روھلان تور بېكىتى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇڭ

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 72|ئىنكاس: 3

ئەلتۇغ: ئۆزبېك ياش شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

33

تېما

5

دوست

2456

جۇغلانما

پەخىرى ئەزا

Rank: 13Rank: 13Rank: 13Rank: 13

تەجرىبە
917 سەر
ئىناۋەت
818 سەر
تەڭگە
905 دانە
قىزغىنلىق
717 سەر
تۆھپە
215 سەر
توردا
103 سائەت
تىزىملاتقان
2012-12-1

مائارىپ ئوردىنى ئاۋانگارت ئوردىنى ئىجادىيەت ئوردىنى قىزغىنلىق ئوردىنى روھلان شاھزادىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-11-7 14:56:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
[ئۆزبېك ياش شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىدىن

گۈلنارە ئوبۇلقاسىم قىزى

دوستۇڭ ئەگەر دۈشمەنلىك قىلسا

يۈرىكىڭنى تىلغايدۇ ئەلەم،
قۇچىقىغا ئالار قايغۇ-غەم.
كۆزۈڭگە تار كۆرۈنەر ئالەم،
دوستۇڭ ئەگەر دۈشمەنلىك قىلسا.

سەن جېنىڭنى بېرىشكە تەييار،
ئۇندىن بىكار كۈتتۈڭ نومۇس، ئار.
بۇ دۇنيادا كىمگە ئىشەنچ بار؟
دوستۇڭ ئەگەر دۈشمەنلىك قىلسا.

بۇ كۈنلەر ھەم ئۆتىدۇ بىشەك،
ئۇ ئۇيىلىپ قالسا ھەم كېرەك.
لېكىن كۈنلىرىڭ قارا كېچىدەك،
دوستۇڭ ئەگەر دۈشمەنلىك قىلسا.

سۆيۈنگىنىڭ سۇنغاندەك ناگاھ،
تەكشى يولدىن چىققىنىدەك چاق.
بىكار بولار قانچە چەكسەڭ ئاھ،
دوستۇڭ ئەگەر دۈشمەنلىك قىلسا.

سېغىنغىنىم ئىشەنچ ھاۋاسى،
ساداقەتتۇر ئۇنىڭ مېۋىسى.
پۈتمەس سۇنغان كۆڭۈل شېشىسى،
دوستۇڭ ئەگەر دۈشمەنلىك قىلسا.

كېتىمەن

بۇ كۆڭۈلدە دەردلىرىمغۇ كۆپ،
مارجان-مارجان سەتىر يازىمەن.
ئىشىق بېغىدا سارغۇچ تەمتىرەپ،
شۇ باغلارغا كېتىپ قالىمەن.

چەرخ ئۇرىدۇ تۈمەن خىل ئويلار،
بىلىمەن ئۇلار نەلەرنى سويلار؟
خىياللىرىم رايىنى بويلار،
يوللىرىغا كېتىپ قالىمەن.

ئارمانلىرىم بولدى خىرامان،
ئارزۇلىرىم گوياكى ئاسمان.
ئاتام قوللارىدا تۇتقان ئۇ  كەتمەن،
دالالارغا كېتىپ قالارمەن.

قايتارسىزمۇ قان يىغلاپ ماھىم،
يا ساماغا يەتمىدى ئاھىم؟
كېلەرمىكىن مېنىڭ باھارىم؟
نەۋ نىھالغا كېتىپ قالىمەن!

مۇھەببەت

مەن ئۈچۈن بۇلبۇل مەست سايە بولساڭ ھەم،
قەلبىمگە ئەڭ مەغرۇر پايە بولساڭ ھەم،
بارچىنى چۈشىنىپ تۇرساممۇ ھەردەم،
مەن سېنى سۆيىمەن، سېنى سۆيىمەن!

قەلبىمنى تىترەتكەن نازۇك تار ئۆزۈڭ،
خەستە يۈرىكىمنى ئەتكەن زار ئۆزۈڭ،
دۇنيادا يىگانە، تەڭسىز يار ئۆزۈڭ،
مەن سېنى سۆيىمەن، سېنى سۆيىمەن.

كىمگىدۇر «سۆيدۈم» دەپ ئېيتار بولساڭ ھەم،
قولىدىن تۇتۇپ كېتەر بولساڭ ھەم.
ئىشىق سىرىم بىپىسەنت ساتار بولساڭ ھەم،
مەن سېنى سۆيىمەن، سېنى سۆيىمەن.

مۇھەببەت دەردىدە سۇلغاندۇر يۈزۈم،
ياشلىنىپ-ياشلىنىپ قۇرىدى كۆزۈم.
لېكىن سەن تاش يۈرەككە ئۆتمەيدۇ سۆزۈم،
مەن سېنى سۆيىمەن، سېنى سۆيىمەن...

ئابدۇقاھھار رەھىموۋ
ئابدۇقاھھار رەھىموۋ 1983-يىلى 24-فېۋرالدا مەرغىلان شەھرىدە تۇغۇلغان. 1990-يىلى مەرغىلان شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىپ ئۇ يەردە 1993-يىلىغىچە ئوقۇغان. شۇنىڭدىن كېيىن «ئىستىقبال» گىمنازىيىسىدە 5-سىنىپتىن باشلاپ ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرغان. 2000-يىلى تارىخ پېنىدىن  رېسپوبلىكا ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە 3-لىكنى ئېلىپ ئوقۇشقا ئىمتىھانسىز كىرىشكە يوللانغان. 2005-يىلى دۇنيا ئىقتىسادىي ۋە دېپلوماتىيە ئۇنۋېرىستېتى خەلقئارا ھوقۇق فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن.

مۇھەببەتنىڭ ناخشىسى بار

ۋېسالىڭنى كۆرۈش ئۈچۈن چوغلىنىمەن،
توختىماستىن ئۆز دەردىمدە داغلىنىمەن.
ئىستىمىگىن، لېكىن بەرىبىر باغلىنىمەن،
چۈنكى مەندە مۇھەببەتنىڭ ناخشىسى بار.

ھەر سۆزۈڭنى دىلدا گۆھەر دەپ بىلىمەن،
خالىساڭ گەر بېشىمغا ھەم دار قىلىمەن.
سېنى دەپلا تۈندە بىدار دىل تىلەيمەن،
چۈنكى مەندە مۇھەببەتنىڭ ناخشىسى بار.

مەجنۇن بولدۇم شاھ مەشرەپتەك دىۋانىمەن،
رازىلىقىڭ ئىستەپ ھەر ئان ئاۋارىمەن.
تاڭ سەھەردە نەرە تارتىپ يالۋۇرىمەن،
چۈنكى مەندە مۇھەببەتنىڭ ناخشىسى بار.

ئويلىماڭ سىز بۇ سۆزلەرنى ھاۋايى دەپ،
نېمە بولدى، سۆيگۈ دېگەن نەۋايى دەپ.
مەن ئېيتىمەن: مۇھەببەتسىز ياۋايى دەپ،
چۈنكى مەندە مۇھەببەتنىڭ ناخشىسى بار.

سېنىڭ ئىشقىڭ

سېنىڭ ئىشقىڭ دىلنى ياقار، ھېچ ئىشىققا ئوخشىماس،
بار ۋۇجۇدنى تىترىتىپ گەر بالالاردىن ئاسرىغاي.
بۇنداق ئىشىقتىن ئايرىلىشنى ئىنسان زاتى ئىستىمەس،
گۈزەل نامىڭ ياڭرىغاندا قەلب تارى يايرىغاي.

جامالىڭنىڭ نۇرى مېنى ھۇشيارلىققا چىللايدۇ،
بۇ جامالنى ئارزۇ قىلىپ كىرپىك قاقماي كېچىلەر.
مىڭ شۈكرىكىم سېنىڭ نامىڭ بۇ يۈرەكنى تىلغايدۇ،
ئېھ، بۇ ئىشىقتىن بىبەھرە بولۇپ قالغان نەچچىلەر.

تا قىيامەت بۇ ئىشىقنى ئاسرىماققا ۋەدەم بار،
ۋۇجۇد يانسۇن، ئىشقىڭغا مەن چىدىماققا تەييارمەن.
ئۇنۇتسام گەر بىر دەقىقە كۆزلىرىمگە دۇنيا تار،
دائىم ۋىسالىڭنى ئىزدەپ دۇنيا كەزگەن سەيياھمەن.

قۇش ھەم ھەۋەس قىلار

ئەپسۇسلۇق ھېس بىلەن قۇشقا تەلمۈردۈم،
نېچۈن ئۇچۇش كۈچى بېرىلمەس ماڭا؟
قانىتىم بولسىتى ئۇچۇپ پەلەككە،
ئېگىزدىن قارايىتتىم ئانا زېمىنغا!

شۇ دەم يۈرىكىمدىن چىقتى بىر سادا،
پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى قاماپ ئالارغا.
ئەي ئادەم ياشىغىن سەبرۇ-ئىماندا،
قۇش ھەم ھەۋەس قىلار ھەر رەت ئىنسانغا!

تۆتلىكلەر

قەلب يانىدۇ دۇنيا تارلىغىن كۆرۈپ،
قاراپ تويمايمەن دۇنيا قەسرىگە.
دۇنيادا ياشىساق ۋىجدان بىلەن گەر،
ئايلىنىپ قالىمىز دىلنىڭ ئەسرىگە.

ھايات ئۆزگىرىدۇ كۈن-تۈن ئالمىشار،
ئىنسان خىياللىرى بولار پەرىشان.
ئويلىماي ئىنساننى ۋاقىت تېز چاپار،
لېكىن ئىنسان قەلبىدە ئالتۇن، شەرەپشان!
يۈرەكلەرنىڭ ساداقىتى يىغلاپ بوزلىدى،
پەقەت ئالىم دەرگاھىدىن مەلھەم كۆزلىدى.
دەرد قەھرىگە سىڭىپ كەتكەن پۈتۈن ئۆمرىنى،
ياشىدىيۇ، بۇ قاراڭغۇ تۈنگە سۆزلىدى...

كامىلە ناسىروۋا

كامىلە ناسىروۋا 1983-يىلى 6-ئاۋغۇسىتتا تاشكەنت شەھرىدە تۇغۇلغان. ئۆزبېكىستان مىللىي ئۇنۋېرستىتېنىڭ ژۇرنالىسىتلىق فاكۇلتىتىنى پۈتتۈرگەن. 2003-يىلىدىن 2013-يىلىغىچە«HORDIQ PLYUS »گېزىتىدە مۇخبىر، 2011-،2012-يىللاردا «HUMU+TV» گېزىتخانىسىدا مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. 20120-يىلىدىن باشلاپ «7+7» گېزىتخانىسىدا تەرجەمە ۋە ئاخبارات بۆلۈمى مۇھەررىرى سۈپىتىدە پائالىيەت قىلماقتا.
ئۇنىڭ «ھامان ئۇچرىشارمىز» (2005-يىلى) شېئىرلار توپلىمى ھەمدە «ئۆكۈنۈش»(2008-يىلى) ھېكايىلەر توپلىمى نەشر قىلىنغان.«ياشلار كىتابى» ھەمدە «ئاناجان» ناملىق توپلاملارغا شېئىرلىرى ئېلان قىلىنغان. ئاگاتا كىرىستى،بېرم سىتوكېر ھەمدە ھىندى ۋە يېقىن شەرق يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلغان.

سۆيىمەن دېمەڭ

ئارتۇق مېنىڭ غېمىمنى يېمەڭ،
سۆيمىگەنمەن ھېچقاچان سىزنى.
قويۇڭ،سېنى سۆيىمەن دېمەڭ،
ئېيتماڭ ماڭا ئەمدى شۇ سۆزنى.

ئەجەبلىنىپ  باقماڭ كۆزۈمگە،
مەن ئۆزگىگە بەرگەنمەن دىلنى.
ئىستىگەنگە ياكى ھەر كىمگە،
تارتۇق قىلىپ بولماس كۆڭۈلنى.

سىز باقىسىز كۆزۈمگە ھەيران،
سۆزىڭىزگە قۇلاق سالمايمەن.
دىلىڭىزنى قىلساممۇ ۋەيران،
سىزنى ئەسلا سۆيۈپ قالمايمەن.

2001-يىل.

شائىرغا نە كېرەك؟

شائىرغا نە كېرەك ئۆتكۈنچى شۆھرەت،
نە كېرەك ئارتۇقچە شەرەپ، لاۋازىم؟!
ئۇ دەردىن ئېيتماقنى ئىستەيدۇ پەقەت،
دىللارنى تىترەتسە دەيدۇ ئاۋازىم.

شائىرغا نە كېرەك ماختاش، خۇشامەت،
ئۇ سەجدە قىلمايدۇ دۇنياغا، پۇلغا.
تۇتقۇن ياشىماققا قىلمايدۇ تاقەت،
نەپرەتتە باقىدۇ ھەر قانداق قۇلغا.

شائىرنىڭ قەلبىدە مۇھەببەت-نەپرەت،
بىرمۇ بىر يازىدۇ دىلدا بارىنى.
ئۇ دەردىن ئېيتماقنى ئىستەيدۇ پەقەت،
يۈرەككە تاپشۇرۇپ ئىختىيارىنى.

2002-يىل.

ماۋزۇسىز

تەقدىرگە پۈتۈلگەچ ئايرىلىش، پىراق،
ھەرگىز يىغلىمىدىڭ-سەن شۈنچە باتۇر!
مەن شۈنچە ئاجىزمەن، شۇنچە قورقۇنچاق،
كۆزۈمدە ھەسرەتلىك ياشلار يالتىرار!

تەقدىر شۇنداق دېدىڭ ئازابلىق ھېستا،
ھە، قىسمەت شۇ ئىكەن دېدىڭ ئېزىلىپ.
سەن قىيناقلىرىڭنى بىلدۈردۈڭ سۆزدە،
مەن ھەتتا بولمىدىم ئەندىشە قىلىپ.

ئايرىلىشقا كۆنۈپ كەتتىڭ قايرىلىپ،
مەنچۇ؟ قېتىپ قالدىم تۇرغان جايىمدا.
يۈرەكتىن ئايرىلدىم سەندىن ئايرىلىپ،
قارىغىن: يۈرىكىم يىغلار پايىڭدا!

2002-يىلى.

بىلمەيسەنكى...

بىلمەيسەنكى يۈرىكىم ئاغرار،
يۈرەك ئاغرار سېنى ئويلىسام.
بىلمەيسەنكى ئويلىرىم ئېغىر،
خىيال ئېغىر سېنى ئويلىسام.

بىلمەيسەنكى ماڭا مۇھەببەت،
ئەڭ كونا ۋە ئەڭ شېرىن ئارزۇ.
بۇ ئارزۇدىن ئېزىلدىم پەقەت،
يۈرىكىمنى قىيمىلايدۇ ئۇ.

بىلمەيسەنكى كۆڭلۈم ئۈمىدۋار،
نەلەرنىدۇر ئىستەپ يانىدۇ.
گاھى ئېتەر دەردىنى ئاشكار،
گاھى پەقەت «يوق» دەپ تانىدۇ.

بىلمەيسەنكى ئەھۋالىم زەبۇن،
يۈرىكىمگە ئوت قالار ھىجران.
ئايرىماستىن ئەسلا كۈنۈ-تۈن،
يۈرىكىمنى قىيمىلار ھىجران.

2002-يىل.

مۇھەببەتنى ئەيىبلەيمۇ؟

كۆزلىرىڭگە كۆزلىرىمنى قادىيالمىسام،
يا ئىسمىڭنى چۈشلىرىمدە ئېيتالمىسام،
خىيالىڭنى ھاياتىمدىن ھەيدىيەلمىسەم،
مۇھەببەتنى ئەيىبلەيمۇ، يا ئۆزۈمنى؟

يوللىرىڭدا ئاياغلىرىم ئىزى قالسا،
كۆزلىرىڭدە كۆزلىرىمنىڭ سۆزى قالسا،
ئەڭ پاكىزە ھېسلىرىمنىڭ ئۆزى قالسا،
مۇھەببەتنى ئەيىبلەيمۇ يا ئۆزۈمنى؟

يۈرىكىڭدىن ئۆچۈپ كەتسە ئىسمىم بۈگۈن،
ئىشىق رىشتى ئۈزۈلسەيۇ قالسا تۈگۈن-
ئازابلاردا ئۆرتەنگەن بۇ جانىم ئۈچۈن،
مۇھەببەتنى ئەيىبلەيمۇ يا ئۆزۈمنى؟

ۋەيرانىدەك بولۇپ قالسا جانىم مېنىڭ،
ئارمانلارغا تولۇپ قالسا جانىم مېنىڭ.
سوغۇق سۆزدىن ئۆلۈپ قالسا جانىم مېنىڭ،
مۇھەببەتنى ئەيىبلەيمۇ يا ئۆزۈمنى؟

ئارىمىزدا سەرسان بولغان سۆيگۈ ئاخىر،
ئايرىلىشتا ھەيران بولغان سۆيگۈ ئاخىر،
سۆيگۈ ئۆچۈپ يۈرەكلەردە قالسا قەھىر،
مۇھەببەتنى ئەيىبلەيمۇ يا ئۆزۈمنى؟
مۇھەببەتنى ئەيىبلەيمۇ؟...

2003-يىل
ئۆزبېكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ
تېخىمۇ كۆپ رەسىم كىچىك رەسىم چوڭ رەسىم
رەسىم ئىچىلىۋاتىدۇ، سەل ساقلاڭ...

ئاپتۇرنىڭ ئەڭ يېڭى تېمىلىرى
heatlevelئەلتۇغ: ماتاڭچى (ساتېرا)
heatlevelئەلتۇغ: ئەركىن ۋاھىدوۋ بالىلار شېئىرلىرى
heatlevelئەلتۇغ: ئۆزبېك ياش شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرى
heatlevelتاغام دېگەن سەھرالىق دەلدۈش
heatlevel‹‹پەرۋاز›› ژۇرنىلىنى ياخشى كۆرىمەن
heatlevelسەن يازمىغان ھېلىقى خەتنى...
heatlevelسۆيگۈ ۋە بەدەل
heatlevelمۇھەببەت دەيدۇلەركى:
heatlevel«شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى گېزىتى» تور بېتىنى بىلەمسىز؟
heatlevel«يەكەن ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ 2013-يىللىق 1-سانى
heatlevelئەلتۇغ:مەكتەپ مارشى(ناخشىسى) نىڭ رولى
heatlevelئەلتۇغ: سېستىرا ناخشىسى

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىتەجرىبە ئىناۋەت تەڭگە قىزغىنلىق تۆھپە يىغىش سەۋەبى
Tursun007 + 20 + 20 + 20 + 20 + 7 يارايسىز

ھەممە باھا نومۇرى : تەجرىبە + 20  ئىناۋەت + 20  تەڭگە + 20  قىزغىنلىق + 20  تۆھپە + 7   باھا خاتىرىسى

0

تېما

27

دوست

1205

جۇغلانما

يوللاش چەكلەنگەن

تەجرىبە
777 سەر
ئىناۋەت
357 سەر
تەڭگە
193 دانە
قىزغىنلىق
71 سەر
تۆھپە
39 سەر
توردا
29 سائەت
تىزىملاتقان
2013-11-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-7 16:21:15 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

0

تېما

27

دوست

1205

جۇغلانما

يوللاش چەكلەنگەن

تەجرىبە
777 سەر
ئىناۋەت
357 سەر
تەڭگە
193 دانە
قىزغىنلىق
71 سەر
تۆھپە
39 سەر
توردا
29 سائەت
تىزىملاتقان
2013-11-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-7 16:22:02 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

0

تېما

5

دوست

757

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

تەجرىبە
299 سەر
ئىناۋەت
229 سەر
تەڭگە
201 دانە
قىزغىنلىق
227 سەر
تۆھپە
1 سەر
توردا
163 سائەت
تىزىملاتقان
2013-1-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-7 17:17:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېلكىتابتىن ئۇيغۇرچىلاشتۇردىڭزمۇ؟
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

举报电话:13779793077|archiver|يانفۇن|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|网站地图|روھلان تور بېكىتى ( 新ICP备10200892号 )  

Powered by Discuz! X2.5(NurQut) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2013-11-21 04:45

چوققىغا قايتىش