روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 3174|ئىنكاس: 37
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

سەھرالىق بولۇش گۇناھمۇ؟

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مەن ھەر قېتىم شەھەردىكى ئاچامنىڭ ئۆيىگە بارغاندا ،بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ سەھرادىن كەلگەن كىشىلەرنى كەمسىتىش سۆزلىرى بىلەن چاقچاق ئارىلاش ھاقارەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قالسام، ئاچچىقىم كېلىپ قالىدۇ.
4 G, p, D* `; U& h* V' e' ~0 Aمەن ئۆزۈمنىڭ سەھرالىق ئىكەنلىكىمدىن پەخىرلىنىمەن. چۈنكى، مەن ئاشۇ ئېسىل خىسلەتلەرگە باي، تۈرلۈك نازۇ-نېمەتلەرگە تولغان گۈزەل ماكاندا تۇغۇلغان. سەھرا مېنىمۇ سەمىمىي، باتۇر، ئاددىي-ساددا قىلىپ تەربىيلەپ چىقتى. مېنىڭچە، سەھرا كەمسىتىدىغان جاي ئەمەس. ئۇ، ئۆزىنىنىڭ ساپ ھاۋاسى، كۆك ئاسمىنى، ئاسمان بىلەن بوي تالىشىپ ئۆسكەن تېرەكلىرى، كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرىدىغان سۈپسۈزۈك سۇلىرى، بەس_بەستە سايراپ تۇرىدىغان قۇشلىرى، ياپيېشىل ئورمانلىرى بىلەن ئەزىز ماكان ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلىپ بېرىدۇ.6 e1 L/ a1 i3 O, M; i# T. \4 w* K2 |بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئەگەر گۈزەل باھار پەسلىدە سەھراغا كەلسىڭىز، باغۋارانلاردىكى رەڭگارەڭ چېچەكلىرى ۋە كەڭ ئېتىز_دالىلاردىكى كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرىدىغان كۆپكۆك مايسىلىرى بىلەن سېخى ياز كۈنلىرىدە، ئادەمگە ھوزۇر بېغىشلايدىغان ئارامگاھلىرى، سۈپسۈزۈك ئەركەك سۇلىرى بىلەن ئالتۇن كۈز كۈنلىرىدە تۈرلۇك شېرىن _شېكەر مېۋىلىرى، ئۈزۈملۇك باغلىرى ۋە ھەيۋەتلىك تاغلىرى بىلەن قەھرىتان قىش كۈنلىرىدە ئاپئاق تونغا ئورالغان گۈزەل مەنزىرىسى بىلەن سىزنى قارشى ئالىدۇ. سەھرا كىشىلىرى بەكمۇ ئاقكۆڭۈل، ئاددىي-ساددا بولۇپ، ناھايىتى مېھماندوست.
% A! ?/ J& i( [% Pبەزى كىشىلەر ئۆزىنىڭ سەھرالىقلىقىدىن پەخىرلەنسە، يەنە بەزى كىشىلەر تۇرمۇشتىكى ئازغىنە جاپادىن قورقۇپ، ئۆزلىرىنىڭ سەھرالىق بولۇپ قالغانلىقىدىن ئەپسوسلىنىدۇ.
) s; e* [8 c! J/ }, _8 Y% G& `مەن ئۆزىنىڭ سەھرالىق بولۇپ قالغانلىقىدىن ئۆكۈنىدىغان بارلىق دوستلارغا، ئاكا-ئۇكا، ھەدە-سىڭىللارغا، شۇنى تەۋسىيە قىلىمەنكى، بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدا ئانا ماكان سەھرا بولمىسا، باغنى بوستان قىلىپ، ياشاشنىڭ بىردىنبىر مەنبەسى بولغان ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاشۇ سەھرالىقلار بولمىسا ھاياتلىقتىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا، بىزنى ۋە ھەممىمىزنى بېقىپ چوڭ قىلغان سەھرانى ۋە سەھرالىقلارنى كەمسىتمەڭلار!
' n' T5 L( i1 \7 v, |سەھرا ھەقىقەتەن گۈزەل ۋە مۇقەددەس ماكان. شۇڭا، بىز سەھرانى سۆيۈشنى ئۇنتۇپ قالمايلى! ' u) }: G0 W( X+ x  u0 ?بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
  
( ~' {6 I0 f: h' i" Gئەسلى ئاپتۇر     ئادىلە ئەيسا

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 6ئىناۋەت +84 تەڭگە +44 يىغىش سەۋەبى
rizwan + 13 + 6 يارايسىز
rohlan123kizi + 13 + 8 ياقتۇردۇم
POLICE + 13 + 3 يارايسىز
rayhan0997 + 15 + 9 ياقتۇردۇم
rohlan0077 + 15 + 9 ياقتۇردۇم
MTV + 15 + 9 يارايسىز

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

شۇ شۇ يېزا ھەقىقەتەن ياخشى مىنىڭمۇ شەھەردىكى ئۆيدە پەقەت تۇرغۇم كەلمەيدۇ
ۋاقتى: 2013-12-8 12:15:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەھرالىق بولۇش گۇناھمۇ؟ .....................ئەلۋەتتە گۇناھ ئەمەس. ئەزەلدىن پۈتۈن زىمىن بەرپا بولىشىدىن سەھرا قىياپىتىدە بەرپا بولغان . ھېچقانداق بىر يۇرت شەھەر قىياپىتىدە بارلىققا كەلگەن ئەمەس . بۇ خۇددى بىر بۇۋاقنىڭ توغۇلۇپلا  ھەممە نەرسىنى بىلىپ كىتەلمىگىنىگە ئوخشاش ....ھەممە ئىشنى بارا - بارا بىلىدۇ ، چۈشىنىدۇ . . . . . $ z% a, q- D8 x. H" ~3 Pبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
شەھەر بىلەن سەھرانى سېلىشتۇرساق ئەلۋەتتە سەھراغا يەتمەيدۇ . . . . . قايسى جەھەتتىن سورىسا شۇ جەھەتتىن شەشەردىن قېلىشمايدۇ . . . . يازۋاقىتلىرىنى مىسالغا ئالساق : سەھرادا ئادەمنىڭ دىمىقىغا تۈرلۈك چىچەكلەرنىڭ ھەرخىل پۇراقلىرى ئۇرۇلىدۇ ....شۇنداق ساپ ھەۋا ، يەنە كىلىپ سەھرادا يىتىلگەن ئادەملەر شەھەرلىكلەرگە قارىغاندا بىرقەدەر ساغلام ، ساددا ، تۈز كۆڭۈل كىلىدۇ . ... شەھەردە نەدىمۇ بۇنداق ئىسىل پۇراقلار ، نەدىمۇ بۇنداق ساپ ھاۋا - مۇھىتلار . . . . . مەنمۇ بىر سەھرالىق . . . . . شەھەرلەرگەىمۇ بېرىپ باققان . . . . لىكىن يازنى سەھرادا ئۆتكۈزگەنگە قەتتى يەتمەيدىكەن .....
رەھمەت
سەھرانىڭ ھاۋاسى ساپ تەنگە داۋا ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئۆزگە تۇشلۇق ئارتۇقچىلىق ۋە كامچىلىغى بار
پاھ   … !تىل  قابىلىيىتى  دىگەن  باكەنغۇ  سىزدە    نىمىدىگەن  پاساھەتلىك  سوزلەر  ھە  ئاغزىم  ئىچىلىپلا  قالدى
بەك ئېسل سۆزلەربىلەن يېزپتۇ  شۇنداق ئورۇنلۇق بەك مەنالىق
تەشەككۇر تەشەككۇر ئىنكاسېڭلاغا
ۋاقتى: 2013-12-8 19:34:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس گەپنى قىلاي. مەزمۇندا ئىپادىلىمەكچى بولغان مەقسەتنى ئاز تولا چۈشەندىم، مەنمۇ سەھرالىق. بىراق 20 نەچچە يىلدىن بىرى شەھەردە ياشاۋاتىمەن.سەھرانىڭ ساپ ھاۋاسى،كەڭ كەتكەن ئېتىز  باغلىرىنى ئويلىسام ھازىرمۇ سەھراغا كەتكۇم كىلىدۇ.
5 G8 d* F, T* [# O9 N. P* A$ wيوللانما نەسرى شەكىلدە شۇنداق جانلىق تىل بىلەن سەھرانى مەدھىلەپتۇ،بىراق مىنىڭچە ماۋزۇ تازا ماس كەلمىگەندەك قىلىدۇ.يوللانما ئاپتۇرى مۇشۇ نۇقتىغا سەل دىقەت قىلغان بولسا بوپتىكەن، بۇ مىنىڭ سەخسى كۆز قارىشىم خالاس.
ۋاقتى: 2013-12-8 19:50:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەيلى سەھرا ۋە ياكى شەھەر بولسۇن پەقەت ئۇلار ئىنسانلارنى ئۆز قوينىغا ئالىدىكەن...ئىنسانلارمۇ ھەم ئۇلارنى ئۆز قوينىغا ئېلىشى ھەم قەدىرلىشى كېرەك....مەن بىر شەھەرلىك ئەمما مەن سەھرانى كەمسىتكەنلەرنى ياقتۇرمايمەن..چۈنكى ئۇلار بىر مېھماندۇس جاپا كەش كىشىلەر...ھەر بىر ئىنساننىڭ ئۆزىگە خاس قەدىر-قىمىتى بار..ھېچقانداق بىر ئىنساننىڭ يەنە بىر ئىنساننىڭ قەدىر-قىمىىتىنى يەرگە ئۇرۇش ھوقوقى يوق....

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-14 15:05

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش