روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 861|ئىنكاس: 6
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئاڭلا دوستۇم ئۆز ئاناڭنى سەن تىللىما--ئوغۇزتىگىن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەرزىمەس ئەسەرhttp://bbs.bagdax.cn/thread-23118-1-1.html
گە ئىنكاس يازغان قەرىنداشلارغا سونۇلغان سوۋغاتلىق،"شاكالنى چىقىرىپ،مېغىزىنى قوبۇل قىلىش"ىڭىزلارنى سورايمەن،ئىنكاس يازساڭىز ھاياجانلىنىپ كەتمىگەيسىز،مەن  بۇنىڭدىن كەلىپ چىققان ئاقىۋەتكە مەسئۇل ئەمچى ئەمەس،ئالاھىدە تەكىتلەندى.

ئاڭلا دوستۇم ئۆز ئاناڭنى سەن تىللىما
ئوغۇزتىگىن
(مەكتۇبكا  ئىنكاس يازغان قېرىنداشلارغا ئاتاپ يازغان ئۆگۈتلەر)

ئانام باردۇر ئاتى ئۇنىڭكى “ئايخان”دەپ،
ئاجىز مەزلۇم،بىچارەدۇر،ساڭا يوق نەپ،
ئويلان نەچۈك سانجىيسەن نەشتەرنى،خەر خەپ،
تېخى ئۆزۈڭ شەرەفسىزدەك،قىلىپ شەپ-شەپ،
ئاڭلا دوست:ئۆز ئاناڭنى سەن تىللىما زەپ.
………
ئانامنىڭ باردۇر ئۆتمۈشتە كۆپتۇر ئاتى،
راستمۇ، يالغانمۇ كۆرگىلى زىنھار ھەم باتى،
ساۋاقتۇر ئىبرەتلەر، ئاقىپمىش كۆز ياشى،
لېكىن ئۇ ياشادى،مەغرۇر، تىكتۈر باشى،
نىداسى ھەمداش،ئايان ساڭا مەماتى.
………
ئاڭلاغىل ،نەچۈك سوقادۇر قان يۈرەكى،
كىمەرسى داغلادى كۆڭلىنى ھەتتاكى،
ھەرنە كەلسە قېرىنداشتىن بار بالاسى،
ئۇنتۇما ئۇ سېنىڭ ئاناڭ ،مەڭگۈ تاكى،
ناۋات بەرسۇن،ياكى ئوۋغا ،سەن فەرزەنتى.
………….
ئويلانغىل ئاناڭ خەستە،كۆڭلى يارا،
گۇمراھمۇسەن،قارغۇ-گاسمۇ،كۆڭلى قارا،
ھەركىم قىلسا ئۆزى قىلۇر ،يانۇر تازا،
ئۇنتۇدۇڭمۇ كەچمىشىڭنى دىلى زارا،
زەبۇن ئەيلەپ،ماتەمىڭنى…،ۋادەرىخا.
…………..
تىلىڭ تاتلىق قىل دىلدە بىر رەت، ئادەمسەن،
ئىڭە دەپ بوۋاقلاردەك، بىر ئەركىلەمسەن،
گېزى كەلسە “ئانام سەن”دەپ چىقالامسەن،
ئىنانىڭنى غايە كەبى تۇتالامسەن(ئاتيالامسەن)،
ناھايەتكى نوچى سىيىتدەك ئۆلەلەمسەن
……………
يازالماسمەن شاتۇتىدەك كاتتا غەزەل،
ئاڭا ئۇنداق يات قىلمىشتىن ئۆلۈم ئەۋزەل،
زاتىڭ كىم،ئەي لالە-رەيھان فەرى پەيكەل،
دىل خاراج گاھى داغدا، بولما سەن تەل،
ئىنان،تۇغمۇش تاماندىن چىقۇر كۈن،ئەزەل
…………………
كۆڭلۈم سۆيگۈ مىسالى،مەن رۇستەمى زال،
چۈنكى تۇغدى ئانام مېنى ،ئەمەس دەججال،
رازى ئانام ئۈچۈن تەسەددۇقتۇر ئەۋۋال،
مەن ئوغۇز فۇشتى،ھازىر بولساممۇ زەۋال،
‘ئەي ئانام" دەپ بېرەرمەن تىن،بولسا گەر ھال.
……………….
جاھان ئىچرە بارمۇ،ئۇنداق ئەھلى “ئۇلۇس”،
ئۇندا ئىنان،شەرەف بار،ئەمەسمەن “سۇلۇس”،
مەن شۇ ئانا فەرزەنتى ،ئاقلايمەن “نومۇس”
ئۇخلامىدىم ئويغاق، خۇددى دەل “فىردەۋۇس”
ھوببا ئاداش،قەرىنداشىم،بەلكى “كەيكاۋۇس”.
….
ئىنانغىن،بىز ئەمەس ئاناسىدىن تانغان
نامىمىزدۇر نېمە ،ئولتۇرۇپ سەن ئويلان،
سەن تىللىما ئۆز ئاناڭنى،بولسا ۋىجدان,
ئاناڭ بولساما فىتنەچى،يولدىن ئازغان
(ئاناڭ بولسىمۇ بۇزۇق ئىفلاس بىر چوكان)،
نەچۈك خەستەسەن،قىلغىل شىفا،فىنھان.
….
بولدى بەس،ئەمدى سەن ئاناڭنى تىللىما،
ئويلان، زامانىمدا بار بۇ ئىش توردىما،
لېكىن بىل،بولساڭمۇ ئالىم كى ئۆلۈما….
ساڭا ئۆگۈت،ئوغۇزتىگىن ئاتۇر پەشۋا،
ئاڭلا ،خام سۈت ئەمگەن دەيمىز بىز نېمىشقا.
…….
يالقۇن.روزى ئىلاھ ئەمەس،سەن ئوقۇپ قوي،
ئاينا توردا بەزى گەپنى ،سەن دېمەي قوي،
ۋات-ۋات قىلماي ھەقنى دېدىم،سەن بىلىپ قوي،
ئادەم” ئازماس تەڭرى” ئەمەس،سەن بولدى قوي،
شەرەف ئەمەس باقىۋەندە،سەن ئاڭلاپ قوي.
…………
باقىي دۇنيا كېتىپ قالۇرمىز،تىللىما،
ئولكى پۇقرا،خان بولساڭمۇ ،سەن تىللاما،
لازىم بىزگە رىغبەت دېگەنمۇ ،تىللىما،
غايىمىز شۇ ،ئىتتىفاق بولۇش،تىللىما،
يار،ئاداش دەپ،سەن ئۆز ئاناڭنى تىللىما
…….
بەردىم ئۆگۈت، سەن غاجاقچىدەك تىللىما
ئىنساندۇر-ئادەم-ھەۋا فۇشتى، تىللىما،
لېكىن كۆڭۈل ئافئاقدۇر بىل،سەن تىللىما،
سەن بولساڭ ئادەم،ئۆز ئاناڭنى تىللىما،
“ئەل قىسسەسۇل مىنەل ھەق”دۇر، سەن ئۇنتۇما.
2014-2-24 رۇمچە بالۇق
ئالدىنقى: خۇيۇم بار
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەپرەت007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-25 18:40  

تەرجىمانلىقتىن شائىرلىققا ھەۋەس چۈشۈپتۇ ھە ئاخۇنۇم..رەھمەت..تىمىلىرېڭىزنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن.
»پ«بىلەن  »ف«  نىڭ پەرقى نىمە   ۋەياكى كىرىك  »پ«  ئۇيغۇر تىلىغا تەۋە ئەمەسما
»پ«بىلەن  »ف«  نىڭ پەرقى نىمە   ۋەياكى كىرىك  »پ«  ئۇيغۇر تىلىغا تەۋە ئەمەسما

باھا سۆز

ئەسسالامئەلەيكۇم ھازىرقى زامان ئانا تىلىمىزدا پبىلەن ف سۈنئىي ئۇسۇلدا ئايرىپ تاشلانغان،كوپىنچەيلەن پەرق قى  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-2-27 20:33
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەپرەت007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-25 18:41  

باغداش تورىغا يىزىلغان ئىنكاسلارغا ھەيران قالدىم ئارېسلان ئاخۇن ئەپەندى...ئۇلار بەئەينى تەربىيەسىز بىر توپ ئىشەك نەرقى...ئادەم دىگەندە ئۆز ئارا ھۆرمەت بولمىسا ھايۋاندىن نىم پەرقى...شۇڭا نادانغا سۆزلىگەندىن يەنىلا مۇشۇ روھلاندا سۆزلىگەن ياخشى ئىكەن جۇمۇ...مىنىڭچە روھلاندا ئىلغار ساپالىقلار كۆپ.ئەمما باغداش ماڭا بەك يامان ناچار تەسېر بەردى...ئىنكاسلارغا نىم دەي ئەمدى

باھا سۆز

ئاڭلاڭ قەرىنداش، "نادان" ھەر يەردە تورۇر، ئاڭا سەكرەش، مەنچە "نادان" چە ئىش بولۇر، ئويلىدىڭىزمۇ "ناد  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-2-27 20:44
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-2-27 20:33:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zeheri تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-27 20:51  
مۇرات007 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-25 17:51
»پ«بىلەن  »ف«  نىڭ پەرقى نىمە   ۋەياكى كىرىك  »پ«  ئۇيغۇر ...


ئەسسالامئەلەيكۇم ھازىرقى زامان ئانا تىلىمىزدا پبىلەن ف سۈنئىي ئۇسۇلدا ئايرىپ تاشلانغان،كوپىنچەيلەن پەرق قىلمايدۇ،چۈنكى دۇنيادىكى ھەرقانداق تىلدا بىر ھەرف ياكى خەت ئۆزگەرسە مەناسەى ئۆزگىرەيدۇ،ئىملا  خاتالىقى كېلىپ چىقىدۇ،ئانا تىلىمىزدىمۇ ئىملا ھازىرغىچە قالايمىقان 5-10 يىلدا بىرەر قېتىم ئىملا ئۆزگىرىشى مەۋجۇت .ئەگەر قىزىقساڭىز قېرىنداش تىللارى ھەم لۇغەتىنى كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ.ئالايلۇق:ئۆزبېك...................تىللارى لۇغەتى قاتارلىقلار تور مۇقۇملۇقى ۋە ئامانلىقى نەزەردە تۇتۇپ بەزى سۆزلەرنى دېيىشم ئاقىل كىشىگە نىسبەتەن مۇۋاپىق ئەمەس،شەخسىي ئۇچۇر قىلىڭ.بىلگەنىمنى كىشىلەرگە ھەقسىز بېرىمەن(روھلان،جاھاننامە 2توردا)چۈنكى مەن ئوقۇتقۇچى.
ئادەم ئاغزىدىن بالاغا قالۇر،
ئاقىل ھەر چاغدا ئاغزىنى يىغۇر،
ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ ئويلاپ سۆزلە،
تارىخدا مىساللار كۆپلەپ تورۇر----ئوغۇزتىگىن ئەسەرلەرىدىن بىر كۇبلېت ئارىيە
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-2-27 20:44:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zeheri تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-28 09:42  
نەپرەت007 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-25 18:39
باغداش تورىغا يىزىلغان ئىنكاسلارغا ھەيران قالدىم ئارې ...


ئاڭلاڭ قەرىنداش، "نادان" ھەر يەردە تورۇر،
ئاڭا سەكرەش، مەنچە "نادان" چە ئىش بولۇر،
ئويلىدىڭىزمۇ "نادان" ئوزىمۇ بىلمەس،
تېخى "مەندەك بول" دەپ،  ئاقىلغا: تاش ئاتۇر
   --- ئوغۇزتىگىن ئەسەرلەرىدىن بىر كۇبلىت

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-19 06:12

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش