روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1120|ئىنكاس: 4
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

[شېئىر] دوپپا كەيسەم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
  دوپپا كەيسەم


نەۋرۇزدا دوپپا كەيسەم زەپ ياراشتى،
مويسىپىتلار«ئوغۇل بالا» دەپ ئاتاشتى.
پىشانەمگە سۆيۈپ كەتتى ئانىلىرىم،
بەرىكەتلىك قولى بىلەن گۈل تاقاشتى.

ئادەتتە كۆز قىرىنى سالمايدىغان،
گۈزەللەر ھەۋەس بىلەن شوخ قاراشتى.
كارامەت ئۆيدە تېخى، بالىلىرىم،
بېشىغا كىيىۋېلىپ، بەك تالاشتى.

ئايالىم مېھىر بىلەن باقتى ئىللىق،
ماسلىشىپ كەيمەك بولۇپ، چاچ تاراشتى.
خوشنىلار زوقى بىلەن سەپسالماقتا ،
ئىشىكنى قىيا ئېچىپ، خوپ ماراشتى.

ئەركەككە خاس سالام بەرسەم جامائەتكە،
كىمنىڭدۇ كۆزلىرىگە ياش ياماشتى...
ئۇيغۇرغا يارىشىدۇ دوپپا دىگەن،
ئۆزگىلەرمۇ قايىللىقتىن «شاھ» ساناشتى.

بەختلىكمەن، تەخىتلىكمەن دوپپام بىلەن،
دوپپام بىلەن بويۇم مانا كۆككە تاقاشتى!

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +20 ئىناۋەت +20 تەڭگە +20 بايلىق +20 تۆھپە +7 يىغىش سەۋەبى
Tursun007 + 20 + 20 + 20 + 20 + 7 ياقتۇردۇم

باھا خاتىرىسى

ئالدىنقى: روبائىيلار
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-3-22 22:02:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىپسىز مەنمۇ دۇپپا كىيۋالدىم مانا

باھا سۆز

بىزئۇيغۇرلارنىڭ دوپپىمىز, ھەقىقەتەن بىزئۇيغۇرلارنىڭ پەخىرى,بەك ياخشى يېزىپسىز,رەخمەت سىزگە.  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-3-23 22:18
ۋاقتى: 2014-3-22 23:03:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق دوپپا ھەممىزگە يارىشىدۇ، بىزنىڭ مەكتەپتە نورۇز كۈنى دوپپا كىيىشىكە «رۇخسەت» قىلىنغان ئىدى، لىكىن ياغلىق ئارتقانلارنىڭ ياغلىقى ئالغۇزىۋىتىلىدى.
ۋاقتى: 2014-3-22 23:03:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاھ ....مەن مۇشۇ دوپپا كىيىشنى كىڭەشكە سىلىۋاتقان...ئەمدى بۇ ئىشمۇ كىڭەشتىن ئۆتتى....ماندا بۇدۇر چاچلار دوپپا كىيسە بەك يارىشىدۇ ئەممما...(مەندەك) ھى ھى
سارسان يوللىغان ۋاقتى  2014-3-22 22:02
ياخشى يىزىپسىز  مەنمۇ دۇپپا كىيۋالدىم مانا{:6_ ...

بىزئۇيغۇرلارنىڭ دوپپىمىز, ھەقىقەتەن بىزئۇيغۇرلارنىڭ پەخىرى,بەك ياخشى يېزىپسىز,رەخمەت سىزگە.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-22 09:45

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش