روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 2464|ئىنكاس: 5
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئوقۇغۇچىلار زۇكام بولۇپ،ئوقۇتقۇچى جازالاندى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بىر نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا مەكتىۋىمىزدە مۇنداق بىر ۋەقە يۈز بەردى.كۆپچىلىكنىڭ مۇلاھىزەقىلىشىغا سۇندۇم.
) A3 y0 |: }9 h; w( Dمەكتىۋىمىز ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى بەش كۈن  يېڭى يىللىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بەرگەن يېڭى يىلنىڭ 6_ كۈنى بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە يىغىلىپ ئوقۇ-ئوقۇتۇشنى باشلىدۇق.ئككىنچى كۈنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى يوللىغاندا تۆۋەن يىللىقتىكى ئىككى سىنىپتا ئالتە نەپەردىن ئوقۇغۇچىنىڭ زۇكام بولغانلىغى بايقالغان شۇنىڭ بىلەن مەكتەپ بۇ ئىككى سىنىپنىڭ سىنىپ مودىرىنى 120 يۈەندىن جەرىمانە بىلەن جازالىغان ھەمدە ئومۇمى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىغا چاپلاپ قويغان. بۇ ئىش توغرىمىدۇ؟7 p3 i, a3 _4 |$ S. C& k* h% Hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەكتىۋىمىز ياتاقلاشقان مەكتەپ، مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ياتاقلاشقان .مەيلى ئاشخانادا بولسۇن ياكى ياتاقتا بولسۇن قايناق سۇ ئىچىش ئىمكانىيىتى يوق. ياتاقنىڭ ئىسىنىش ئەسلىھەلىرى ناھايىتى كونا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياتىغىنى پەقەت ئىسىتالمايدۇ. ئەتىگەنلىرى ئىسسىق سۇدا يۇز يۇيۇشتىن ھەرگىز ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ. سىنىپلارنىڭ ئسىتىش ئەسلىھەلىرىمۇ ئوخشاشلا كونا بىر كۈن ساق بولسا بىر كۈن بۇزۇق .9 D' u: o/ J" n# ]بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئوقۇغۇچى زۇكام بولۇپ قالسا سىنىپ مودىرىنى جازالاش مۇۋاپىقمۇ؟ ئەشۇ مەكتەپ باشقۇرغۇچىلارنىڭ ھىچقانداق مەسئۇلىيىتى يوقمىدۇ؟ ئۇلارنىڭ مەكتەپنىڭ ئومۇمى ئەھۋالىدىن خەۋىرى يوقمىدۇ؟
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئاپتورنىڭ نادىر تېمىلىرى
  • تېخىچە نادىر تېما يازمىغان ئوخشايدۇ ...
مۇناسىۋەتلىك نادىر تېمىلار
ۋاقتى: 2013-1-9 20:08:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمانداق ئەخمىقانە ئىش بۇ.جېرىمانە تالۇننى ياخشى ساقلاپ ئەرىز قىلىش كىرەك.
ۋاقتى: 2013-1-9 21:56:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر يۇقۇرىدىن تۆۋەنگىچە بىخەتەرلىك ئەھۋالىنى كۈندە مەلۇم قىلىش، قاتلاممۇ قاتلام مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش (مائارىپ ئىدارىسى رەھبەرلىرى مەكتەپلەرنى، مەكتەپ مۇدىرلىرى سىنىپلارنى، سىنىپ مەسئۇللىرى ئوقۇغۇچىلارنى ھۆددە ئېلىش) تۈزۈمى يولغا قويۇلىۋاتىدۇ. ئەمما مەكتەپلەرگە مەكتەپ دوختۇرى سەپلەنمىگەن ...... ئەھۋال ئاستىدا مەكتەپ مۇدىرلىرى ئەمىلى ئەھۋالغا ئاساسەن ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ غېمىنى يىيىشى كېرەك ئىدى. مەكتەپ مۇدىرلىرى ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ چاكىرى، ھەرگىزمۇ خالىسىلا ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى جازالايدىغان «توقماقچى»ئەمەس.  ھەرگىزمۇ باھانە سەۋەپ كۆرسىتىپ، ئوقۇتقۇچىلارغا «قالپاق» ۋە «جازا» تەييارلايدىغان «جاللات» ئەمەس. شۇنداق بولغانكەن، قانۇن نىزام، سىياسەتلىرىنى كۆپرەك كۆرۈپ چىقىپ، قانۇن ماددىلىرىغا تەدبىقلاپ دەلىل ئىسپات تەييارلاپ، ئەرز قىلىش كېرەك!
ۋاقتى: 2013-1-10 00:54:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بولسام ئاللا بۇرۇن شۇ ساپاسىز مۇدىرنىڭ ياقىسىدىن ئالاركەنمەن......
ۋاقتى: 2013-1-28 23:40:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساپاسىز مۇدىرنىڭ ياقىسىدىن ئالساق بىزمۇ ساپاسىز ھېسابلىنىپ قالارمىز ھېلى، ئەڭ ياخشىسى يۇقىرىدىكى تورداشلارنىڭ پىكىرى بۇيىچە دەلىل ئىسپاتنى ئوبدان توپلاپ، مائارىپ ئىدارىسى ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا ئەرز قىلىپ، بۇنداق قاملاشمىغان مەكتەپ مۇدىرىنىڭ  مەيلى قايسىلا مەكتەپتە بولمىسۇن يۈزىنى كۆتۈرەلمەس قىلىۋېتىش كېرەك.  
ۋاقتى: 2013-3-2 23:47:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بوپتۇ، سىنىپ مۇدىرى بولغۇچىدا مەسۇلىيەت بولسا، مەكتەپ مۇدىرىدا مەسئۇلىەت يوقمىكەن، مەسئۇلىيەتنى ئالدى بىلەن مەكتەپ مۇدىرىدىن قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك ھەم يۇقىرىدا ئېيتقاندەك دەلىل ئىسپاتلارنى ياخشى تەكييارلاپ، ئەرز قلىش كېرەك.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-19 04:37

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش