روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 939|ئىنكاس: 12
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

شۇنداقمىدۇ (تەخمىس)

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
باقمىدىم تامغاق يىقىپ شىرىن شىكەر قايماقمىدۇ?
دىتى ساز،غەپلەتتە يوق،كۆڭلى روشەن،ئويغاقمىدۇ?
تۈلكىگە بۈركۈت ئەمەس،زۇغۇيغا دان قونداقمىدۇ?
چىن ۋاپا ئىستەر دىلىم،يار كۆڭلى يا شۇنداقمىدۇ?
بىر ئۆمۈر سۆيگەن گۈلنى تاشلىماس مۇشتاقمىدۇ?

قايدا كۆرسەڭ بەك ئىسىل مەڭزىڭدە خالىڭ.دەيدۇ ئۇ،
خوپ قارا قاش،كىرپىكىڭ،ساچىڭ نىھالىڭ،دەيدۇ ئۇ،
ھەي،قاچان بولغاي نىسىپ جامىڭدا بالىڭ،دەيدۇ ئۇ،
مىنى شەيدا ئەيلىگەن ئايدەك جامالىڭ،دەيدۇ ئۇ،
قەلبىزارىمغا ئەمەس،ھۆسنۈمگىلا ئامراقمىدۇ?

مەن بىتاقەت ساقلىدىم.بولدۇم بىتاپ،بولغىن تىرەك،
بۇ جاھاندا يوق ئىكەن باقسام ماڭا سەندىن زىرەك،
ئىز-يولۇڭنى قىبلە چاغلاپ،باش ئۇرۇپ ياقتىم يۈرەك،
تۇر باھاردىن ياشىرىپ،كۆرسەتمىگىن كۈزدىن دېرەك،
دەيدۇ دائىم قايتىلاپ،بۇ گەپلىرى چاقچاقمىدۇ?

دىل ئەمەستۇر ئۈزگىنى ئەنجۈر،گىلاس،ئالما،ئانار،
كىم ئىكەن ئاشىق ئەزەل ھىجرانىدا قىلغاي ناھار،
ھىجرېنىڭ دەشتىگە تەر تۆكسە بىنا بولغاي چاھار،
كىلىدۇ بۇلبۇل يىراقتىن،ۋەسلى ئىزلەپ نەۋ باھار،
شۇ كەبى لەززەتلىنىپ،گۈل ۋەسلىگە قانماقمىدۇ?


مەزكۇر تىما چاپلانمىدى.باشقا تورلارغىمۇ يوللانمىغان.
رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ، ئەسەر ھوقوقى روھلان تور بېكىتى ۋە ماڭا مەنسۇب. رەھمەت.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 5تەجرىبە +15 ئىناۋەت +67 تەڭگە +24 بايلىق +17 تۆھپە +15 يىغىش سەۋەبى
MTV + 13 + 3 تېخىمۇ تىرىشىڭ
rohlan0077 + 4 + 3 تېخىمۇ تىرىشىڭ
rayhan0997 + 15 + 4 يارايسىز
rohlan123kizi + 15 + 5 يارايسىز
روھلان + 15 + 20 + 9 + 17 + 15 تېخىمۇ تىرىشىڭ

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

شۇنداق مەزمۇنلۇق ۋە قاپىيىلىك چىقىپتۇ. بارغانسىرى شائىر بولۇپ قېلىۋاتىسىز-ھە. ئىلھامىڭىز توختاپ قالمىغاي.
مىنى تازا مۇكاپاتلاپسىزغۇ 2-ئاتامان روھلان..رەھمەت جۇمۇ
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2014-1-14 18:53:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
gulnar38 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-14 18:20
نەپرەت ئىرىم ياخشى يېزىپسىز

نىمانداق چاكىنا ئىنكاس بۇ؟ ياكى بىر نەچچە كۈندىن بۇيان توي قىلۋالدىڭلارمۇ؟
ۋاقتى: 2014-1-14 18:54:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋوي نەپرەت ئەمدى ئىلھام دېگەن ئاجايىپ كېلىدىغان بولاپ كېتىپتىغۇ؟ تېخىمۇ تىرىشىڭ!
ئالىي ئەزا بوپ كېتىپسىز تېخى
gulnar38 يوللىغان ۋاقتى  2014-01-14 18:20:33
نەپرەت ئىرىم ياخشى يېزىپسىز

ھەي نىمە قىلىق بۇ.تۈزۈك پاراڭمۇ قىلىشماي تۇرۇپ نىمە دەپ ئاتاۋاتېسىز..ساق مۇ يا..ئىناۋىتىم بىلەن قىرېشماڭ ھە
بىجىرىم يوللىغان ۋاقتى  2014-01-14 18:54:38
ۋوي نەپرەت ئەمدى ئىلھام دېگەن ئاجايىپ كېلىدىغان بولاپ

مەن تېخىمۇ ئىلھاملىنىپ،تېخىمۇ تېرىشىپ،روھلاننىڭ 3-ئاتامانى بولاشنى ئويلىشۋاتقان..چاپارمەن دېن ئاتارمەن بولۇش خىيالىم با ? :$:$:$

باھا سۆز

ھا ھا تىرىشىڭ ئەمما 3- 4- ... ئاتامانلار بولۇپ بولغىلى بىر قانچە يىللار بولدى. بەزىلىرىنىڭ مۇنبەردە تەڭشەلگەن دە  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-1-15 15:26
ياخشى يېزىپسىز تېرىشىڭ  ئاتامان بولۇشقا تېرىشىڭ

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-19 09:36

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش