روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 894|ئىنكاس: 3
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

يېقىملىق ناخشاڭنى باشلىغان سەھەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
يېقىملىق ناخشاڭنى باشلىغان سەھەر،
قىزىلگۈل بەرگىدەك تىترەيدۇ تېنىم.
مەستلىتىپ يۈرەكنى مۇھەببەت كۈيى،
گۈلخاندەك ئۇلغىيار قىزارغان سىنىم.

يېقىملىق ناخشاڭنى باشلىغان سەھەر،
ئەڭ گۈزەل ئاۋازغا ئايلىغار ئۈنۈم.
قاباھەت قاپلىغان تەشۋىشلىك چۈشتەك،
ئۇنتۇلار پەرىشان ئۇزىغان تۈنۈم.

يېقىملىق ناخشاڭنى باشلىغان سەھەر،
قۇياشتەك نۇرلىنىپ چاقنايدۇ كۆزۈم.
ياسايدۇ ئويغانغان دەريادەك ئۆركەش،
ئازابتا يۇشۇرۇپ ئېيتمىغان سۆزۈم.

يېقىملىق ناخشاڭنى باشلىغان سەھەر،
ئېچىلار قەلبىمدىن ئوقچىغان بۇلاق.
يوقايدۇ تارقىلىپ يىغلاڭغۇ ھالەت،
زوقلىنىپ ھەسرەتتە ئاڭلىغان قۇلاق.

يېقىملىق ناخشاڭنى باشلىغان سەھەر،
تۇيۇلار قۇچاقلاپ كەلگەندەك ۋەسلىم.
كۆرىنەر جۇدالىق تۇغىنى تاشلاپ،
بولغاندەك شەرمەندە قۇشۇندەك تەسلىم.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-3-19 20:22:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەۋەس ئەپەندىمنىڭ بۇ  لىرىكسى ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ.
تەكلىپ: 2-كۇبلىتنىڭ 3-مىسراسى دەل جايىغا چۈشمىدىمۇ قانداق؟

باھا سۆز

مەنچە بولغاندا ئۇنداق ئەمەسكەنغە تازا كەپتۇ  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-3-20 02:36
ۋاقتى: 2014-3-19 21:41:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قايىلمەن ...ھىسيات تەبىئي ھەم يېقىملىق ئىپادىلىنىپتۇ....
نۇرلان يوللىغان ۋاقتى  2014-3-19 20:22
ھەۋەس ئەپەندىمنىڭ بۇ  لىرىكسى ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ. ...

مەنچە بولغاندا ئۇنداق ئەمەسكەنغە   تازا كەپتۇ

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-21 07:30

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش