روھلان تور بېكىتى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇڭ

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 187|ئىنكاس: 7

كومپىيوتىر ئىشلەتكۈچىلەر بىلىشكە تىگىشلىك مۇھىم بىلىملەر

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

103

تېما

29

دوست

4944

جۇغلانما

شەرەپلىك ئەزا

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

تەجرىبە
2356 سەر
ئىناۋەت
1569 سەر
تەڭگە
1506 دانە
قىزغىنلىق
1008 سەر
تۆھپە
71 سەر
توردا
506 سائەت
تىزىملاتقان
2011-12-19

مائارىپ ئوردىنى ئاۋانگارت ئوردىنى قىزغىنلىق ئوردىنى روھلان شاھزادىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-11-8 18:20:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1)CPU  نىڭ ئۈچ خىل چاستوتىسى

CPU  نىڭ ئۈچ خىل  چاستوتىسى : CPU نىڭ ئاساسى چاستوتىسى ، سىرتقى چاستوتىسى، ھەسسىلەنمە چاستوتىسى دەپ ئۈچ خىل چاستوتا بولىدۇ.

   
CPU نىڭ ئاساسى چاستوتىسى بولسا CPU نىڭ خىزمەت ۋاقتىدىكى سائەت چاستوتىسى بولۇپ، بىرلىكى MHz ،(ئاساسى ھىساپلاش ئۇسۇلى 1MHz=1000Hz,1GHz=1000MHz ) ھازىرقى  CPU لار ئاللىبۇرۇن MHz  دىن ئىشىپ،  GHz نى بىرلىك قىلىۋاتىدۇ. ئادەتتە بىز ئاڭلايدىغان، Pentium 4 E3.0GHz دىگەندە بولسا ئاساسى چاستوتىسى 3.0GHz بولغان بولىدۇ. ئادەتتە ئاساسى چاستوتا قانچە يۇقۇرى بولسا، CPU نىڭ بىرلىك ۋاقىت ئىچىدە ئورۇنلايدىغان كوماندىلىرى شۇنچە كۆپ بولۇپ، CPU نىڭ سۈرئىتى تىز بولىدۇ . ( بىراق ھازىر بۇ قاراش ئاغدۇرۇپ تاشلاندى. يەنى بۇرۇنقى 3.0GHz لىق CPU نىڭ ئىقتىدارى ،ھازىرقى قوش نىگىزلىك 2.0GHz لىق CPU دىن تۆۋەن بولۇشى مۇمكىن.)

   
سىرىتقى چاستوتىسى بولسا،  CPU نىڭ سىرىتقى خىزمەت چاستوتىسى ، يەنى سىستىما غول لىنىيەسىنىڭ چاستوتىسى بولۇپ،ھازىرقى لارنىڭ ئەڭ يۇقۇرى سىرىتقى چاستوتىسى 200MHz بولىۋاتىدۇ.

   
ھەسسىلەنمە چاستوتىسى بولسا ئاساسى چاستوتا بىلەن سىرىتقى چاستوتا ئارىسىدىكى پەرقنىڭ ھەسسىلىك سانى. يەنى CPU نىڭ ئاساسى چاستوتىسى= سىرىتقى چاستوتا * ھەسسىلەنمە چاستوتا

   
نۇرغۇن دوسلارCPU نىڭ سىرىتقى چاستوتىسى بىلەن ئاساسى تاختىنىڭ ئالدىنقى غول لىنىيە (FSB) چاستوتىسىنى ئارلاشتۇرىۋىلىپ، CPU نىڭ سىرىتقى چاستوتىسى= ئالىدىنقى غول لىنىيە (FSB) چاستوتىسى . دەپ قارايدۇ.

   
بۇنداق قاراش خاتا بولۇپ، FSB بولسا ئاساسى تاختىنىڭ شىمالى ئۆزىكىنىڭ تىزلىكىنى كۆرسىتىپ، CPU بىلەن سىرىتقى ئۇچۇرلارنىڭ ئالماشتۇرۇلۇش سۈرئىتىنى بەلگىلەيدۇ. ھازىرقى ئەڭ يىڭى ئاساسى تاختىلارنىڭ FSB سى 800 ياكى 1000 بولىۋاتىدۇ. يەنى  CPU نىڭ سىرىتقى چاستوتىسىنىڭ 4-5 ھەسسىگە تەڭ بولىۋاتىدۇ.

ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ چاستوتىسى   
ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ چاستوتىسى قانچە يۇقۇرى بولسا ، بىرلىك ۋاقىت ئىچىدە ئىجرا قىلىدىغان بۇيرۇقلىرى شۇنچە كۆپ بولۇپ، بۇ ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ سۈرئىتىمۇ شۇنچە تىز بولىدۇ. بۇرۇنقى ئىچكى ساقلىغۇچلار  SDRAM دەپ ئاتالغان بولۇپ، PC100、PC133、PC150 دىگەندەك تۈرلىرى بار ئىدى. بۇلارنىڭ  كەينىدكى 100،133،150 دىگەن سانلار بولسا شۇ ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ چاستوتىسىنىڭ 100MHz、133MHz 和150MHz ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

   
ھازىرقى ئىچكى ساقلىغۇچلار ئاساسەن DDR ئىچكى ساقلىغۇچ بولۇپ، سانلىق مەلۇمات يەتكۈزۈش سۈرئىتى SDRAM نىڭ ئىككى ھەسسىگە تەڭ كىلىدۇ. DDR دىگەن سۆزمۇ «ئىككى ھەسسلىك تىزلىك» دىگەن مەنانى بىرىدۇ.

   
DDR ئىچكى ساقلغۇچنىڭ بۇرۇنقىلىرىدىن DDR266(PC2100)/333(PC2700)/400(PC3200)  قاتارلىقلار بار. ھازىرقىلىرىدىن  DDR533,DDR667,DDR800  قاتارلىقلار بار.

(2) قاتتىق دىسكىدىكى بۇزۇق سېكتورلارنى ئوڭشاش ئۇسۇلى

قاتتىق دىسكىدا بۇزۇق سېكتور پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنى قانداق قىلىپ بىلەلەيمىز.؟ بۇزۇق سېكتور پەيدا بولۇپ قالسا قانداق ئوڭشايمىز؟ بۇلارغا قىزىقسىڭىز نەزىرىڭىز تۆۋەندىكى مەزمۇنلاردا بولسۇن.

ئادەتتە قاتتىق دىسكىدا بۇزۇق سېكتور پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنى بىلىشنىڭ ئەڭ ئاددىي ئۇسۇلى بولسا كومپيۇتېرنى Dost ھالىتىدە قوزغىتىپ، Scandisk بۇيرۇقى ئارقىلىق تەكشۈرسەك قارا تەگلىك قىزىل خەت بىلەن “B”(bad) دېگەن ھالەتتە كۆرۈنگەن جايلار بۇزۇق سېكتور بولىدۇ. بۇ بۇيرۇق ئارقىلىق بۇزۇق سېكتورلارنى ئوڭشاشقا بولسىمۇ، ئەمما ھازىرقى قاتتىق دىسكىلارنىڭ سىغىمى چوڭ بولغاچقا بۇ بۇيرۇق ئارقىلىق ئوڭشاش ئىلىپ بېرىشقا ۋاقىت كۆپ كېتىدۇ.

ئەگەر كومپيۇتېر يەنىلا نورمال قوزغىلالىسا، سىز پەقەت مېنىڭ كومپيۇتېرىم ئىچىدىن بۇزۇق سېكتور بار بولغان قاتتىق دىسكىنى تاللاپ، مائوس ئوڭ كۇنۇپكىسى ئارقىلىق بىر چېكىپ، تىزىملىكتىن خاسلىق (属性) بۇيرۇقىنى تاللاپ، ئېچىلغان كۆزنەكتىن «قورال»(工具) تاللانمىسىنى تاللاپ، بۇنىڭ ئىچىدىن «خاتالىق تەكشۈرۈش»(查错) تۈرى ئاستىدىكى «تەكشۈرۈشنى باشلاش»(开始检查) كۇنۇپكىسىنى باسساق يەنە بىر دىئالوگ رامكىسى ئىچىلىدۇ. بىز رامكىدىكى «ئاپتوماتىك ھۆججەت سىستېما خاتالىقىنى ئوڭشاش»(自动修复文件系统错误) ۋە «بۇزۇق سېكتورلارنى تەكشۈرۈش ۋە ئوڭشاش»(扫描并试图恢复怀扇区) دېگەن تۈرگە بەلگە سېلىپ «باشلاش» (开始)  كۇنۇپكىسىنى باسساقلا دىسكىدىكى بۇزۇق سېكتورلارنى تەكشۈرۈشنى باشلايدۇ ھەمدە ئوڭشىيالىغۇدەك بولسىلا ئوڭشايدۇ.

2. نورتون قوراللىرى (Norton tools) ئىچىدە NDD دىسكا دوختۇرى دەپ بىر دېتال بار شۇنداقلا يەنە PCTOOLS قاتارلىق قوراللار ئارقىلىقمۇ دىسكىدىكى بۇزۇق سېكتور لارنى تاپقىلى ۋە ئوڭشىغىلى بولىدۇ.

3. ئەگەر بەزى بۇزۇق سېكتورلارنى ئوڭشىغىلى بولمىسا، بەزى بىر يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلىتىپ، بۇ  سېكتورلارنى يوشۇرۇپ قويۇشقا بولىدۇ. بۇ ئارقىلىق قاتتىق دىسكىنىڭ ئىشلىتىش ئۆمرىنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ.

4. ئەگەر سىستېمىڭىز TRACK 0 BAD,DISK UNUSABLE دېگەن ئۇچۇر چىقارسا، بۇ سىزنىڭ قاتتىق دىسكىڭىزنىڭ نۆلىنچى نومۇرلۇق سېكتورىنىڭ بۇزۇلۇپ، قاتتىق دىسكىنى ئىشلەتكىلى بولمىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇنداق چاغدا بىز بىر قىسىم يۇمشاق دېتاللار ئارقىلىق بۇ بۇزۇلغان نۆلىنچى سېكتورنى يوشۇرۇپ قويۇپ، بىرىنچى نومۇرلۇق سېكتورنى نۆلىنچى سېكتورنى قىلىپ بەلگىلىسەك بولىدۇ. بۇنى Pctools9.0ۋە NU8 دېگەندەك دېتاللار بىلەن قىلغىلى بولىدۇ. تۆۋەندە Pctools9.0 نى مىسال قىلىپ چۈشەندۈرەيلى.

يۇمشاق دىسكا ياكى نۇر دىسكا ئارقىلىق كومپيۇتېرنى قوزغاتقاندىن كېيىن، Pctools9.0 مۇندەرىجىسى ئاستىدا De. exe دېگەن بىر ھۆججەت بار. مۇشۇ ھۆججەتنى قوزغىتىپ، تىزىملىكتىكى Select تۈرى ئاستىدىن Drive دېگەن تۈرنى تاللاپ كىرگەندىن كېيىن Drive type تاللاش تۈرىگە Physical (فىزىكىلىق دىسكا دېگەن مەنىدە) دېگەن تۈرنى تاللاپ، بوشلۇق كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تاللايمىز. ئاندىن يەنە tab  كۇنۇپكىسى ئارقىلىق Drives تۈرى ئاستىدىن hard disk دېگەن تۈرنى تاللاپ، جەزم كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، ئاساسى تىزىملىككە قايتىپ كېلىمىز. بۇ چاغدا تىزىملىكتىكى Select دېگەن تۈرنى ئاچساق، PartITion Table دېگەن تۈر كۆرۈنىدۇ. بۇ تۈرنى تاللىغاندىن كېيىن، قاتتىق دىسكىنىڭ رايونلارغا ئايرىلىش ئۇچۇرلىرى كۆرۈنىدۇ. بۇ چاغدا بىز C رايوننى تاللايمىز. چۈنكى C رايون قاتتىق دىسكىنىڭ نۆلىنچى نومۇرلۇق سىلىندىرنىڭ 0- نومۇرلۇق سېكتوردىن باشلاپ رايونلارغا ئايرىلغان بولىدۇ. بىز بۇ يەردە پەقەتلا 1- رايوندىكى (يەنى C رايوندىكى) Beginning Cylinder دېگەن جايدىكى 0 دېگەن ساننى 1 دېگەن سانغا ئۆزگەرتىپ قويساقلا بولىدۇ. ئاندىن بۇ مەشغۇلاتنى ساقلاپ قويۇپ، كومپيۇتېرنى قايتا قوزغىتىپ، قاتتىق دىسكىنى باشقىدىن رايونلارغا ئايرىپ، فورماتلاش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارساقلا بولىدۇ. ئەگەر ئۆزىڭىزنىڭ مەشغۇلاتىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولغان بولمىغانلىقىنى بىلمەكچى بولسىڭىز  نۆلىنچى سېكتورنى ئوڭشاشتىن بۇرۇن بىر قېتىم، ئوڭشاپ بولغاندىن كېيىن بىر قېتىم كومپيۇتېر قوزغىلىۋاتقاندا Del كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، Coms تەڭشىكىگە كىرىپ Ide Auto Detect دېگەن تۈرنى قوزغىتىپ باقسىڭىز. بۇ يەردىكى سىلىندىر سانىنىڭ ئوڭشاشتىن كېيىن بىرسى قىسقىراپ كەتكەنلىكىنى بايقايسىز. مەسىلەن ئوڭشاشتىن بۇرۇن 782 بولغان بولسا، ئوڭشاشتىن كېيىن 781 بولۇپ قالىدۇ.

(3) قاتتىق دىتاللارنى ئاسراشتىكى 19 خىل پىرىنسىپ

1. كومپىيۇتىرنىڭ  IDE ئۈسكىنىلىرىنى ئۇلىغان چاغدا رەڭلەر ماس كىلىش پىرىنسىپى بويىچە ئۇلاش كېرەك. يەنى قىزىل باشنى قىزىل باش بىلەن ئۇلاش كېرەك.
2. قاتتىق دىتاللارنى ئاساسى تاختا ياكى باشقا ئۈسكىنىلەرگە چاتقاندا، ھەرگىزمۇ زورلاپ كىرگۈزمەڭ. چۈنكى كومپىيۇتېر ئۈسكىنىلىرىنى بىر-بىرىگە ئۇلاش ئۇنچىلىك كۈچ تەلەپ قىلمايدۇ. پەقەت سىزدىن دىققەت بىلەن كىرگۈزىشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا ئەگەر كىرمىسە، زورلاپ كىرگۈزىمەن دىمەي دەرھال خاتا بولۇپ قالدىمۇ، يىڭنىلەر ئېگىلىپ كەتتىمۇ دىگەنلەرنى تەكشۈرۈڭ.
3.  ئادەتتە ئاساسى تاختىدىكى ھەر قايسى ئۈسكىنىلەرنىڭ ئۇلىنىش ئېغىزلىرىغا ، رەڭلەر، سۈرەتلەر  ياكى خەتلەر بىلەن بەلگە قويۇلغان بولىدۇ.(مەسىلەن: مائۇس، كۇنۇپكا تاختىسى دىگەندەكلەر) شۇڭا ئۇلاشتىن ئاۋال ئاساسى تاختىدىكى بەلگىلەرگە دىققەت قىلىڭ.
4. كومپىيۇتېر ئاساسى قېپىنى ئېچىپ، رىمۇنت قىلماقچى بولغاندا توك مەنبەسىنى ئۈزىتىۋىتىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.
5. قاتتىق دىتاللارنىڭ توقۇنۇشۇپ قېلىشى سەۋەپلىك ئېكران يۇرۇمايدىغان ھادىسە كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. بۇنداق چاغدا، كۆرستىش كارتىسى، ئىچكى سىغىم كارتىسى قاتارلىقلارنىڭ كىرگۈزۈش ئورنىنى ئالماشتۇرۇپ سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ.
6. كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ قوزغىتىش پىراگراممىسنى قايتا قاچىلىغاندا ياكى كۆرسىتىش كارتىسىنى چىقىرىپ سالغاندا،  ئىكراننىڭ  يىڭىلاش چاستوتىسىنى قايتىدىن بەلگىلەڭ.(ئادەتتە 75 ئەتراپىدا قىلسا كۆزگە بەك زىيان قىلىپ كەتمەيدۇ.)
7. ئاساسى تاختىغا CPU نى ئورناتقاندا CPU نىڭ يۆلىنىشىگە دىققەت قىلىڭ. ھەرگىزمۇ مەجبۇرى كىرگۈزمەڭ.
8.توپا چاڭلادىن كۆرسىتىش كارتىسى، ئچىكى ساقلىغۇچ قاتارلىقلارنىڭ ئالتۇن چىشى (金手指) ئوكسىدلىنىش ئارقىلىق كېلىپ چىققان كاشىلىنى ھەل قىلىشتا ئالتۇن چىشنى ئۆچۈرگۈچ بىلەن سۈرتۈچ ياكى پاختىغا ئىسپىرت تەكگۈزۈپ ئاندىن سۈرتۈپ قايتا سالساق يورىمىغان ئىكرانلار يورۇپ كېتىدۇ.
9. ئاساسى تاختىدىكى قاتتىق دىسكىنىڭ چىرىقى لىپىلداپ يېنىپ تۇرغاندا ھەرگىزمۇ كومپىيۇتىرنى قايتا قوزغاتماڭ. بۇنداق قىلسىڭىز ئاسانلا بۇزۇق سىكتور ياكى رايۇنلار ئايرىش جەدىۋىلىدە خاتالىق كېلىپ چىقىدۇ.
10.قاتتىق دىسكا، يۇمشاق دىكسا، ئوپتىك دىسكا قاتارلىقلارنى ئورناتقاندا چوقۇم ۋىنتىلاپ ، مۇقۇملاپ قويۇڭ. بۇنداق بولغاندا  دىسكا ئوقۇش ياكى باشقا تەۋرىنىشنىڭ قاتتىق دىتالغا بولغان ناچار تەسىرىنى تۈگەتكىلى بولىدۇ.   
11. ئەگەر سىزدە بىرتاللا ئىچكى ساقلىغۇچ بولسا، ئامال بار CPU يېقىن يەردىكى ئوقۇرىغا سېلىڭ.
12.ئىكران ياكى ئوپتىك دىسكىلارنى تازىلىغان چاغدا ھەرگىزمۇ ئىسپىرىت ئىشلەتمەڭ. يۇمشاق رەخت ياكى يۇمشاق قەغەز ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.ئەگەر چىقمايدىغان داغلار بولسا، ئاغزىڭىز ئارقىلىق ھورداپ، ئاندىن سۈرتسىڭىز ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ.
13. ئوپتىك دىسكا دىسكا قوزغاتقۇچتىن چىقماي تۇرىۋالسا، ئوپتىك دىسكا قوزغاتقۇچى ئۈستىدىكى يىڭنە تۆشۈگىدەك كېچىك تۆشۈككە يىڭنە قاتارلىق نەرسىلەرنى كىرگۈزۈپ ئېتتىرىش ئارقىلىق مەجبۇرى چىقىرىشقا بولىدۇ.
14.  ئاساسى تاختا ئىچىدىكى ھەر خىل سىملارنى ئەڭ ياخشىسى بىرلەشتۈرۈپ باغلاپ قويۇڭ. بۇنداق بولغاندا ھاۋا ئۆتۈشۈشكە پايدىلىق بولىدۇ.
15. فوتۇ ئېلىكتىرلىك مائۇس (光电鼠标) نى كۈچلۈك نۇر ياكى نۇر قايتۇرۇشى كۈچلۈك بولغان مائۇس تەگلىكى ئۈستىدە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.
16. كومپىيۇتېرنىڭ CPU شامالدۇرغۇچىنى ئورناتقاندا ئۇنىڭ توك مەنبە سىمىنى ئاساسى تاختىدىكى CPU شامالدۇرغۇچى دىگەن ئۇلاش ئېغىزىغا ئۇلاڭ. بۇنداق بولغاندا CPU كۆيۈپ كېتىشنى ساقلاش بىلەن بىللە شامالدۇرغۇچنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتى BIOS كۆرۈنىدۇ.
17. يانفۇننى ئىكران ياكى ياڭرۇتقۇنىڭ يېنىغا قويماڭ. ئەگەر تېلفۇن كەلسە ياكى ئۇچۇر كەلسە، تەسىر قىلىدۇ.
18.ئەگەر كومپىيۇتېر نورمال ئىشلەۋىتىپ تۇيۇقسىز، ئۆچۈپ قالسا، قايتا ياندۇرسىڭىز 1-2 مىنۇتتىن كيىن يەنە ئۆچۈپ قالسا، ئالدى بىلەن ئاساسى تاختىنى ئېچىپ، CPU شامالدۇرغۇچىنىڭ پىرقىراۋاتقان ياكى پىرقىرىمايۋاتقانلىقىنى تەكشۈرۈڭ.
19. كومپىيۇتېر ئاساسى قېپىنى بىر پەسىلدە بىر قېتىم  ئېچىپ تازىلاشنى ئۆزىڭىزگە ئادەت قىلىۋىلىڭ.


(4) قاتتىق دىسكىدا مەسىلە كۆرۈلۈش ئالدىدىكى بىشارەتلەر

قاتتىق دىسكا كومپىيۇتېرنىڭ ئەڭ مۇھىمى ئۈسكىنىلىرىدىن بىرى بولۇپ،ئەگەر قاتتىق دىسكىدىن مەسىلە كۆرۈلسە، ئۇچاغدا بىزنىڭ قاتتىق دىسكىغا ساقلاپ قويغان نۇرغۇن نەرسىلىرىمىز يوقۇلۇپ كېتىش تەھدىتىگە دۈچ كېلىدۇ.شۇڭا بىز ئادەتتە ئىشلىتىش جەريانىدا قاتتىق دىسكىنى ئاسراشقا دىققەت قىلىشىمىز كېرەك.ئەگەر قاتتىق دىسكىدا مەسىلە كۆرۈلسە دەل ۋاقتىدا بايقاش ھەمدە توغرا تەدبىر قوللىنىش زۆرۈر.
ئادەتتە قاتتىق دىسكىدا كاشىلا كۆرۈلۈش ئالدىدا تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە خىل ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
1. S.M.A.R.T خاتالىقى كۆرسەتمىسى.
S.M.A.R.T  دىگىنى « ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرۈش، ئانالىز قىلىش ۋە دوكلات قىلىش تىخنىكىسى» دىگەنلىك بولۇپ، ئۇ ماگىنىتلىق باش، ماگىنتلىق دىسكا،توك يولى قاتارلىقلارنى نازارەت قىلالايدۇ.ئەگەر بىز cmos قا كېرىپ، قاتتىق دىسكىنىڭ S.M.A.R.T ئىقتىدارىنى ئېچىپ قويساق، قاتتىق دىسكىدا مەسىلە كۆرۈلسە، ئاپتۇماتىك سىگنال بىرىدۇ. بۇنداق چاغدا بىز دەرھال قاتتىق دىسىكىدا مۇھىم نەرسىلەرنى باشقا بىخەتەر دىسكىلارغا يۆتكىۋەتسەك بولىدۇ.
2. پات –پات BIOS دا قاتتىق تونالماسلىق، تونىسىمۇ مەشغۇلات سىستىمىسى قاتتىق دىسكىنى تاپالماسلىق ھادىسىسى كۆرۈلسە بۇ قاتتىق دىسكىدا فىزىكىلىق كاشىلا كۆرۈلۈشنىڭ بىشارىتى بولۇپ، دىسكىدىكى مۇھىم ماتىرياللارنى دەرھال باشقا دىسكىغا يۆتكىۋىلىش كىرەك ھەمدە، قاتتىق دىسكىنى تەكشۈرتۈپ ، رىمونت قىلدۇرۇش كېرەك.
3. Windows مەشغۇلات سىستىمىسىغا كىرەلىسىمۇ، بىراق پىراگرامما ئىجرا بولغان ھامان خاتالىق كۆرۈلۈش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە دىسكا تەكشۈرۈش پىراگراممىسىنى ئىجرا قىلساقمۇ ئىجرا بولماسلىق، ئىجرا بولسىمۇ تەكشۈرۈش جەريانىدا ئاستا مېڭىش، توختاپ قىلىش ھەتتا كومپىيۇتېر قېتىپ قىلىش قاتارلىق ھادىسىلەر كۆرۈلسە، بۇ بەلكىم قاتتىق دىسكىنىڭ مەسىلىسى بولۇشى مۈمكىن، ۋە ياكى Windows نىڭ ئۇزۇن ۋاقتلاردىن بىرى يېغىلىپ قالغان يۇمشاق دىتال جەھەتتىكى مەسىلىسى بولۇشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا بىز بۇنداق چاغدا سىستىمىنى قايتا بىر قېتىم قاچىلاپ سىناپ باقساقلا، كاشىلىنىڭ يۇمشاق دىتالدا ياكى قاتتىق دىتالدا ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز. ئەگەر قاتتىق دىتالدا بولسا، كاشىلا كۆپ ھاللاردا قاتتىق دىسكىدا بولىدىغان بولۇپ، مۇھىم ماتىرياللارنى دەرھال يۆتكەپ، قاتتىق دىسكىنى تەكشۈرتۈش ھەمدە رىمونت قىلدۇرۇش كېرەك.
4.كومپىيۇتېردا قاتتىق دىسكىنى تەكشۈرۈش پراگراممىسىنى ئىجرا قىلىپ، خاتالىق بايقىساق، ھەتتا بۇزۇق سىكتورلار بايقالسا،دەرھال Windows ئۆزىنىڭ پراگراممىسى ئارقىلىق تۈزىتىشتىن باشقا 效率源硬盘检测修复 دىتال ئارقىلىق ئوڭشاش، بۇزۇق سىكتورلارنى ئايرىۋىتىشكە بولىدۇ. بۇ دىتال ئىشلىتىشكە ناھايىتى ئەپلىك.
5. Windows قوزغىلىش بىلەنلا كومپىيۇتېر قېتىۋالسا، بۇ خىل ئەھۋال سەل مۈرەككەپرەك بولۇپ، بىز ئالدى بىلەن،باشقا ئۈسكىنلەرنى تەكشۈرۈپ، باشقا ئۈسكىنىلەردىن خاتالىق كېلىپ چىقىش ئىھتىمالىنى چەتكە قاققاندىن كېيىن، ئاخىردا چاتاق قاتتىق دىسكىدا دەپ ھۆكۈم قىلالىساق، ئاندىن دىسكىدىكى ئۇچۇرلارغا قارىتا تەدبىر قوللىنىشقا بولىدۇ.
ئۇندىن باشقا، كۈندىلىك ئىشلىتىش جەريانىدا ھەر ۋاقىت زاپاسلاشتەك ياخشى ئادەتنى يىتىلدۈرۈش كېرەك. بەزى ئىنتايىن مۇھىم ماتىرياللارنى ئوپتىك دىسكىغا ئويۇپ زاپاس ساقلاش كېرەك. بۇنداق بولغاندا قاتتىق دىسكىدا مەسىلە كۆرۈلسە، ئۇچۇرلارنىڭ يوقاپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ كېتىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق.
      
مەنبەسى ئىزلىنىش تورى

ئاپتۇرنىڭ ئەڭ يېڭى تېمىلىرى
heatlevelئادەم بەدىنى سوغۇقتىن قورقۇدىغان 8 ئەزا
heatlevelئالما يانفۇننىڭ ئويۇن رولى بازارغا سېلىندى
heatlevelئۆزبىكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتكۈزگەن سەنئەت كېچىلىكى
heatlevelwindows8.1دىكى «سۈرەتلەر»ئەپىنى تەپسىلىي چۈشىنىۋېلىڭ
heatlevelقىزىل تىرۋىگا ئويۇنىڭ ئۇيغۇرچە ئاۋازلىقى
heatlevelبىر تال قىستۇرما بىلەن يوۋكۇ،تۇدۇنىڭ ئىلانلىرىنى يوقىتىش ئۇسۇلى
heatlevelبىر تال كود بىلەن ۋىرۇسخورىڭىزنى سىناپ بىقىڭ .ئۈنۈمى زادى قانچىلىك
heatlevelكومپىيوتىر ئىشلەتكۈچىلەر بىلىشكە تىگىشلىك مۇھىم بىلىملەر
heatlevelpsd بىلىوگ ئۇسلۇبى
heatlevelتۈرك چېيى دەملەش ئۇسۇلى
heatlevelphotoshup رەڭ تەڭشەش تىزلەتمە بۇيرۇق قىستۇرۇمىسى
heatlevelبىر تۇركۇم پول سۇرتكۇچ ئەپكەلدىم psd

7

تېما

0

دوست

717

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

تەجرىبە
331 سەر
ئىناۋەت
169 سەر
تەڭگە
247 دانە
قىزغىنلىق
215 سەر
تۆھپە
50 سەر
توردا
116 سائەت
تىزىملاتقان
2013-9-26

قىزغىنلىق ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-11-8 20:22:02 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت بەك تەپسىلى يېزىپسىز مەندەك كومپىيوتىرنى چۈشەنمەيدىغانلارغا بەك ياخشى تېما بوپتۇ رەھمەت ، سىزگە ياخشى تىمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

10

تېما

4

دوست

1353

جۇغلانما

تەجرىبىلىك ئەزا

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تەجرىبە
675 سەر
ئىناۋەت
428 سەر
تەڭگە
177 دانە
قىزغىنلىق
248 سەر
تۆھپە
19 سەر
توردا
194 سائەت
تىزىملاتقان
2012-8-21

ئاۋانگارت ئوردىنى قىزغىنلىق ئوردىنى روھلان شاھزادىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-11-8 20:58:33 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك بىلىملەركەن
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

6

تېما

4

دوست

1285

جۇغلانما

تەجرىبىلىك ئەزا

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تەجرىبە
594 سەر
ئىناۋەت
424 سەر
تەڭگە
257 دانە
قىزغىنلىق
265 سەر
تۆھپە
15 سەر
توردا
144 سائەت
تىزىملاتقان
2013-5-7

مائارىپ ئوردىنى ئاۋانگارت ئوردىنى ئىجادىيەت ئوردىنى قىزغىنلىق ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-11-8 21:27:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك  بىلىملەركەن  رەىمەت سىزگە ياخشى تىمىدىن بىرنى ئەككەپسىز
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

4

تېما

5

دوست

704

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

تەجرىبە
330 سەر
ئىناۋەت
175 سەر
تەڭگە
155 دانە
قىزغىنلىق
199 سەر
تۆھپە
50 سەر
توردا
17 سائەت
تىزىملاتقان
2013-8-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-9 00:29:27 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى بىلىمكەن ساقلىۋالدىم رەھمەت
روھلان تورى Android يانفون تېرمىنالىدا يېزىلغان ئىنكاس
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

1

تېما

2

دوست

400

جۇغلانما

ئۈمىدلىك ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تەجرىبە
133 سەر
ئىناۋەت
132 سەر
تەڭگە
100 دانە
قىزغىنلىق
134 سەر
تۆھپە
0 سەر
توردا
59 سائەت
تىزىملاتقان
2011-12-30

تەلەي ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-11-9 01:28:07 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن بىلۋېلىشقا تىگىشلىك نۇرغۇن بىلىملەرباركەن.رەھمەت سىزگە. داۋاملىق مۇشۇنداق نادىر تېمىلارنى يوللاپ تۇرۇشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.
روھلان تورى Android يانفون تېرمىنالىدا يېزىلغان ئىنكاس
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

25

تېما

24

دوست

3005

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 11Rank: 11Rank: 11Rank: 11

تەجرىبە
1635 سەر
ئىناۋەت
954 سەر
تەڭگە
636 دانە
قىزغىنلىق
410 سەر
تۆھپە
23 سەر
توردا
433 سائەت
تىزىملاتقان
2013-4-18

ئاۋانگارت ئوردىنى مائارىپ ئوردىنى قىزغىنلىق ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-11-9 11:58:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماشتاق ئېسىل تېما ئەكەپلا  بالا   رەخمەت .
روھلان تور بېكىتى ياشنىسۇن
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

0

تېما

0

دوست

444

جۇغلانما

ئۈمىدلىك ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تەجرىبە
200 سەر
ئىناۋەت
114 سەر
تەڭگە
102 دانە
قىزغىنلىق
129 سەر
تۆھپە
1 سەر
توردا
52 سائەت
تىزىملاتقان
2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-9 14:10:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەسلەن مىنىڭ كومپىيۇتېرىم ۋىن8.1 قاچىلاغلىق يىقىن دىن بىرى كومپىيۇتېرنى ئۆچەسەم ئاز دىگەن دە 20 مىنۇت جىق دىگەندە 3 سا ئەتتە ئاندىن ئۆچىدىغان بولاپ قالدى قالغان يەرلىرى شۇندا نۇرمال سىستىمىنى قايتا قاچىلاي دىسەم بەزەن نەرسىلەرنى قاچىلىمىسام بولمايدىكەن ياماق يامىمىسام تەخى  مەن گۇمانلانغىنىم قاتتىق  دىسكا يەنى يىڭپەن مەن سىز دىگەن دەك قاتتىق دىسكىلارنىڭ بۇزۇلغان رايۇن نى تەكشۈرۈش باقاي دەپ سىز دىگەدەك  خاسلىق (属性) بۇيرۇقىنى تاللاپ، ئېچىلغان كۆزنەكتىن «قورال»(工具) تاللانمىسىنى تاللاپ، قىلدىم ئەمما سىز دىگەن«خاتالىق تەكشۈرۈش»(查错)  دىگەن يىرى يوق ئىكەن  بۇنى قاندا ھەل قىلىدۇ سىزنىڭچە مىنىڭ كومپىيۇتېرىم دىكى مەسلە نىمىنڭ مەسلىسىدۇر  قوزغۇلۇشى تىز ئەمما ئۆچىشى تەس ئۆچەۋاتىدۇ دەپ خەت چىقىپ تۇرىدۇ لىكىن ئۆچمەيدۇ  
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

举报电话:13779793077|يانفۇن|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|网站地图|ئۈندىدار سالونى|روھلان تور بېكىتى ( 新ICP备10200892号 )  

Powered by Discuz! X2.5(NurQut) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2013-11-28 10:03

چوققىغا قايتىش