روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1176|ئىنكاس: 2
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

گۇگېلنىڭ موتورولانى قوشۇۋىلىشى پەقەتلا پاتنېت ھوقوقى ئۈچۈن ئىكەن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
     تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
0 T$ T; _) ?# n2 ]$ ^    گۇگېل شىركىتى 2011-يىلى موتورولانى سېتىۋالغان چاغدا، كەسپى ساھەدىكىلەر بۇنىڭ تولىمۇ ئاقىلانىلىك ئىكەنلىكىنى، قاتتىق دېتال ياساشتا ئەۋزەللىككە ئىگە بولغان موتورولا بىلەن ئاندىرويىد سىستېمىسىغا ئىگىدارچىلىق قىلىۋاتقان گۇگېلنىڭ بىرلىشىشى ئىككى شىركەتنىڭ ئەڭ ئەۋزەل تەرەپلىرىنى بىر يەرگە جەم قىلىدىغانلىقىنى بەس-بەستە تىلغا ئىلىشقانىدى. بىراق، تاكى لىيەنشىياڭ گوروھى موتورولانى ئۆزىگە قوشۇۋالغانغا قەدەر، گۇگېل بىلەن موتورولا ئوتتۇرىسىدا تىلغا ئالغۇدەك بىرەر نەتىجە كۆرۈلمىدى دىيىشكە بولىدۇ، يىقىندا ئېلان قىلىنغان ئىككى ئەۋلاد Nexu يانفونىنى ياساشتا، گۇگېل شىركىتى ھىچ ئىككىلەنمەستىن LG نى تاللىدى، ئۆزىنىڭ بايرىقى ئاستىدىكى موتورولانى بولسا ئويلىشىپمۇ قويمىدى. The Information تاراتقۇسىنىڭ مۇخبىرى Amir Efrati نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، موتورولا شىركىتى ئىلگىرى گۇگېل ماركىسىدىكى ساپ ئاندىرويىد سىستېمىلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفوننى ئىشلەپچىقىرىشنى ئارزۇ قىلغان بولسىمۇ، بىراق، ئەڭ ئاخىرىغا بارغاندا Larry Page تەرىپىدىن رەت قىلىنغان.& _! V( _# z! G' i! b' eبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
     Amir Efrati  نىڭ دىيىشىچە، گۇگېل شىركىتىنىڭ قولىدا موتورولا ئۈچۈن تېخىمۇ قىممىتى بولغان نۇرغۇنلىغان ياخشى تۈرلەر بار بولسىمۇ، بىراق، موتورولا ئاخىرىغا بارغاندا يەنىلا ساپ گۇگېل يانفونىنى ياساپ چىقىشقا مۇيەسسەر بولالمىغان. ھالبۇكى، بۇنىڭ ئورنىغا Moto X نى ئوتتۇرىغا چىقارغان، Moto X گەرچە نۇرغۇنلىغان ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلەرنى ئۆزىدە ھازىرلىغان بولسىمۇ، بىراق، ئۇنچە بەك كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئەمەس ئىدى.
; E8 j* \8 p+ f! s; M0 H& \     موتورولا شىركىتىدىكى تەتقىقاتچىلار گۇرۇپپىسى يەنە ئۆزىنىڭ ئىقتىدارى ئالاھىدە كۈچلۈك بولغان قاتتىق دېتال ياساش تېخنىكىسىنى گۇگېلنىڭ بۇلۇت مۇلازىمەت سۇپىسى ۋە يۇمشاق دېتال مەنبەسى بىلەن بىرلەشتۈرۈشنى ئىزچىل ئارزۇ قىلىپ كەلگەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئالاھىدە بولغىنى گۇگېل ئوتتۇرىغا چىقارغان ئىقتىدارى دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچلۈك بولغان تەبئىي تىل-يېزىقلارنى پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسى ئىدى. موتورولا بۇ تېخنىكىنى يەنىمۇ بىر قەدەم تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق كۆچمە ئۈسكۈنىلەرگە قوللىنىلىدىغان مۇرەككەپ تىل-يېزىقلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئوتتۇرىغا چىقارماقچى بولغان.0 r7 Z) x; p* Z! ^  `بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئىگەللىنىشىچە، Larry Page باشقا ئاندىرويىد كارخانىلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى يىراقلاشتۇرماسلىق ئۈچۈن، موتورولانىڭ گۇگېنىڭ تېخنىكا بايلىقىنى ئىشلىتىشىنى رەت قىلغان. بۇندىن باشقا، گۇگېل يەنە مەھسۇلات بازىرىنى ئېچىش ۋە سېتىش قاتارلىق جەھەتلەردە موتورولانى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىمىگەن، بۇ موتورولانىڭ سامسۇڭغا ئوخشاش ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون كاتتىباشلىرى بىلەن رىقابەتلىشىشتە يەنىلا ئاجىزلىق قىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بىرەلەيدىكەن.
& E+ X2 \8 B6 f8 I    قىسقىسى، گۇگېل شىركىتى موتورولانى ئۆزىگە قوشۇۋالغاندا، ئۇنى ئۆزىنىڭ قاتتىق دېتال ئىشلەپچىقىرىشتىكى قابىل ياردەمچىسىگە ئايلاندۇرۇشنى ئەسلا كۆزلىمىگەن، 12 مىليارد 500 مىليون دوللارلىق غايەت زور قوشۇۋىلىش مەبلىغى پەقەت موتورولانىڭ قولىدىكى پاتنېت ھوقوقىنى قولغا ئېلىش ئۈچۈنلا ئاجرىتىلغان ئىكەن، مۇنداقچە ئېيتقاندا، گۇگېل موتورولانى لىيەنشىياڭغا سېتىپ بىرىشنى خىلى بۇرۇنلا كۆڭلىگە پۈكۈپ قويغان ئىكەن.- D! l$ S* n7 [& J& \# I9 Vبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

& ^6 o5 W" d7 p5 q2 g* s) n7 h8 u    مەنبە :  نۇر  تورى
$ ^4 `9 B- [# y4 Z( m
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئاپتورنىڭ نادىر تېمىلىرى
  • تېخىچە نادىر تېما يازمىغان ئوخشايدۇ ...
مۇناسىۋەتلىك نادىر تېمىلار
نۇر تورىنى كۆچۈرۈشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، ھەممە ئادەم بىلىدۇ نۇر تورىنى
ۋاقتى: 2014-3-20 10:31:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چوڭ بېلىق ھامان كىچىك بېلىقلارنى يەمچۈك قىلىدۇ. قانات ئاستىغا ئېلىۋالغاندىن كېيىن، قانداق قىلغۇسى كەلسە شۇنداق قىلىدۇ. مانا بۇ بازار رىقابىتى.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-27 00:50

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش