روھلان تور بېكىتى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇڭ

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 230|ئىنكاس: 2

نىمە كارىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

103

تېما

29

دوست

4944

جۇغلانما

شەرەپلىك ئەزا

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

تەجرىبە
2356 سەر
ئىناۋەت
1569 سەر
تەڭگە
1506 دانە
قىزغىنلىق
1008 سەر
تۆھپە
71 سەر
توردا
506 سائەت
تىزىملاتقان
2011-12-19

مائارىپ ئوردىنى ئاۋانگارت ئوردىنى قىزغىنلىق ئوردىنى روھلان شاھزادىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-9-17 12:58:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆچىنى ئىلىش
             بىر كۈنى ياتلىق بولوپ كەتكەن بىر ئەرەپ قىزى دادىسىنىڭ قىشىغا يىغلاپ كىرىپتۇ -دە ، دادىسىغا_
            دادا، مىنى ئىرىم ئۇردى ، بۇ ئەمەليەتتە ساڭا قىلىنغان ھاقارەت ،سەن مىنىڭ ئۆچۆمنى ئىلىپ ئۆزۆڭنىڭ نۇمۇسىنى ئاقلىغىن ، - دەپتۇ .
           دادىسى بىر ئاز تۇرۇپ كىتىپ : سىنى ئىرىڭ نىمە بىلەن ئۇردى -دەپ سوراپتۇ قىزىدىن ،
           _ شاپىلاق بىلەن ،
          _  نەرىڭگە  ئۇردى ،
          قىز ئوڭ مەڭزىنى كۆرسىتىپتۇ .
         دادىسى قىزىنى يىنىغا يىقىن كىلىشكە بۇيرۇپتۇ . قىز دادىسىنىڭ قىشىغا يىقىن كەلگەن ئىكەن ، دادىسى قىزنىڭ سول مەڭزىگە كىلىشتۈرۈپ بىر شاپىلاق ساپتۇ  _ دە ، قىزىغا_
         _ مىنىڭ كۇيوغلوم قىزىمنى ئۇرۇپ ماڭا ھاقارەت قىلىدىغان بولسا ، مەن ئۇنىڭ خوتونىنى ئۇرۇپ ئۆچۆمنى ئالىمەن ، دەپتۇ .

نىمە كارىم

      ئايالى : ئاڭلىدىڭىزمۇ ؟ئۆيىمىزدىكى خىزمەتچى قىزنىڭ بويىدا قاپتۇ ،
     ئىرى : بۇ ئۇنىڭ ئىشى ، ئارلاشما ....
     ئايالى : بىراق ئۇ بالىنى  سىزنىڭ دەيدىغۇ .....
    ئىرى  :  ئۇنداقتا بۇ مىنىڭ ئىشىم .....
    ئايالى : ئەمىسى بۇ،  لىكىن  ، لىكىن  ئەمدى مەن قانداق قىلىمەن.....
     ئىرى : بۇ  سىنىڭ ئىشىڭ ، مېنىڭ نېمە كارىم !!! .

نىمە ھاجىتى

      ئۆيدە تىلۋۇزۇر كۆرۆپ ئولتۇرغان ئىرىگە ئايالى كايىدى: يائاللا ،قاچانلا قارىسا ئىشتىنىڭىزنى يىرتىپلا يۈرىيدىكەنسىز ،بىز ئاياللار بولمىساق سىلەر ئەرلەر قانداق قىلارسىلەركىن تاڭ !
     ئىرى بۇ گەپنى ئاڭلاپ كۇلۇپ تۇرۇپ : قىزىق گەپ قىلىدىكەنسەن خوتون ، دۇنيادا ئاياللار بولمىسا  ئىشتان كىيىشنىڭ نىمە ھاجىتى....

قەيسەرلىك

بىر دىۋانە بىر سىمىز ئايالغا دەپتۇ-
-ھۆرمەتلىك خانىم، ماڭا رەھىم قىلىڭ ئاغزىمغا بىرنىمە سالمىغىنىمغا ئۈچ كۈن بولدى،
- ئاھ مەن ساڭا بەك ھەۋەس قىلىمەن، دەپتۇ سىمىز ئايال، سىنىىڭدىكى مۇشۇ قەيسەرلىك مىنىڭدە بولغان بولسا،
ئاللىقاچان زىلۋالىشىپ كەتكەن بولاتتىم دەپتۇ .

چاندۇرماسلىق
بىر ئەر توي قىلغاندىن كىيىنمۇ كونا ئادىتىنى تاشلىماي، پۇرسەت بولسىلا سىرىتتا كۆڭۈل خوش قىلىپ يۈرىدىكەن.
بىر كۈنى ئۇ ئاغىنىلىرى بىلەن ھاراق ئچىپ ئولتۇرۇپ، مەسلىكتىن خۇدىنى يوقىتىپتۇ، ئاغىنىلىرى ئۇنى ئۆيگە ئەكىلىپ خوتۇنىغا  تاپشۇرۇپ بىرىپتۇ.ئەتىسى سەھەردە ئاغىنىلىرى ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپ يانفۇنىغا تىلىفۇن قىپتۇ.

ئۇ تىلىفۇننىڭ جىرىڭىلىشىدن ئويغىنىپ تىلىفۇننى ئاپتۇ- دە، يىنىدا ياتقان خوتۇننى نوقۇپ ئويغىتىپ پىچىرلاپتۇ:
-ئۈشۈ.... ئاۋازىڭنى چىقارما خوتۇنۇمدىن تىلىفۇن كىلىپ قالدى.

ئۈرۈمچىدىكى ساياھەت(1)
ئىككى قەشقەرلىك ساياھەتچى ئۈرۈمچىگە كەپتۇ، بازار ئارلاۋىتىپ، تەرىتى قىستاپ قاپتۇدە ، ئوبۇرنىغا كىرىپتۇ.
قارىسائوغۇللارنىڭكىگە( ئو  )  قىزلارنىڭكىگە ( ق)  دەپ يىزىپ قويغان، شۇنىڭ بىلەن بۇئىككىسى :

- ما ئۈرۈمچىلىك گۇيلىنى، ما  شەدىمۇ قەشقەرلىق ، ئۈرۈمچىلىك دەپ ئايرىپ يۈرۈپتۇ دە، بوپتۇ قەشقەغە چىرىلى، -  دەپ قىزلارنىڭكىگە كىرىپتۇ، بۇنى كۆرگەن ئاياللار قورقۇپ ،ۋارقىراپ كىتىپتۇ . ھىلىقى ئىككىسى:

- قوقۇشمىسىلا خانلىرىم ، بىزمۇ قەشقەلىك  ،- دەپتۇ

ئۈرۈمچىدىكى ساياھەت(2)
شۇنىڭ بىلەن قىزلار ئوبۇرنىسىدا  تاھارەت سۇندۇرالماي قىچىپ چىققان قەشقەرلىك  سىرتقا چىقىپ چوڭ تەرىتى قىستاپ كەتكەنلىكتىن بىر ئەسكى تامنىڭ بۇلۇڭىغا بىرىپ چوڭ تەرەت قىلىپ ئۇنى گىزىتكە ئورىۋىتىپ تۇرىشىغا  ساقچىلار كەپ قىلىپ ئۇنى تۇتۇپ باغلاپ سوراقخانىغا ئاپىرىپتۇ، ئەسلىدە  شۇ كۈنى كەچتە بىر ئالتۇن دۇكىنىغا ئوغرى كىرىپ ئالتۇنلارنى گىزتكە ئوراپلا ئوغىرلاپ كەتكەن ئىكەنتۇق، ساقچىلار  ئۇ ئادەمنىڭ گىزىتكە بىر نىمە ئوراۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئوغرى شۇ دەپلا تۇتۇپ سوراق قىلغان گەپ.
سوراقخانىغا بىرىپ گىزىتكە ئورالغاننى جىڭلاپ كۆرسە  نەخ 2 كىلولا كەپتۇ، ساقچىلار  ئۇ قەشقەرلىقتىن سوراپتۇ:
_ ئىيتە  قالغىنىنى نەگە ئاپاردىڭ ؟
_ ھەممىسى مۇشۇ شۇ باشلىق.
_ ئەسلى 2.5 كىلو ئىدى، قالغىنى زادى قىنى؟ دىگىنىچە بىچارە ئادەمنى دۇمباللاپ ئۇرۇپ كەتكەن گەپ، بىر كەم بولغاندا گىزىتنى ئىچىپ قارىسا ئالتۇن ئەمەس نىجاسەت، ساقچىلار ئۇنى تىللا تىللا قويۇپ بىرىپتۇ. يۇرتىغا ئاران كىلىپ تۇرسا قوشنىسى چىقىپ سورايدىكەندە:
_ ھە ئاغىنە، قايداراقكە ئۈرۈمچى تەرەپلە؟
_ ۋاي سورىماڭلىيە، تولۇق 2.5 كىلوغا  يەتكۈزۈپ چىچمىساڭلا  ئۆلگۈدەك دۇمبال يەيدىكەنسىلە ئەمەسما..

ئاخشام چۈشۈمدە

        غەزەپلەنگەن ئايال ئېرىدىن سورىدى ؛
        _ راستىڭىزنى ئيتىڭ ،سىز ئاخشام جۆيلۇپ ئىسمىنى چاقىرغان قىز كىمۇ ؟ ،
       _  سىزنى ماشىنا سوقوۋەتكەندە داۋالىغان قىز .
       _ يالغان ، مىنى قاچان ماشىنا سوقوۋەتكەن ؟
      _ ئاخشام چۈشۈمدە .

                            بەرىبىر  ئوخشاش
      سوتچى ئوغىرلىق قىلىپ تۇتۇلۇپ قالغانبىر كىچىك بالىغا «   ئۆزەڭ دىگىنە ، سىنى تۇرمىگە سولايلىمۇ ياكى داداڭغا تاپشۇرۇپ بىرەيلىمۇ »  دەپ سوراپتۇ . ئۇ بالا پەرۋاسىزلا « ئىختىيارىڭىز ، بەرىبىر ئوخشاشلا » دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ، سوتچى ھەيران بولوپ  ، « بۇ نىمە دىگىنىڭ » دەپ سورىسا ، ئۇ بالا  ؛ « داداممۇ تۇرمىدە » دىگۇدەك......

ھۇشىدىن  كېتىش
بىر ھامىلدار ئايال يەڭگىشكە ئاز قاپتۇ.تۇغۇت دوختۇرى ئۇنى كارىۋاتتا ياتقۇزۇپ چوڭقۇر نەپەس ئېلىشقا  بۇيرۇپتۇ.ۋە ئاۋازىنى يۇقىرى كۈتۈرۈپ ئۇنىڭغا مەدەت بىرىشكە باشلاپتۇ؛
-بىر .....ئىككى....ئۈچ....
تۇغۇت بۈلۈمىنىڭ سىرتىدا تۇرغان بولغۇسى ئاتا دوختۇرنىڭ سانىقىنى ئاڭلاپ؛
- ۋاي خۇدايىم،بۇنچە جېق بالىنى قانداق  بېقىپ بۇلارمەن..._ دەپ ھوشىدىن كېتىپتۇ.
يەر ئاستى پويىزىدا
يۇقىرى سۈرئەتتە كېتىۋاتقان يەر ئاستى پويىزىنىڭ ئىچى قاراڭغۇ بولۇپ ، ئۆرە تۇرغان بىر ئەر يولۇچى يېنىدا تۇرغان بىر ئايال يولۇچىغا ئېگىلىپرەك تۇرۇپ ئەدەپ بىلەن دەپتۇ؛
-كەچۈرۈڭ خانىم ،پويىزنىڭ ئىچى بەك قاراڭغۇ ئىكەن ،ئەيىپكە بۇيرۇمىسىڭىز ، سىزگە بىر تاسما تۇتقۇچ تېپىپ بېرەيمۇ ؟
-ھاجىتى يوق ، مەن تۇتقۇچقا ئېسىلىپ بىر ئوبدان تۇرۇۋاتىمەن ،-دەپتۇ ئايال قوپاللىق بىلەن .
-ئۇنداقتا گالىستۇكۇمنى قويۇۋېتىڭ!-دەپتۇ ئەر زەردە بىلەن .

ئارزۇ
ناخشىچى بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان خالىسە تۈنجى سائەتلىك دەرسنى ئاڭلاپ بولۇپ ئوقۇتقۇچىسىدىن سوراپتۇ:- ئېيتىڭە مۇئەللىم  ،مېنىڭ ئاۋازىم ئەسقاتىدىغاندەكمۇ  ؟ئەسقاتىدۇ ،بىرەر  يەرگە ئوت كىتىپ قالسا تازا ئەسقاتىدۇ
تورغا چىقىشنىڭ پايدىسى

بىر ئىت تورغا مەستانە بولۇپ قاپتۇ.قۇرداشلىرى ئۇنىڭغا تورغا چىقىشنىڭ زىيىنى ھەققىدە كۆپ نەسىھەتلەرنى قىپتۇ. بىراق ئۇ گەپ يېمەپتۇ. ئۇ تېخى بىر كۈنى تورغا چىقىشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ ئۇلارغا مۇنداق دەپتۇ؛
مەن ھەر قېتىم تورغا چىقسام مېنىڭ ئىت ئىكەنلىكىمنى ھېچكىم بىلەلمەيدۇ.
توپچى ئەسكەرلەرنىڭ مەشقى

بىر كۈنى توپچى ئەسكەرلەر زەمبىرەك ئېتىپ مەشىق قىلىپتۇ،ئۇلار ئاتقان ئىككى پاي ئوق نىشانغا دەل تېگىپتۇ،بىراق ئۈچىنچى پاي ئوق بىر دېھقاننىڭ كۆكتاتلىقىغا چۈشۈپ كېتىپتۇ.بۇنىڭدىن جىددىيلىشىپ كەتكەن كوماندىر دەرھال يېقىن بېرىپ قارىسا كۆكتاتلىقتىن ئۈستىبېشى قاپقارا ئىستا بۇلغانغان،چىرايى تاتىرىپ كەتكەن بىرسى چىقىپ يالۋۇرۇپ كېتىپتۇ؛
-مەن خاتالاشتىم،بىراق بىر تۈپ يېسۋىلەك ئوغرىلاپ قويغانغىمۇ شۇنچىۋالا قاراملىق قىلامسىلەر؟!
ئاڭلاپ قالىدۇ
بىر بېخىل ئادەم ئايالى بىلەن بىللە ئاشپۇزۇلدا غىزالىنىپتۇ. ئايالى يەۋاتقان مومىسىدىن بىر پارچە لاتىنى تارتىپ چىقىرىپ يولدىشىغا كۆرسىتىپ دەپتۇ؛
-كۆردىڭىزمۇ؟يۈرۈڭ،بۇلار بىلەن دېيىشەيلى.
بېخىل جىددىيلىشىپ ئايالىغا ؛
ۋوي ،بوشراق گەپ قىل ،ئۇلار ئاڭلاپ قالسا لاتا پۇلىنىمۇ تۆلىتىدۇ،-دەپتۇ.
ئەقىل

يىگىت؛ تۈنۈگۈن كېچە سىزگە توي قىلىش تەلىپى قويۇپ چۈشەپ قاپتىمەن ،بۇ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغاندۇ؟ قىز؛ نېمىدىن دېرەك بېرەتتى، ئۇخلىغان ۋاقىتتا ئويغاق ۋاقتىڭىزدىن ئەقىللىقراق ئىكەنلىكىڭىزدىن دېرەك بەرمەمدۇ؟
ئېلان

خېرىدار؛ بۇ چاچ چىقىرىش دورىڭىز ،تېلىۋىزوردا كۆرسىتىلگەن ئېلاندىكىدەك ئۈنۈملۈكمۇ؟ بىر بوتۇلكا ئالسام پايدىسى بولارمۇ؟

پىركازچىك؛ ۋاي بولىدۇ، تېخى ھېچكىم ئىككى بوتۇلكا ئېلىپ باقمىدى.
كېنو كۆرۈش
زىيادە سېمىز بىر كىشى كىنو كۆرگىلى كىرىپ،مىڭ تەستە ئورنىنى تېپىپ جايلىشىپتۇ.يېنىدىكى كىشى قىستىلىپ كەتكەنلىكتىن ئۇنىڭغا زەردە بىلەن دەپتۇ؛
-سېمىز بولغاندىكىن ئىككى كىشلىك بېلەت ئالسىڭىز بولمامتى؟
-كەچۈرۈڭ،ئىككى كىشلىك بېلەت ئالغان، ئەپسۇس بىرسى ئۈستۈنكى قەۋەتنىڭ ئىكەن...
چىرايلىق ئانا
بىر ئانا ئاي-كۈنى تولۇپ قىز پەرزەنىتلىك بوپتۇ ،قىزىغا ‹‹چىرايلىق›› دەپ ئىسىم قويۇپتۇ.يوقلاپ كەلگەنلەر قىزىغا بۇ ئىسىمنى قويۇشنىڭ سەۋەبىنى سورىغانىكەن،ئۇ مۇنداق دەپتۇ؛
-قىزىم مەكتەپ يېشىغا توشقاندا ،مەكتەپكە بارىدۇ.ھەر قېتىم ئاتا –ئانىلار يىغىنلىرىدا، بۇ خانىم كىمنىڭ ئانىسى دەپ سورىسا ، باشقىلار ‹‹چىرايلىق››نىڭ ئانىسى دېيىشسە ،ۋاھ، بۇ نېمە دېگەن ياخشى؟!

خاتالىق
مەمەتجان باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلاتتى،ئۇ جىددىيلىشىپ كەتسە بەزىدە كېكەچلەپ قالاتتى.بىر كۈنى ئۇ ئىمتىھانغا كومىسسىيىلىك قىلىۋاتقاندا بىر ئوقۇغۇچىنىڭ كۆچۈرۈۋاتقانلىقىنى بايقاپ دەرھال ۋاقىرىدى؛
-سەن...سەن...سەن...كۆچۈرۈشكە پېتىنىۋاتامسەن،تۇرە ئورنىڭدىن!
ئۇنىڭ گېپى ئاخىرلىشىشى بىلەن تەڭ ئارقا-ئارقىدىن بەش ئوقۇغۇچى ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى.

يول ئىزدەش
بىر مەسىت يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان قىزدىن سوراپتۇ؛
-كەچۈرۈڭ خانقىز، ماڭلىيىمدا قانچە ھۈررەك بار ئىكەن؟
-ئۈچ ھۈررەك بار ئىكەن،-قورقۇمسىراپ جاۋاپ بېرىپتۇ قىزچاق.
-يەنە بەش ئىستولبىدىن ئۆتۈپ ئۆيۈمگە بارغۇدەكمەن،-دەپتۇ مەسىت ئۆز-ئۆزىگە.

ساراڭ
بىر ساراڭ ئادەم  دوختۇرخانىدا كارۋاتتا يېتىپ ناخشا ئېيتىپتۇ ۋە بىر دەمدىن كېيىن دەرھال ئۆرۇلۇپ ، دۇم يېتىۋېلىپ ناخشىسىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ .  بۇنى كۆرگەن دوختۇر  ئۇنىڭغا :
_  ھەي ، نىمە ئىش قىلىۋاتىسەن ؟ ناخشاڭنى ئېيتىۋەتمەي، نىمىشقا ئۆرىلىۋالدىڭ ؟ -  دەپتۇ .  
ساراڭ دوختۇرغا :
_ ھەي ، ئەخمەق !  لېنتىنىڭ ئا  تەرىپى  تۇگىگەندىكىن ، ئەلۋەتتە  ب تەرىپىنى ئېيىتىمىز - دە . _ دەپتۇ.

ئاچقۇچى مەندە

بىر ساراڭلار دۇختۇرخانىسا دۇختۇرلار تەجىربە ئىشلەپ بىر ئاق تامغا يوغان بىر ئىشىكنىڭ رەسىمىنى سىزىپ ساراڭلارغا؛

_ بۇ ئىشىكتىن چىقساڭلار باغچىغا چىققىلى بولىدۇ،تېز چىقىڭلار._دەپتۇ.

شۇنىڭ بىلەن ھەممە ساراڭلار تامدىكى ئىشىكنىڭ رەسىمىگە ئۆزىنى ئېتىپتۇ، بىراق بىرلا ساراڭ جايىدا جىم ئولتۇرغۇدە، دۇختۇر ئۇنىڭدىن؛

_ سەن نېمىشقا چىقمايسەن؟  _ساراڭ؛

_ ئۇلار ئەخمەخكەن، ئۇلار ئۇ ئىشىكتىن چىقالمايدۇ._ دەپتۇ، دۇختۇر ئۇنىڭدىن ئۈمۈتلىنىپ سوراپتۇ؛

_نېمىشقا؟

_ چۈنكى ئىشىكنىڭ ئاچقۇچى مەندە. ھې~ھې~ھې~!

ئاپتۇرنىڭ ئەڭ يېڭى تېمىلىرى
heatlevelئادەم بەدىنى سوغۇقتىن قورقۇدىغان 8 ئەزا
heatlevelئالما يانفۇننىڭ ئويۇن رولى بازارغا سېلىندى
heatlevelئۆزبىكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتكۈزگەن سەنئەت كېچىلىكى
heatlevelwindows8.1دىكى «سۈرەتلەر»ئەپىنى تەپسىلىي چۈشىنىۋېلىڭ
heatlevelقىزىل تىرۋىگا ئويۇنىڭ ئۇيغۇرچە ئاۋازلىقى
heatlevelبىر تال قىستۇرما بىلەن يوۋكۇ،تۇدۇنىڭ ئىلانلىرىنى يوقىتىش ئۇسۇلى
heatlevelبىر تال كود بىلەن ۋىرۇسخورىڭىزنى سىناپ بىقىڭ .ئۈنۈمى زادى قانچىلىك
heatlevelكومپىيوتىر ئىشلەتكۈچىلەر بىلىشكە تىگىشلىك مۇھىم بىلىملەر
heatlevelpsd بىلىوگ ئۇسلۇبى
heatlevelتۈرك چېيى دەملەش ئۇسۇلى
heatlevelphotoshup رەڭ تەڭشەش تىزلەتمە بۇيرۇق قىستۇرۇمىسى
heatlevelبىر تۇركۇم پول سۇرتكۇچ ئەپكەلدىم psd

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىتەجرىبە ئىناۋەت تەڭگە قىزغىنلىق تۆھپە يىغىش سەۋەبى
ahat0902 + 20 + 20 + 20 + 20 + 5 يارايسىز

ھەممە باھا نومۇرى : تەجرىبە + 20  ئىناۋەت + 20  تەڭگە + 20  قىزغىنلىق + 20  تۆھپە + 5   باھا خاتىرىسى

298

تېما

96

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

يولباشچى

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

تەجرىبە
7457 سەر
ئىناۋەت
4721 سەر
تەڭگە
2558 دانە
قىزغىنلىق
2907 سەر
تۆھپە
703 سەر
توردا
1242 سائەت
تىزىملاتقان
2010-10-31

شەرەپ ئوردىنى مائارىپ ئوردىنى ئاۋانگارت ئوردىنى قىزغىنلىق ئوردىنى روھلان شاھزادىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-9-17 18:01:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەدىنمۇ تاپقانسىز دەيمەن بۇ يۇمۇرلارنى كۈلۈۋېرىپ ئۈچەيلىرىم ئۈزۈلۈپ كېتەيلا دېدى...
بىلگىنىڭىزنى ئۆز-ئارا ئۆگىتىڭ باشقىلارمۇ بىلىۋالسۇن! بىلمىگەننى ئۆگىنىڭ بىلىمىڭىز تېخىمۇ مول بولسۇن!
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

7

تېما

0

دوست

844

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

Rank: 8Rank: 8

تەجرىبە
342 سەر
ئىناۋەت
293 سەر
تەڭگە
309 دانە
قىزغىنلىق
208 سەر
تۆھپە
42 سەر
توردا
38 سائەت
تىزىملاتقان
2013-2-1

مائارىپ ئوردىنى قىزغىنلىق ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-9-17 18:01:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جانغا ھوزۇر بىغىشلايدىغان يۇمۇرلار ئىكەن ئوقۇپ راسا كۈلۈپتىمەن.يوللغان قولىڭىزغا تىللا تۆكىلسۇن.
  سېزگە بەخىت ھەم ئامەت يار بولسۇن. داۋاملىق كۈلكىگە مۇيەسسەر قىلسۇن.  رەخمەت.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

0

تېما

0

دوست

98

جۇغلانما

ئەزىز مېھمان

Rank: 2

تەجرىبە
43 سەر
ئىناۋەت
32 سەر
تەڭگە
9 دانە
قىزغىنلىق
23 سەر
تۆھپە
0 سەر
توردا
1 سائەت
تىزىملاتقان
2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-17 18:46:49 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گىلەم دە ئولتاسا قانداق بولىدىكەن
روھلان تورى Android يانفون تېرمىنالىدا يېزىلغان ئىنكاس
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

1

تېما

1

دوست

465

جۇغلانما

ئۈمىدلىك ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تەجرىبە
170 سەر
ئىناۋەت
108 سەر
تەڭگە
152 دانە
قىزغىنلىق
187 سەر
تۆھپە
50 سەر
توردا
5 سائەت
تىزىملاتقان
2013-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-17 20:42:23 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستۇم بەك ياخشى يۇمۇركەن مەن بەك كۈلۋەتتىم نا مۇنداق  ئاپلا  بۇ مەخپىتى ئەمەسمۇ
روھلان تورى Android يانفون تېرمىنالىدا يېزىلغان ئىنكاس
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

7

تېما

8

دوست

1013

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

Rank: 8Rank: 8

تەجرىبە
473 سەر
ئىناۋەت
277 سەر
تەڭگە
287 دانە
قىزغىنلىق
262 سەر
تۆھپە
68 سەر
توردا
48 سائەت
تىزىملاتقان
2013-7-25

ئاۋانگارت ئوردىنى قىزغىنلىق ئوردىنى روھلان شاھزادىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-9-19 00:19:40 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
rastinla bak kizzihkan rohlandikilaga huxallik ata kilgenegezga rahmat
روھلان تورى Android يانفون تېرمىنالىدا يېزىلغان ئىنكاس
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

举报电话:13779793077|يانفۇن|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|网站地图|ئۈندىدار سالونى|روھلان تور بېكىتى ( 新ICP备10200892号 )  

Powered by Discuz! X2.5(NurQut) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2013-11-28 10:36

چوققىغا قايتىش