روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 870|ئىنكاس: 2
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

قارا گۈللەر ئېچىلغان ئاخشام

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
قارا گۈللەر ئېچىلغان ئاخشام،
پىغان ئۆرلەر ئۈزۈلگەن تاردىن.
شورتاڭ يەردەك ئىسسىيدۇ يۈرەك،
ھىجران قۇچۇپ مۇزلىغان قاردىن.

ئۈنسىز ئاققان بىر ئەزىم دەريا،
ئوتلۇق كۈيلەر قوشۇلغان بۇلاق.
ئاشىق-مەشۇق ئاقتۇرغان ياشتىن،
شامال دارىپ ئۇزاردى قۇلاق.

لالما خىيال تارقىتار ئۆسەك،
كاككۇك قۇنۇپ سايرىغان تالدىن.
شېرىن چۈشلەر يىغلاڭغۇ قىسسە،
پۈتۈپ چىققان مەيىن شامالدىن.

ساقىپ چۈشكەن گىرىمسەن يۇلتۇز،
قېتىپ قالغان زەيپانە نىدا.
سۇنۇق ئايدىن بالقىغان نۇرغا،
تۇنجى سۆيگۈ ئەيلەنگەن پىدا…

ئەسنەك باسقان مەجنۇنتال تۈۋى،
سوراپ ئىچكەن لەۋلەردىن شاراپ.
بەختى كۈلگەن دەقىقە ھالسىز،
تەنھا قۇشتەك چەككەن ئىزتىراپ.

نازلىق كۈلكە قاپلىغان كېچە،
شەبنەم ۋىلۋىل چاقنىغان چىملىق.
يېشىل تۇيغۇ ئىلكىدە ھاپىز،
سەرسان روھى ئىزدەيدۇ جىملىق.

ئەبجەش سېزىم قوزغالغان تەندىن،
بولۇپ كەتكەن قەلەندەر ۋاپا.
سۆيۈش گەرچە بولسىمۇ تاتلىق،
سالار جانغا مۇشەققەت-جاپا.

مايماق نىيەت كۆكلەيدۇ تەگسىز،
نامسىز پەسىل بەرمەيدۇ ئارام.
گۈللەر قارا ئېچىلغان پەيتتە،
كۆزدىن ياشلار تۆكۈلەر تارام.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1ئىناۋەت +15 تەڭگە +9 يىغىش سەۋەبى
چىغغان + 15 + 9 تېخىمۇ تىرىشىڭ

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-3-17 14:51:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇزۇن بوپتىكەن يېڭى ئەسەرلىرىڭىزنى كۆرمىگىلى، شېئىر يازسىڭىزمۇ سىزدە ئاجايىپ بىر گۈزەل ئۆزگىچە ئۇسلۇب بار دېسە ...
رەھمەت قېرىندىشىم ناھايتى ياخشى يىزىپسىز.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-28 03:56

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش