روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 810|ئىنكاس: 6
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ۋاپا بىلەن ياشايلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاپا بىلەن ياشايلى
(روھلاندىكى ئائىلىلەرگە بېغىشلايمەن)

ھايات دىگەن شۇنداق ئىكەن دىلدارىم ،
رىشتىمىزنى چېتىپ قويدى مەڭگۈلۈك.
ياخشى كۈنلەر نېسىب بولسۇن ئىلاھىم،
يولىمىسۇن قايغۇ-ئەلەم، كەلگۈلۈك.

ئىشەنچ گۈلى پورەكلىسۇن نۇرانە،
بىر جۈب قوشماق ۋاپا بىلەن   ياشايلى.
قانات بولسۇن مۇھەببەتلىك ئىرادە،
داۋانلاردىن ئۈمىد بىلەن ئاشايلى.

رىزقىمىزنى تۆككەن تەردىن ئىزدەيلى،
رەڭگى ئۆڭمەس غورۇرىمىز بار بولسۇن.
ئەقىدىنى پۇلغا بۇلغاپ يۈرمەيلى،
ئائىلىگە ساقلىق، شادلىق يار بولسۇن.

يېلىنجىسۇن قرىنداشلىق مېھرىمۇ،
دوسىتلۇق ئۈچۈن جاننى پىدا ئېتەيلى.
ھەمراھ بولسۇن ئىزدىنىش ۋە بىلىممۇ،
تەۋپىق نەسلى دىگەنگە خاس يۈرەيلى.

ھۆسىن قوشۇپ بۇ ئالەمنىڭ ۋەسلىگە،
ئىككىمىزدىن شۇنداق ياخشى نام قالسۇن.
شۇنداق ياشار قوشماق دىگەن ئەسلىدە،
ئەۋلادىمىز سۆيگۈمىزدىن زوق ئالسۇن.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2تەجرىبە +45 ئىناۋەت +45 تەڭگە +30 بايلىق +20 تۆھپە +7 يىغىش سەۋەبى
Tursun007 + 20 + 20 + 20 + 20 + 7 ماختاشقا تېگىشلىك
ADiL + 25 + 25 + 10 ياقتۇردۇم

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-3-10 23:40:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەربىيۋى ئەھمىيتى چوڭقۇر ئەسەر بوپتۇ، ئاپىرىن سىزگە.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-10 23:43:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادىل ئەپەندىمگە رەھمەت. روھلاندىكى " ھەۋەس " قاتارلىق ئىقتىدارلىق قەلەم ئىگىلىرى ھەجەپ يوقاپ كەتتا؟
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2014-3-11 01:15:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن بىرگە ماھىر كۆپكە قادىر ئۇستازكەنسىز .
ۋاقتى: 2014-3-11 13:44:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شئېرنى ياخشى يازىكەنسىز جۇمۇ، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيەتلىرىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-11 21:10:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورداشلارنىڭ رىغبىتىگە ھەشقاللا.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-23 03:32

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش