روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 638|ئىنكاس: 10
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

يېزىق مۇھەببىتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                              يېزىقىمىزغا مۇھەببەت
                راست گەپمىدۇ، بەزىلەر يېزىقىدىن بەزگەنمىش،
                تەرەققىيات جەھەتتە كەمچىلىكىن سەزگەنمىش،
               ياتلار باشقا يېزىقتا ئۈزۈپتىمىش ئالەمچە،
               شۇڭا ئۇلار يۈرىكى بىر مۇدھىشنى سەزگەنمىش.

               ئۆزگەرىتكۈسى كەپتىمىش يېزىقىنى ئۆزىچە،
              ماسلاشماپتۇ دەۋىرگە، ئاشۇلارنىڭ سۆزىچە،
              كىملەرنىڭدۇر يېزىقى، ئۇز كۆرۈنۈپ كۆزىگە،
             «بىزگە كۆڭۈل بۆلگەنلەر» شۇنداق تەكلىپ بەرگەنمىش.

             دۇرۇس بولغاي ئىلاھىم، ئاشۇلارنىڭ نىيىتى،
                 كۆزلىگىنى ھەقىچان ئۆزى ئەمەس، مىللىتى،
            ئەمما مېنىڭ ئويۇمچە يوقتۇر بۇنىڭ ھاجىتى،
             شۇڭا نۇرلان قەلىمى ئىنكاسلارغا كەلگەنمىش.

            ئۇيغۇر تىلى- گۆھەر تىل، يېزىقىدۇر جۇلاسى،
              لال قىلدىغۇ ئەللەرنى بۇ يېزىقنىڭ ناۋاسى،
             بىز بىلەن تەڭ قەدەمدە تەرەققىيات راۋاجى،
            شۇ يېزىقتا كەچمىشلەر،  يۈرەكلەرنى ئەزگەنمىش.

            بۇ يېزىققا مېھرى بار بىزدە كۆپتۇر تۆھپىكار،
          نەچچە مىليۇن خەلقىمىز ئۇ ئارقىلىق خەت يازار،
             بۇ يېزىقتا پۈتۈلگەن دۇردانىلەر نۇر چاچار،
           ئانا يېزىق شۆھرىتى ئالەمگە پۇر كەتكەنمىش.

          يازالايمىز ھەر مىللەت سۆزىنى ئەسلى پېتىچە،
            تىلشۇناسلار قوشتىغۇ نادىر يېزىق رېتىگە،
          ئېنتېرنىتمۇ بىمالال ئورۇن بەردى بېتىگە،
            قەدىرلىسەڭ يېزىقىڭ قۇچىقىنى كەرگەنمىش.

            قۇش ئەمەسمىز ھەرگىزمۇ شاختىن- شاخقا قونغىلى،
           كۆپ ئۆزگەرگەچ كۆپ بىزدە چالا ساۋاد بولغىنى،
           كۆپ سانلىقنىڭ يوق تېخى يېزىقىدىن تويغىنى،
         ئۆزگەرتمەيمىز دەپ شۇلار، شۇنداق قەسەم ئىچكەنمىش.

           ماسلاشتۇرۇپ يازالماي دۆڭگىمەيلى يېزىققا،
        بۇ يېزىقتا سۆز دىگەن ئەينى مارجان تىزىققا،
       خالىغانچە ئاچقىلى ئۇ ئوخشىماس ئېچىققا،
        يېزىقىنى سۆيگەنلەر لالە- رەيھان تەرگەنمىش.

         ئېتى كونا بولسىمۇ ، يېڭى ئۇنىڭ خىسلىتى،
       دىلدارىنى سۆيگەندەك سۆيەر ئۇيغۇر مىللىتى،
        دەۋىر بىلەن رېتىمداش ئېشىپ بارار قىممىتى،
       سەنىمىنىڭ قەدرىگە ئاشىق غېرىپ يەتكەنمىش.

        يېزىق دىگەن ئۇيغۇرنىڭ، بىزلەر ئۇنىڭ ھەغداسى،
       مەرىپەت ۋە كۈچ بەردى يېزىقىمىز سەيناسى،
       بىز ئەمەسمۇ ئۇنىڭكى غەمگۇزارى، شەيداسى؟
       يېزىقىنى شۇ سەۋەب، نۇرلان دىلدىن سۆيگەنمىش.

ئىزاھات: نۇرلان-پېقىرنىڭ ئىلگىرى ھەر قايسى تورلاردا قوللانغان ئەزالىق نامىم.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2تەجرىبە +60 ئىناۋەت +60 تەڭگە +45 بايلىق +45 تۆھپە +32 يىغىش سەۋەبى
Tursun007 + 20 + 20 + 20 + 20 + 7 يارايسىز
ADiL + 40 + 40 + 25 + 25 + 25 ماختاشقا تېگىشلىك

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

نەدىن سىز قاغىلىقتىن بوسىڭىز نۇمۇرۇڭىزنى دەڭە سەت  مىھمان قىلۋىتەي    قەلىمىڭىزگە بەركەت تىنىڭىز گە سالاماتلىك تىلەيمەن ئەزىزىم
ۋاقتى: 2014-2-24 23:58:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاھ ! ئەجەپ  ياقتى  بۇ  شېئىر  ماڭا ! ياشاپ كېتىڭ !!!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-2-25 00:00:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورداشلارنىڭ ياقتۇرغىنىغا رەھمەت. مەن ئاقسۇدىن.
ۋاقتى: 2014-2-25 00:15:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەنۋەر يوللىغان ۋاقتى  2014-2-25 00:00
تورداشلارنىڭ ياقتۇرغىنىغا رەھمەت. مەن ئاقسۇدىن.


مەزمۇنلۇق، تەربىيۋى ئەھمىيتى چوڭقۇر ئىجادىيەت بوپتۇ.
روھلان ئۈندىدار سالونىنىڭ ئەتىكى سانىغا بۇ شېئىرنى چىقىرىمىز.
تەكلىپ: شېئىرنى يازغاندا ھەر مىسرا ئالدىغا زورلاپ بوشلۇق قۇيۇپ قويماڭ، تەھرىرلەشكە بەك قولايلىقلىق كەلتۈرىدۇ.
تەھرىرلىگۈچتە ئوتتۇرغا توغرىلاش ئىقتىدارى بار، ياكى شۇ پېتى يوللىسىڭىزمۇ رەتلىك كۆرۈنىدۇ.
مىسرالارنى ئايرىپ تەھرىرلەپ قويدۇم.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1ئىناۋەت +25 يىغىش سەۋەبى
روھلان + 25 ئورۇنلۇق ئىنكاس

باھا خاتىرىسى

يەخشى چىقىپتۇ..قەلىمىڭىز توختاپ قالمىسۇن
ۋاقتى: 2014-2-25 18:45:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالونغا چىقىراي دەپتىم سىز يازغانغا ئوخشاش جاپا تارتىشقا توغرا كەلدى دېسە! نىمىشقا ئالدىغا جاپا تارتىپ ئارتۇق بوشلۇق قويىۋەتكەنسىز.
مەزمۇننىڭ ئېسىللىكىنى دىمىسەم ھورۇنلۇق قىلىپ يوللىمايلا قويغان بولاتتىم سالونغا. مۇشۇ جەھەتتىن دىققەت قىلىپ كەتسىڭىز.
مەزمۇنىنى تولىمۇ ياقتۇردۇق.

باھا سۆز

ئاللا ئاللا..شۇ ئىشمۇ تەس كىلىۋاتامدۇ ھىي. . . يا پىقىرنى ياردەمچى قىلاي دىمەيسىلەن ئەينا  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-2-25 18:54
روھلان يوللىغان ۋاقتى  2014-2-25 18:45
سالونغا چىقىراي دەپتىم سىز يازغانغا ئوخشاش جاپا تارتى ...

ئاللا ئاللا..شۇ ئىشمۇ تەس كىلىۋاتامدۇ ھىي. . .  يا پىقىرنى ياردەمچى قىلاي دىمەيسىلەن ئەينا

باھا سۆز

ياردەم قىلىمەن دېسىڭىز خۇشاللىق بىلەن قارشى ئالىمىز جۇمۇ. مۇشۇ ھەر بىر يازما ياكى كۇبلىتنى تەخمىنەن 340- كەڭلى  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-2-26 21:38
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-2-25 22:42:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادىل ئەپەندىم بىلەن روھلان ئەپەندىمنىڭ سەمىمىي ئەسكەرتمىسىگە رەھمەت. بۇندىن كېيىن دىققەت قىلىمەن.
ۋاقتى: 2014-2-26 21:38:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەپرەت007 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-25 18:54
ئاللا ئاللا..شۇ ئىشمۇ تەس كىلىۋاتامدۇ ھىي. . .  يا پىقىر ...

ياردەم قىلىمەن دېسىڭىز خۇشاللىق بىلەن قارشى ئالىمىز جۇمۇ. مۇشۇ ھەر بىر يازما ياكى كۇبلىتنى تەخمىنەن 340- كەڭلىكتە ئېگىزلىكنى 245 تىن ئاشۇرمىغان ئاساستا مەزمۇنلارنى سىغدۇرۇپ ئېشىپ قالغىنىنى كېسىپ يەنە بىر پارچە رەسىم ساقلاپ، ئايرىيم ئايرىم رەسىم شەكلىدە ساقلاپ ئەۋەتىپ بەرسىڭىز تولىمۇ خۇشال بولغان بولاتتىم. سالوننىڭ 60مىڭدە ئەزاسى بار. شۇنىڭغا يوللىغۇچى پالانى. تەھرىر نەپرەت007 دەپ قېتىپ ماڭسىڭىزمۇ بولاتتى. ياردەم قىلامسىز ئەمسە؟

باھا سۆز

كومپىيۇتىرىم يوق ئەپسۇس..ئەمما كىيىنچە ياردەم قىلىمەن .بىرمەزگىل جاپا چىكىپ قوياڭ ھىھى ھى ھى ھو  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-2-27 00:08

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-21 11:08

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش