روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1376|ئىنكاس: 12
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئاسۇق ئەپەندىگە ئوچۇق خەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئاسۇق ئەپەندىگە ئوچۇق خەت

ئابدۇرېھىم ئابدۇۋەلى (ئاسۇق)

ھېچكىمنى ھېچكىمگە ئوخشاتما زېنھار،
ھېچكىمنىڭ قېنىدىن ياتلاشقۇسى يوق.
ھېچكىممۇ ئۈلۈمنىڭ دۈشمىنى ئەمەس،
ۋادەرىخ....ئۇ يەنە تۇرمامدۇ سۇنۇق.

ھېچكىمنى پەس ياكى گاداي دىمىگىن،
ھېچكىمگە بۇ دۇنيا ئەمەس بەخشەندە.
ناۋادا ياتلاشسا قېنىم تېنىمدىن،
بىر شىئېر يېزىپ قوي خائىن ھەققىدە.

ھېچكىشى بىلىپ قال دۇنيارىڭ ئەمەس،
ئاجىز دەپ بىر كىمنى ئەتمىگىن بوزەك.
بىر تاتلىق خىيالدا سۈيۈپ كىملەرنى،
بىر كىمگە باش ئۇرما يىغلاپ شەيتاندەك.

ھېچكىمنىڭ بەختىگە سانىما قارا،
ھەر كىمنىڭ ئەپ كىتەر دۇنياسى كېپەن.
بەك قىسقا بۇ ھايات گۇياھكى چاقماق،
كىم ئۈچۈن يىغلاشنى، ئۈلۈشنى ئۆگەن........

ئاقسۇ شەھەر ساجىڭزا (قۇمقۇدۇق)تا يېزىلدى.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2تەجرىبە +35 ئىناۋەت +53 تەڭگە +43 بايلىق +41 تۆھپە +22 يىغىش سەۋەبى
Tursun007 + 20 + 20 + 20 + 20 + 7 يارايسىز
روھلان + 15 + 33 + 23 + 21 + 15 ياقتۇردۇم

باھا خاتىرىسى

كېيىنكى: [شېئىر] ئانا
ئالدىنقى: سونىت
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-3-25 15:11:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلغان، سۆيۈنۈپ ئوقۇغۇدەك شېئىر ئىكەن. رەھمەت.
ۋاقتى: 2014-3-25 20:23:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلىپتۇ، رەھمەت، بۇ شىئىردىن ئالەمچە سۈيۈندۈم.
ۋاقتى: 2014-3-25 21:22:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا، ماۋۇ شېئىرمۇ شۇنداق ياخشى يېزىلىپتۇ .
ۋاقتى: 2014-3-26 00:44:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇزۇن بوپتىكەن بۇنداق ياخشى شېئىرنى ئوقىمىغىلى.
ۋاقتى: 2014-3-26 09:40:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلغان شېئىر چاڭقىغاندا ئىچكەن مۇزدەك شەربەتكە ئوخشايدۇ. ئۇستازلارنىڭ قوللىرىغا دەرت كەلمىگەي!
ۋاقتى: 2014-4-24 19:52:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ شئېرنىڭ تېمىسىنى كۆرۈپ بىرسى ئاسۇق ئەپەندىگە  خەت يازغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قاپتىمەن
شئېرنىمۇ ئاجايىپ يۇقىرى ماھارەت بىلەن يازىسىز جۇمۇ، ئوقۇغان ئادەم قايىل بولماي تۇرالمايدۇ.
بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيەتلىرىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

باھا سۆز

رەھمەت مەرىپەت خانىم  ۋاقتى: 2014-4-25 11:35
ۋاقتى: 2014-4-28 01:29:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەۋرۇز 007 ( ئابدۇرېھىم ئابدۇۋېلى ) ، ئوچۇق خەت ( مەيلى ئۇ قانداق شەكلىدە يېزىلسۇن ) تە خەت يېزىشتىكى مۇددىئا ۋە مەزمۇن ئاشكارا بولىدۇ ، سىز بۇ شېئىردا كۆككە كۆتەرگەن ‹‹ ئوخشىتىش ›› نىڭ ئوتتۇرغا چىقىش سەۋەبىنى  چۈشەندۈرگەن بولسىڭىز  ؟

باھا سۆز

گەرچە مەنمۇ جاۋاپ بېرىشكە كىچىككەن بولساممۇ بۈگۈن جاۋاپ قالدۇردۇم.  ۋاقتى: 2014-5-3 20:26
ۋاقتى: 2014-4-28 02:00:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاسۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-4 00:46  

ئۆزىڭىز ئۈچۈن يېزىلغان خەت ئۈچۈن مۇبارەك ، ئەمەليەتتە شېئىرنى ياخشى يېزىپسىز .




باھا سۆز

ئۆپكىڭىزنى بېسىۋېلىپ تۇرۇپ ئاستىدىكى ئىنكاسقا قاراڭ ئەپەندىم...............  ۋاقتى: 2014-5-3 20:24
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-3 20:23:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  1. نەۋرۇز 007 ( ئابدۇرېھىم ئابدۇۋېلى ) ، ئوچۇق خەت ( مەيلى ئۇ قانداق شەكلىدە يېزىلسۇن ) تە خەت يېزىشتىكى مۇددىئا ۋە مەزمۇن ئاشكارا بولىدۇ ، سىز بۇ شېئىردا كۆككە كۆتەرگەن ‹‹ ئوخشىتىش ›› نىڭ ئوتتۇرغا چىقىش سەۋەبىنى  چۈشەندۈرگەن بولسىڭىز  ؟
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش


ئاڭلاڭ ئاسۇق ئەپەندى، مەيلى ماڭا قانداق قاراڭ بۇ ماڭا بەرىبىر. ئەمما بۇ شىئېرنى ماڭا ئاتاپ يازغان ئوخشايدۇ دەپ ئالدىراپ خوش بوپ كەتمەڭ . ‹‹ئاسۇق››تەخەللۇسى سىزگىلا تەۋە ئەمەس. مەيلى نىمە دەپ يازاي بۇ پەقەت ئۆزۈمگىلا قىلنغان خىتاپ . ئالدىراپ بىراۋغا سوغاق تىل بىلەن قول سالماڭ. ئاچچىقلاشتىن بۇرۇن چۇقۇم سەۋەبىنى بىلىۋېلىشنى ئادەت قىلىڭ. مەن كاتتا شائىر ئەمەس، ھەم ھازىرغىچە ئۆزۈمنى ‹‹شائىر ››سۆزى بىلەن سۈپەتلەپ باقمىدىم. ئەمما روھلان مونبىردە ھەم روھلان سالۇندا ئېلان قىلىنۋاتقان ۋە روھلان ئەھلىنىڭ سۈيۈپ ئوقۇشىغا سازاۋەر بولىۋاتقان يازمىللىرىمدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمەن. ۋىجدانىمدا‹‹كىر ››بار يوقلىقى مىنىڭچە روھلان ئەھلىگە ئايان . سوغاققانراق بولىشىڭىزنى تەۋېىسيە قىلىمەن.

\سىز يوللاۋاتقان تېملاردىن خېلى كۆپ نەپ ئېلىپ كىلۋاتقىنىم ئۈچۈن سىزگە كۆپ رەھمەت . ئىشقىلىپ سوغاققان بۇلۇڭ.......................گەپنى ئويلۇنۇپراق قىلىڭ. باشقىلارنىڭ ئىززەت ھۆرمىتىگە ئۇرۇنسىز تىگىش ياخشى ئادەت ئەمەس.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-22 14:06

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش