روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 2110|ئىنكاس: 6
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

پەخىرلەن ئەي ئايال ئاياللىقىڭدىن(ئەنگىنئەر)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   anginar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-8 17:26  

پەخىرلەن  ئەي ئايال ئاياللىقىڭدىن


گۈزەلدۇر تەبىئەت بەرنالىقىڭدىن،
رەڭ ئالغان گۈللەرمۇ زىبالىقىڭدىن،
ھاياتلىق ياشنايدۇ شەيدالىقىڭدىن،
پەخىرلەن ئەي ئايال ئاياللىقىڭدىن.

تەۋرەتسەڭ بۈشۈكنى تەۋرەيدۇ دۇنيا،
جاسارەت بەرگەندەك ئەللىيىڭ گويا،
مېھرىڭدىن دىللارغا تارىلار زىيا،
پەخىرلەن ئەي ئايال ئاياللىقىڭدىن.

بىر تېمىم سۈتۈڭدە ئالەمچە مېھىر،
ئەجرىڭدىن يېشىلەر مىڭلارچە سېھىر،
شەنىڭگە پۈتۈلەر داستان ھەم شېئىر،
پەخىرلەن ئەي ئايال ئاياللىقىڭدىن.

ئۇلۇغلۇق بۈيۈكلۈك پەقەت ساڭا خاس،
مېھنىتىڭ بولىدۇ قۇياشقا تەققاس،
سېنىڭسىز بۇ دۇنيا بەئەينى قاقاس،
پەخىرلەن ئەي ئايال ئاياللىقىڭدىن.

نامىڭدا ئاتىلار ئەل-يۇرت ،ۋەتىنىم،
تاغ-دەريا،قۇرۇقلۇق دالا ھەم ئىقلىم،
بەڭباشلىق بولىدۇ سەن بىلەن تەسلىم،
پەخىرلەن ئەي ئايال ئاياللىقىڭدىن.

ئانىلار يىغلىسا يىغلايدۇ ئالەم،
ئانىلار ئەجرىدىن ئادەمدۇر ئادەم،
كۆز يۇمسا ئانىلار دۇنيادا ماتەم،
پەخىرلەن ئەي ئايال ئاياللىقىڭدىن.

ۋاپا ۋە ھايانىڭ سىماسى سەندە،
مېھىر ۋە كۆيۈشنىڭ قۇياشى سەندە،
ئەجىر ۋە مېھنەتنىڭ ساباسى سەندە،
پەخىرلەن ئەي ئايال ئاياللىقىڭدىن.

ئايالسىز ئائىلە بەئەينى مازار،
ئايالسىز ئەرلەرنىڭ دىلىدا ئازار،
ئانىسىز پەرزەنتمۇ يىغلايدۇ زار-زار،
پەخىرلەن ئەي ئايال ئاياللىقىڭدىن.

تەرىڭدىن گۈل ئۈنۈپ بولار گۈلىستان،
مېھرىڭدىن باھاردەك كۈلەر زىمىستان،
ياشنايدۇ سەن بىلەن كائىنات- ئىنسان ،
پەخىرلەن ئەي ئايال ئاياللىقىڭدىن.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 4تەجرىبە +60 ئىناۋەت +85 تەڭگە +49 بايلىق +68 تۆھپە +26 يىغىش سەۋەبى
روھلان + 15 + 25 + 11 + 23 + 19 ياقتۇردۇم
تۇرسۇن + 15 + 8 يارايسىز
Tursun007 + 20 + 20 + 20 + 20 + 7 يارايسىز
ADiL + 25 + 25 + 10 + 25 ماختاشقا تېگىشلىك

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-3-7 20:19:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى    يىزىلىپتۇ    ئاپىرىن
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2014-3-7 23:23:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى يىزىلپتۇ
ئاياللاردەك ياشىغان ئاياللىرىمىزغا ئاپرىن
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-8 17:27:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياقتۇرغانلىقىڭلارغا كۆپتىن كۆپ رەخمەت!
ۋاقتى: 2014-3-8 23:54:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-22 04:44

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش