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش