روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1020|ئىنكاس: 6
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ۋىجدان دېگەن...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hawas تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-21 10:00  

ۋىجدان دېگەن بىباھا بايلىق،
نۇردەك چاقناپ كۆرۈنمەس كۆزگە.
باسقان چاغدا قاباھەت ھەقنى،
مەيدە مۇشتلاپ كېرىدۇ سۆزگە.

ۋىجدان دېگەن سەۋرچان سوتچى،
كالتا پەمدىن چىقارماس كېسىم.
ئالار مەزمۇت قولىغا شەمشەر،
ئەلگە زەرچە ئاشقاندا بېسىم.

ۋەجدان دېگەن يولباشچى سەركە،
باشلاپ ماڭغان يىراققا پادا.
بولۇپ كەلگەن يىرتقۇچقا ئۆرە،
قەيسەر روھى قوغدىغان ۋادا.

ۋىجدان دېگەن تاڭدىكى چولپان،
كارۋان تارتىپ قىلغاندا سەپەر.
ئامان قايتقان يۇرتىغا خوشال،
قۇچۇپ كونا ئۆتەڭدە زەپەر.

ۋىجدان دېگەن ئىلاھى قەسىر،
ئىچى-تېشە بېزەلگەن زەردىن.
كۈتۈپ تۇرغان رومانتىك سۆيگۈ،
قەلبى ئاتەش پەرىزات، ئەردىن.

ۋىجدان دېگەن ساماۋى بۇلاق،
ئېقىپ چىققان سۇلىرى سۈزۈك.
زەۋقى تېشىپ ياسىغان قاينام،
جۇشقۇن كۈيلەر ياڭرىغان تۈزۈك...

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1ئىناۋەت +15 تەڭگە +9 يىغىش سەۋەبى
پاسىل + 15 + 9 ياقتۇردۇم

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-3-21 10:05:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قولىڭىزدىن گۈل ئۈنسۇن
ۋاقتى: 2014-3-21 10:26:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەۋەس ئۇستازنىڭ بۇ شېئىرى ناھايتى پاساھەتلىك يېزىلغان شېئىر بوپتۇ. ئىجادىيەتلىرىڭىزگە ئۇتۇقلار يار بولغاي، بۇلدۇقلاپ تۇرغان ئىلھام بۇلاقلىرى قەلبىڭىزدە ماكان تۇتۇپ، شېئىر دەرىخىڭىزنى ئەبەدىي كۆكلەتكەي!...
ۋاقتى: 2014-3-21 12:00:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىلىپتۇ  رەخمەت
ۋاقتى: 2014-3-21 19:57:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ جاپا چىكپسىز رەھمەت سىزگە.
ۋاقتى: 2014-3-21 20:21:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەۋەس ئەپەندىمنىڭ قەلىمى يەنىمۇ بەرىكەتلىك بولغاي!
ۋاقتى: 2014-3-21 20:32:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يېزىپسىز....ئوقۇپ ھاياجانلاندىم....قەلىمىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن....

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-19 16:59

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش