روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 4146|ئىنكاس: 68
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

روھلاندىكى تورداشلارغا چاقچاق

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-10-31 14:55:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئوكيان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-17 17:41  

روھلاندىكى ئاداشلارغا بىر چاقچاق

ئوغۇزتىگىن

"ئادىل"جان قەرىندىشىمغا:
ئاتىڭىزدۇر «ئادىل»جان،ماڭا ئوخشاش ئەفەندى،
ئاڭا ھەمدەم بولغۇسى زەھەرى دەپ قەرىنداش ئەفەندى،
ئوھ-ھوي!چارچايسىز تور دەپ،بىلۇرمىز،ئاسان ئەمەس,
تەن سالامەت بولسالا .چارچىمايسىز سىز ئەمدى.
.............................
ئوغۇزتىگىن ئاداشىڭىز , روھلاندىن كەتمەيدۇ،
غايە-ئىستەك ئوتىدا يالقۇنجايدۇ،ئۆچمەيدۇ،
ئول ئۇلۇغ غايەڭىزنى ئاشۇرۇپسىز،مەرھابا،
زاتى مۇبارەك "روھلان"دا مەرىفەت ئوچمەيدۇ.
'''''''''''''''''''''''''''''
تارىخ بىزگە گۇۋاھچى،ئىلمۇ-ئىرفان ئۆلمەيدۇ،
گەر تارتمىساق جاپانى فەرزەنتلەر نەمە دەيدۇ.
ئىمكان بولسا ئۇرۇمچىگە بىر كەلىپمۇ كەتكەيسىز،
نىيەتىم شۇ:ياخشىنى ئىگەم دائىم ساقلايدۇ.
..................................................
"تۇرسۇن007" قەرىندىشىمغا:
ئاتىڭىزدۇر «تۇرسۇن»جان،نول-نول يەتتە ئارقىدا،
ئاداش بولدۇم ياقىندا روھلان"ئاتلىق سۇپىدا.
ئويلىسام مەن ئوزۇم سىزنى تونۇدۇم بۇ يەردە،
تەلىم ئالاي مەنمۇ ھەم "جامېس.بوند*"تىن ۋاقتىدا.
* جامېس.بوند---007نىڭ تاگ-ئاتى
..........................................
شاشتېكىن قەرىندىشىمغا:
ئاتىڭىزكەن «شاشتېكىن»،«ئۇدۇن» ئىكەنغۇ يۇرتىڭىز،
ئاللاھ ئىگەم ساقلىسۇن ياۋدىن سىزنى ھەم بىلسەڭىز.
ئويلاپ باقسام ئەسلىدە« تىگىن» ھەم «تېكىن »بىر سۆزغۇ،
تىلەكىم شۇكى: ئاداشىم،مەڭگۇ« شاش»لا تۇرساڭىز.
..............................................................
زۇبەير قەرىندىشىمغا:
ئاللا-ئاللا زۇبەير،تىنچ ئامانمۇ ئۇكا ئوزىڭىز،
ئادىلجاننىڭ ئارقىدا تىمىسقىلاپلا يۇرەمسىز.
ئول نامىڭىزمۇ چىقتىغۇ، ئىكككىنچى سىز ئىنكاستا،
تەخى يوقمۇ شىجائەت،بىرەر ئەسەر گاچ---يازساڭىز.
..........................................................................
ئاسۇق قەرىندىشىمغا:
ئاۋۇ مۇنبەر باش بەتتە كۇندە تۇرادۇر ئىزىڭىز،
ئاينا دائىمىي ئەزاكەن،دوسيادا ھەم ئۆزىڭىز.
ئوھ-ھوي يوللاپ رومان،ئىش قورالى،شېئىر،ئېلكىتاب،
توختاسىڭىز يەتىشىۋالىدۇ مەندەك ئاكىڭىز.
......................................................................
بېلىق قەرىندىشىمغا:
ئايلاناي «بېلىق»قەرىندىشىم سەن بەك ئوماق شۇنداق,
ئاۋۇ باش بەتتە سەندىن ئوتۇپ كەتتىم ئىنكاس ئويناپ،قانداق،
ئويلا يازىپسەن توقسان تورت ئىنكاس،ئافىرىن،ھارما،
تازا كەلىشتۇر, ياز بىر ئەسەر ،ئىنكاس توشقۇزىمەن تېزراق.
..............................................
