روھلان تور بېكىتى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇڭ

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 128|ئىنكاس: 3

تۈرك چېيى دەملەش ئۇسۇلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

103

تېما

29

دوست

4944

جۇغلانما

شەرەپلىك ئەزا

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

تەجرىبە
2356 سەر
ئىناۋەت
1569 سەر
تەڭگە
1506 دانە
قىزغىنلىق
1008 سەر
تۆھپە
71 سەر
توردا
506 سائەت
تىزىملاتقان
2011-12-19

مائارىپ ئوردىنى ئاۋانگارت ئوردىنى قىزغىنلىق ئوردىنى روھلان شاھزادىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-11-6 12:25:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تۈركچە چاي دەملەپ ئىچىش ئارزۇيىڭىز بولسا ياكى ھەۋەس قىلىپ قالغان بولسىڭىز يۇقۇرقى سۈرەتتە كۆرسىتىلگەندەك چەينىكىڭىز بولىشى كېرەك. تۈرك چېيى دەپ چايقۇرنىڭ ھەر خىل چايلىرىدىن سېتىۋېلىپ ئۆيدە ھەر قانچە قىلىپ چايخانىلاردىكىدەك دەملىيەلمىگەن چايخۇمارلار يالغۇز مەنلا بولمىسام كېرەك. چايقۇرنىڭ چايلىرىدىن چاققانراق بىر چەينەك قايناق سۇغا ئىككى قوشۇق، بەلكىم ئۈچ قوشۇق چاي سىلىپ خىلى ئۇزۇن قاينىتىپمۇ تۈزۈك تەمى، رەڭگى پەيدا بولماي ئاخىرى زىرىكىپ تاشلاپ قويغانلار ئەمدى مەن دېگەندەك قىلساڭلار چوقۇم تۈركچە ئاشخانا، چايخانىلاردىن قىلىشمىغۇدەك چاي دەملەشنى ئۈگۈنۈپ كېتەلەيسىلەر.
بىر چەينەك قايناقسۇغا قانچە قوشۇق چاي سالساق ئوبدان بولىدۇ؟ 4 قوشۇق؟ 5 قوشۇقمۇ؟...ياق، 8-10قوشۇق ئەتراپىدا چاي سالساق مۇۋاپىق بولىدىكەن، كۆسىلە. مەنمۇ ھەيران قالغان دەسلىۋېدە. تۈرك چېيىنى ئاشۇنداق جىق سىلىپ دەملەيدىكەنمىز.
ئىككى قەۋەتلىك چەينەكنىڭ ئۈستىنكى قىسمىغا 10 قوشۇق (سۈرەتتىكىدەك بالا قوشۇقى) چاي سىلىپ ئۈستىگە قايناقسۇ قۇيىمىز، ئاستىدىكى قىسمىدا پەقەت قايناقسۇلا بولىدۇ. خوش، ئەمدى چەينەكنى ئىلىپ گاز ئوچاق بولامدۇ ، توك ئوچاق بولامدۇ ئوتنى بوشراق ئىچىپ تەخمىنەن 20 مىنۇتتىن ئاشۇرۇپ قاينىتىمىز. ئاستىدىكى قايناق سۇ توختىماي قايناپ ھور چىقىرىپ ئۈستىدىكى چاينى ئاستا-ئاستا پۇشۇرىدۇ. چاي پىشىپ بولغاندىن كىيىن تاتلىقراق ئىچكۈسى بارلار كىچىك چاي ئىستىكان (بارداق)غا بىر-ئىككى تال قەنت سىلىپ ئۈستىگە چاي سۈزگۈچى تۇتۇپ تۇرۇپ چاينى قۇيىمىز. چاي سەل قىنىق بولۇپ قالغان بولسا ئاستىدىكى قايناقسۇدىن ئازىراق قۇيۇپ تەڭشەپ ئىچسەك بولىدۇ. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا تۈركلەردە قەنت سالماي ئاچچىق ئىچىدىغانلار كۆپمىش. ھەر كىم ئۆز ياقتۇرغىنى ، ئەھۋالىغا يارىشا تاتلىق ياكى ئۆز تەمىدە تەڭشەپ ئىچسە بولىدىكەن. ئەسكەرتىپ قويىدىغان ئىش شۇكى چەينەكنىڭ ئۆزىگە ھەر قانداق تاتلىقنى سالمايمىز، خالىغانلار ئۆز ئىستىكانىغا قەنت سىلىپ تەمىنى تەڭشەپ ئىچسە بولىدۇ.
ئالاھىدىلىكى:تەمى ئاچچىق-چۈچۈك بولۇپ كەيپىياتنى كۆتۈرىدۇ.
بۇ چاينى يۇقۇرى قان بېسىمى، ئۇيقۇسى ئاز كېشىلەر ئاز ئىچكىنى ياخشى. چۈنكى بۇ خىل ئۇسۇلدا قېنىق دەملەنگەن چاينى دەسلىۋېدە ئىچىپ كېچىسى ئۇخلىيالماي تاڭ ئاتقۇزۋەتكەنلەر خېلى بارمىش. مەنمۇ دەسلەپكى مەزگىللەردە كەچقۇرۇنلىرى بۇ چايدىن 3-4 بارداق ئىچىپ قالسام يېرىم كېچىلەرگىچە ئۇخلىيالماي ئىچىم پۇشۇپ كېتەتتى. ھازىر كۆنۈپ قالدىم.
يۇقۇردىكىلەر بۇ چاينى دەملەشتىكى بىرزات ھەكىمنىڭ تەجرىبىسى ئىدى. سۈرۈشتۈرۈپ كۆرسەم تۈركلەر بۇ چاينى دەملىگەندە چەينەكنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىغا ئادەم سانىغا قاراپ چاي سالىدىكەن. مەسىلەن چاي ئىچىدىغان ئادەم 1-2 بولسا يىرىم بارداق، 3-4 بولسا بىر بارداق، 8-10 ئادەم ئىچىدىغان بولسا بىر يىرىم بارداق دېگەندەك. چاينى سىلىپ بولۇپ ئۈستىگە پەقەت چاي چۆكۈشكۈدەكلا قايناق سۇ قۇيۇۇپ چەينەكنىڭ ئاستىنقى قىسمىدىكى قايناقسۇنى بوشراق ئوتتا 20 مىنۇت ئەتراپىدا قاينىتىپ شۇنىڭ ھورىدا ئۈستىدىكى چاينى پۇشۇرىدىكەن. ئۈستىدىكى چاينىڭ سۇ قىسمى تۈگەپ قالغۇدەك بولسا يەنە ئازىراق قايناقسۇ قۇيۇپ تۇرىدىكەنمىز. چاي ئېسىلىپ پىشىپ بولغاندىن كىيىن ئۈستىگە قايناقسۇنى لىقلاپ قۇيۇپ ئاندىن ئىھتىياج بويچە قىنىق-سۇسلىقىنى تەڭشەپ  بارداقلارغا قۇيۇپ ئىچىدىكەنمىز.
تەييارلىغۇچى: بىرزات
مەنبە: 80خالتا بلوگى

ئاپتۇرنىڭ ئەڭ يېڭى تېمىلىرى
heatlevelئادەم بەدىنى سوغۇقتىن قورقۇدىغان 8 ئەزا
heatlevelئالما يانفۇننىڭ ئويۇن رولى بازارغا سېلىندى
heatlevelئۆزبىكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتكۈزگەن سەنئەت كېچىلىكى
heatlevelwindows8.1دىكى «سۈرەتلەر»ئەپىنى تەپسىلىي چۈشىنىۋېلىڭ
heatlevelقىزىل تىرۋىگا ئويۇنىڭ ئۇيغۇرچە ئاۋازلىقى
heatlevelبىر تال قىستۇرما بىلەن يوۋكۇ،تۇدۇنىڭ ئىلانلىرىنى يوقىتىش ئۇسۇلى
heatlevelبىر تال كود بىلەن ۋىرۇسخورىڭىزنى سىناپ بىقىڭ .ئۈنۈمى زادى قانچىلىك
heatlevelكومپىيوتىر ئىشلەتكۈچىلەر بىلىشكە تىگىشلىك مۇھىم بىلىملەر
heatlevelpsd بىلىوگ ئۇسلۇبى
heatlevelتۈرك چېيى دەملەش ئۇسۇلى
heatlevelphotoshup رەڭ تەڭشەش تىزلەتمە بۇيرۇق قىستۇرۇمىسى
heatlevelبىر تۇركۇم پول سۇرتكۇچ ئەپكەلدىم psd

25

تېما

24

دوست

3005

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 11Rank: 11Rank: 11Rank: 11

تەجرىبە
1635 سەر
ئىناۋەت
954 سەر
تەڭگە
636 دانە
قىزغىنلىق
410 سەر
تۆھپە
23 سەر
توردا
433 سائەت
تىزىملاتقان
2013-4-18

ئاۋانگارت ئوردىنى مائارىپ ئوردىنى قىزغىنلىق ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-11-6 14:00:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بۇلدىغان  ئۇسۇلكەن مەن سىىناپ باقاي  لىكىن ئۇخلىيالماي  چارچاپ قالاربولدۇم دە.  ھى ھى
روھلان تور بېكىتى ياشنىسۇن
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

12

تېما

14

دوست

973

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

Rank: 8Rank: 8

تەجرىبە
487 سەر
ئىناۋەت
252 سەر
تەڭگە
180 دانە
قىزغىنلىق
233 سەر
تۆھپە
51 سەر
توردا
30 سائەت
تىزىملاتقان
2013-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-6 17:14:50 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ  ............تازا  قاملاشمىدۇ   قانداق   بۇ   روھلان  تورى قىرىندىشىم      گىپىم خاتا  بوپ قالغان بولسا خاپا بولماڭ
روھلان تورى Android يانفون تېرمىنالىدا يېزىلغان ئىنكاس
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

0

تېما

3

دوست

740

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

تەجرىبە
360 سەر
ئىناۋەت
186 سەر
تەڭگە
129 دانە
قىزغىنلىق
193 سەر
تۆھپە
50 سەر
توردا
84 سائەت
تىزىملاتقان
2013-9-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-6 22:50:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئۆزەم يالپۇز چېيى دەملىسەم  يەنىلا چايخاندىكدەك بولمىدى.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

举报电话:13779793077|يانفۇن|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|网站地图|ئۈندىدار سالونى|روھلان تور بېكىتى ( 新ICP备10200892号 )  

Powered by Discuz! X2.5(NurQut) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2013-11-28 10:37

چوققىغا قايتىش