ئەلتبەر قەرىندىشىمغا:
ئاجايىپ تالانت بار سەندە «ئەلتبەر» قەرىنداش،بىر ماختىۋالاي،
ئاشۇ "ھايات مەنىسى"دە تونۇدۇم سەنى،لاپ ئەتىۋالاي،
ئوخشۇتۇپسەن"ئىنكاس يازمىساڭ ئۆلەمتىڭ"شېئىرىڭنىمۇ،
تېخى يومۇر بار،ئىزىڭنى تۇتىيادەك كۆزگە سۇرتىۋالاي.
..............................................................................
دىيارىم0997 قەرىندىشىمغا:
ئاييۇھەناس بۇمۇ خاس،چاقفەلەكمۇ بۇنداق ھەم چاققان ئايلانماس،
ئاناۋۇ يەردە، نەچچە پارچە ئىنكاس كۆپتۇرلەر، دەمەسەم بولماس.
ئويلادىم نول ,توققۇز يۇز توقسەن يەتتە،ئاقسۇ پوچتا نومۇرى راست،
تەخى سەكسەن تۆرتكەن ئىنكاس ،غازى يۇرتدىن ئەزەلدىن يازماسلار چىقماس.
..........................................................................
ئىدرىسجان قەرىندىشىمغا:
ئاللا-ئاللا ۋاي باللا «ئىدرىسجان» رەسىمىنى ئۇ شاھزەدەمۇ؟كوردۇڭمۇ،
ئاڭلىسام يۇرتىڭىززكەن ئونسۇ،يازمىڭىزمۇ بولۇپتۇ ئونچۇ.
ئويلىسام «ئادانالى» فىلمىدىكى «ئەلى» ئىكەن تۇرقىڭىز ھەم بەستەڭىز،
تەشۇككۇر دەيمەن ئاز بولسامۇ،قەنى مەن يۇرتىڭىزغا بارايچۇ.
................................................................................
نۇرئەلىجان قەرىندىشىمغا:
ئايلاناي سەندىن قەرىنداشىم،تاپانچاڭ بەك ھەيۋەتكەن،
ئاتىپ قويما يازسام بۇنى،يامان ياۋ ئەمەسمەن،ياۋاشمەن.
ئول تارىخىڭدا ياردەملا بار،جەمى ئون پارچە،يەتمىش توت ئىنكاس،
توۋا،سەنمۇ ئانچە مۇنچە،پايدالىق ئەسەرنىمۇ يازمامسەن.
...............................................................................
بايئاۋات قەرىندىشىمغا:
ئاجايىپ بىر تىرىش-چاب(1) يىگىت ئىكەنسەن،تېماڭمۇ بەشكە يەتتى،
ئاشۇ تىرىشقاقلىغىڭغا مەن، روھلانمۇ تاڭ قالدى.
ئويۇننىمۇ ئوينامسىز ئاندېرويىد يانفوندا،بەزىدە،
تەخى كورۇرمىز ، يازغان ئىنكاس ماڭا بەك ياقتى.
(1) تىرىش -چاب--تىرىشچان ۋە چاققان ئىبارەسىنىڭ قىسقارتىلماسى.
تىرىشچان-فارسچە سوز،چاب-چابۇك،تىز،چاققان(ئۇيغۇرچە)
''''''''''''''''''''''''''''''''''''''''''''''''''''''''''''''''''''''''''''''''''
جام قەرىندىشىمغا:
«ئاقسۇ جام»دىنمۇ قەرىندىشىم يۇرتىڭىز،تەكتىڭىز،
ئاۋۇ نېگىر ئاتا-بالانى قىلىپسىز رەسىم،«گۇاڭجو»دىمۇ ئۆزىڭىز.
ئوھ-ھوي دەيمەن،ئىنكاسنىمۇ ئالامەت ئاتمىش ئالتەنى يازغانسىز،
تەخىچىلا ئىككى تېما بولۇپتۇ،يەنە ئىنكاس ئويناپلا ئوتەمسىز.
............................................................................................
ئابدوسسەمەد قەرىندىشىمغا:
«ئابدوسسەمەد» ئىكەندۇرلەر ئاتىڭىز، ئەسلى تىلى «ئەرەبىي»غۇ بىلسەڭىز،
ئاينا تېما ئونچەسىنى يوللاپسىز،ئىنكاس ئەللىك توققۇز،سىتات قىلساڭىز.
ئويلايمەن روملا دەيسىز،چۇشەنمەدىم،مەن دوتمۇ بىلمەدىم،
تەشەككۇرلەر،ئىنكاسقىما ئۇستاسىز،ئانا تىلدا «روم»نى نەمە دەيمىز؟؟؟
...............................................................................
شاھيار 88 قەرىندىشىمغا:
ئاتىڭىزكەن »شاھيارسەكسەن سەككىز»روھلاندا بىلسەڭىز،كورسەڭىز،
ئاڭا سىزمۇ «تارىم دەريا »تارماقىدا ،سۇمۇ ئۇزۇپ يۇرەمسىز.ياشامسىز.
ئويناپقۇ: يەڭى مەھەللە،مازارغوجام،توي بولدى.....گە بارغانمەن،
تازا يازىڭ تېما،ئىنكاسچى بولۇپ« شاھيار» ئوبرويىن تۆكەمسىز.
....................................................................
7پاكا قەرىندىشىمغا:
ئاتىڭىزغا قويۇۋاپسىز «يەتتە پاكا »دەپ،«ئاققار مەلىكە»نى ئىزدەمسىز،
ئاجايىپ سۈر-ھەيۋەتكەن ئاۋۇ باش بەتتە چىقارغان لوگو شۇ سۇرەتىڭىز.
ئول ئىنكاس ۋە تېمادىن ئەللىك يەتتەنى يازىپسىز،ئافەرىن ھارماڭ دوستۇم،
تەلەبىم شۇ تېلېفون، كومپيۇتېر ئالغىلى بىزنىڭ ئۇرۇمچىگە كەلمەمسىز.
...................................................................................................
مىسكىن23 قەرىندىشىمغا:
ئاتىڭىزنى قويۇۋاپسىز «مىسكىن» دەپ،تېمادىنمۇ ئونچەسىنى يوللاپسىز،
ئاۋۇ ھويلىدا يازىۋاپسىز كەسفىڭىزنى «ئېتىز »دەپ،خىجىل بولماڭ ھەم سىز.
ئول ھالال كەسفتۇر،ئاتا-ئانامىزدۇر ئەلمەساقتىن «تېرىمچى» سىزدەك دىھقان،
تىل سالىپ يازدىم نەزمە سىزگە ئاتاپ،چاقچاق دەپلا چۇشنگەيسىز،ئۇققايسىز.
.............................................................................................................
ak47قەرىندىشىمغا:
ئاپتوماتىك قورال بىرلە ئوقلارنى رەسىم قىلىپ لوگوغا يوللىۋاپسىز،
ئامېرىكادا تەربىيلەنگەن رەسمىي باتۇر سولداتمۇ ياكى مەرگەنمۇسىز.
ئول ئاجايىپ تېما "نىيەت'،"ئىپادە" يانفون، ياقتۇردۇمغۇ،ھارماي يەنە يېزىڭ.
تارتقۇشلاپ ئادەمنى،چاقچاق قىلسام چىدىماي مىلتىقىڭىزدا ئاتمىغايسىز.
............................................................................................
بەكرى007قەرىندىشىمغا:
ئاللا-ئاللا،«بەكرىجان»، جامېس.بوندىكەن توردا قويغان شەرەفۇل ئاتىڭىز،
ئاينا يەتتە تېما،ئەللىك ئىككى ئىنكاسنىمۇ ھارماي–تالماي ھەم يوللاپسىز.
ئويلاندىم يازمىڭىزكەن دەل روھلانداشقا پايدالىق،ئافەرىن،ھېرىپ قالماڭ،
تەخى يەڭىلاشمىسام ، پەمىمچە كومپيۇتېردا قابىل ئۇستازغا ئوخشايسىز.
........................................................................................................
سادا0998قەرىندىشىمغا:
ئاۋۇ ئاتىڭىزدا «سادا نولتوققۇز يۇز سەكسەن توققۇز»،راستمىدۇ،«سادا »بارمۇ،
ئاۋۇ ئالىم بوۋام «كاشغەرلى مەھمۇد »ئوپال يۇرتىدىن ئوخشايسىز،شۇنداقمۇ.
ئوھ-ھوي لوگو دەگەن،بەك قاملىشىپتۇ تەشەككۇر،چۇشۇردۇم ئېل-كىتابنىمۇ،
تازا كەلتۇرۇپ چاڭ–چۇقان،روھلاندا كاتتا ئەسەرلەر "بىلگ"دەك يازمايسىزمۇ.
...................................................................................................
خىيالىم1234 قەرىندىشىمغا:
ئاتىڭىزكەن «خىيالىم ئارقاسىدا »بىر،ئىكى،ئۇچ.توت«،ئەسكەر–سولدساتمۇسىز،
ئاۋۇ تېما رويخەتتە ئاران ئۇچكەن،ئىنكاسلار ئەللىك بىر،توردا بارمۇ سىز.
ئول كومپىيوتۇر توغرىسىدا جىق يازىپسىز ئىنكاسلار،ھارماڭ قەرىندىشىم،
تازا كەلتۇرۇپ يازدىم نەزمە جاۋابنى،چاقچاق جۇمۇ،خاپا بولمىغايسىز.
.....................................................................................................
ئەھەت0902قەرىندىشىمغا:
ئاۋۇ »سوفىيانە قۇمۇل»دىنمۇ ئۆزلە ئاداش، «ئەھەت نول توققۇز نول ئىككى»،
ئاشۇ «قوۋمى-ئول» بوستانىدا، مەن چىققان كاتتا «باغداش تاغ»ى ئامان بەلكى.
ئوۋۇ «خالمۇرات-ئەيسان»ى ئۆزلە لوگو قىلىۋاپلا، «ئېتوت» دەگەن بارمۇ،
تارىخدا ئون تېما ھەم قىرىق توت ئىنكاس باركەن،ئاڭلىساق «يومۇر» قەنىكى.
.........................................................................................................
买买提艾力قەرىندىشىمغا
«ئاييا جېسى مەيمەيتى ئەيلى»نى «خاۋما ؟»دەپ سالسام،ئۇكاجان،
ئاۋۇ ئاكاجان «خەنزۇۋان»مۇ دەپ ھەيران قالماغىن «مەيمەيتى»جان.
ئويلاندىم ئون تېما ھەممەسى پايدىلىقكەن،«خەنزۇۋان» بولساڭمۇ،
تەخى ئىلتىماسى مشۇ: ئانا تىلدا ياز،بولسا سەندە «يوۋسىجان»(2)
(2) يوسىجان-ۋاقتىڭ بولسا(有时间)نىڭ بۇزۇپ ئەيتىلىشى
................................................................................................。
ئۇيتېكىن قەرىندىشىمغا:
«ئاداشلارىم تۇرفانغا كەل »ئوسمان ئايتقانغۇ ئەسلىدە بۇ كاتتا ساز ناخشانى,
ئاينا «ئۇيتېكىن«مۇ يازىپتۇ يۇرتى تۇرفاننى ماختاپ,بىلدىم شۇندا مەن ئۇنى。
ئوۋۇ مۇنبەردە بەش تېما,قىرىق ئىككى ئىنكاس,ئافەرىن »ئوتماكان« فەرزەنتى,
تازا بىر تىللايتىم بولساڭ, يازمايسەن نەمىشكە سەن موجىزە «كارىز »دەگەننى。
....................................
بۇ يازمامنى 2013–10–29 كۇنى كەچتە يازىۋاتسام،تۇيۇقسىز مەھەللەمىزدە توك توختاپ،ئەتىسى ئىشلىگەچكە بىر كۇن كۇندۇزى ۋە كەچدە،بۈگۈنئەتىگەندە ۋاقتتىم چىقمادى،شۇڭا چۈش ۋاقتى ئارام ۋاقتىدا بۇ يازمامنى مۇنبەر باش بەتتىكى داڭدارلار رويخەت قاتارىدىكى بىر قىسىم يازارمەنلەر ۋە ئىنكاسچىلار ھەم مەن يازغان يازمىغا ئاكتىپ ئىشتىراك قىلغان بىر قىسىم قەرىنداشلارغا،روھلان تورىنىڭ كەيفىياتىنى يۇقۇرى كوتۇرۇش مەقسىدىدە،شاشتېكىن قەرىندىشىم يازماسىدىن ئىلھاملىنىپ،يازغان ئەسەر ۋە ئىنكاس تۇرلەرىگە جاۋابەن، بۇ ئەسەرنى روياپقا چىقاردىم،ئاداشلار بۇنى بىر چاقچاق دەپ بىلگەيسىزلەر،چۇنكى ئوزۇم چاقچاققا ئامراق كىشى، قارىسام روھلان تورىدا بۇ خىلدىكى چاقچاق يومۇرلار سەل ئازاراق ئىكەن،شۇ سەۋەبدىن بۇ يازمىنى ،چاقچاق كوتۇرەلەيدۇ دەپ يازدىم،شۇڭا بۇنى كورۇپ تەرىككەن–ئاچىقلىنىدىغان قەرىنداشلارىم بولسا ئالدىدىن ئەفۇ قىلىشىنى سورايمەن،بۇنىڭدىن كەيىن تورغا ئاكتىپ ئىشتىراك قىلغان،ئەسەر يازغان ھەم ئەرىنمەي ئىنكاس يازغان قەرىنداشلارغا ۋاقتىم چىقسائىلھامىم كەلسەلا، مۇشۇ يازمامنىڭ ئۆزىدە چاقچاق ئىنكاس شەكلىدە داۋاملاشتۇرىمەن.

ئاللا–ئاللا ۋاي باللا،كەلىڭ چاقچاق–شاڭخو ئوينايلى،
ئايرىلمىسۇن ئىناقلىق،روھلاندا خۇش كەيفتە يايرايلى.
ئويۇن بەلكىم دەپ قەلىڭ،چاقچاق كەتتى سىزگەمۇ،
تازا كۇلۇپ ھوزۇرلان،خۇشھال خورام ياشايلى.
2013–10–31 ئۇرۇمچى چۈش ۋاقتى.
......................................................................................

بىلدۈگۈ:
ئەسەرلەرنىڭ ئەقلىي مۇلۇك ھوقۇقى ئوغۇزتىگىن ۋە روھلان تورىغا مەنسۇپ، ئاپتورنىڭ رۇخسەتىسىز قانۇنسىز ھالدا ھەرقانداق تور بەت ۋە شەخسىي بلوگ....لارغا يوللاش چەكلىنىدۇ، خىلاپلىق قىلغۇچىلار بايقالسا  قانۇن بۇيىچە مەسئۇلىيەتى سۈرۇشتە قىلىنىدۇ! ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 8تەجرىبە +37 ئىناۋەت +116 تەڭگە +83 بايلىق +52 تۆھپە +29 يىغىش سەۋەبى
zubair + 1 ياقتۇردۇم
ئاسان + 15 + 9 يارايسىز
tulpar2 + 15 + 9 ياقتۇردۇم
شاشتېكىن + 15 + 9 ياقتۇردۇم!!!!!
ahat0902 + 12 + 16 + 12 + 12 + 4 ماختاشقا تېگىشلىك
ADiL + 25 + 25 + 25 + 40 + 25 ماختاشقا تېگىشلىك
7پاكا + 15 + 9 ماختاشقا تېگىشلىك
ئەلتبەر + 15 + 9 ماختاشقا تېگىشلىك ئا.

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2013-10-31 15:11:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز،داۋامىنى قاچان كۆرىمىزكىن؟

باھا سۆز

ئەسسەلام قېرىندىشىم،خۇش كەپسىز!قولۇمدا ئازىراق ماتېرىيال بار ئىدى.جىددىي تەييارلىماقتىمەن.بۈگۈن -ئەتە ئىچى  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2013-10-31 15:15
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-10-31 15:15:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
arkinjuma يوللىغان ۋاقتى  2013-10-31 15:11
ياخشى يېزىپسىز،داۋامىنى قاچان كۆرىمىزكىن؟

ئەسسەلام قېرىندىشىم،خۇش كەپسىز!قولۇمدا ئازىراق ماتېرىيال بار ئىدى.جىددىي تەييارلىماقتىمەن.بۈگۈن -ئەتە ئىچىدە ۋاقتىمىنى چىقىرىپ يوللايمەن!

باھا سۆز

ئىدرسچان مېنى چ چ غا قاتسڭىز ياردەم سورماقچى ئېدىم .1103860661  ۋاقتى: 2013-10-31 17:43
ۋاقتى: 2013-10-31 15:18:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن شاياردىن ئەمەس جۇمۇ.
قاغىلىق بالىرى بىز ، لىكىن ئالامەت كەپتۇ .
ھارمىغايسىز
ۋاقتى: 2013-10-31 15:19:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قولىڭىزغا دەت كەلمىسۇن رەخمەت zeheri ياشاڭ -ياشاڭ
رەھمەت ھەقىقەتەن ياخشى يىزىپسىز راسا كۈلىۋالدۇق داۋامىنى كۈتىمىز
چاقچاق بىزگىمۇ  تىگىپتۇ،
ئۇغۇزتىگىن سىز ھىلقى كۆلتىگىننڭ ئۇكسى  
ئۇغۇزتىگىن شۇمۇ
ۋاقتى: 2013-10-31 15:56:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاراڭغۇدىللارنى يۇرۇتقان ئۇستاز

مۇنبەرنى ئەۋجىگە كۈتۈرگەن ئۇستاز

سۆزلەپ بىزلەرگە فەتە ۋە گرامماتىكا

پارالاق مەنزىلگە باشلىغان ئۇستاز

    شېرىم تازاكەمىدى ئەفۇقىلىڭ

باھا سۆز

ئانچە ئەمەسقۇ باللا بۇمماپتىما زاڭلىق قىمايلى جۇما مە مەت ئېلى  ۋاقتى: 2013-10-31 16:02
ياخشى يىزىپسىز بالىلار شائىر بولۇپ كىتىپىتۇ  ۋاقتى: 2013-10-31 15:58
ۋاقتى: 2013-10-31 15:56:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چاقچاق ياخشى چىقىپىتۇ مەن خەنزۇچە ئىسىم بىلەن كىرەگەنلىكىمىدىن نومۇس قىلىپ قالدىم ئادىل ئەپەندىگە دەپ ئۆزگەرتىمەن
ۋاقتى: 2013-10-31 16:51:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-20 06:28

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش