روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 2344|ئىنكاس: 0
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

‹‹قوش تىل›› مائارىپىغا ئائىت سىياسەتلەرنىڭ يەشمىسى(3)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2012-12-31 20:55:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ـ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قوش تىل ئوقۇتۇشى خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى
$ A4 w# f, a3 D; ^0 O3 x  uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   21. قوش تىل سىنىپىدا ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلار تولۇق ئوتتۇرىغا ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا قانداق قاتنىشىدۇ؟% ]: ^5 ?; }/ q) C9 cبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   قوش تىل سىنىپىدا ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلار باشقا ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشاشلا ئۆزى تۇرۇشلۇق رايون ۋە مەكتەپكە تىزىمغا ئالدۇرۇپ، تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ. + _9 n( |& @$ Hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   قوش تىل سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرى تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھانىغا قاتنىشىشتا ئاساسلىقى تىل – ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، فىزىكا، خېمىيە(بىرلەشمە سۇئال)، سىياسەت، تارىخ(بىرلەشمە سۇئال)، خەنزۇچە، ئېنگىلىزچە پەنلەردىن ئىمتىھان بېرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە تىل – ئەدەبىيات ئىمتىھان سۇئالى ئۆز ئانا تىلىدا چىقىرىلىدۇ، ماتېماتىكا، خەنزۇچە، فىزىكا، خېمىيە، ئېنگىلىز تىلى ئىمتىھان قەغىزى دۆلەت ئورتاق تىلىدا چىقىرىلىدۇ، سىياسەت، تارىخ دەرسى قايسى تىلدا ئۆتۈلگەن بولسا، ئىمتىھان قەغىزى شۇ تىلدا چىقىرىلىدۇ. ئېنگىلىز تىلى ئىمتىھان نەتىجىسى پايدىلىنىش نەتىجىسى قىلىنىدۇ.. P& c  r/ H. z" Bبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   قوش تىل سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىش پىلانى ئايرىم چىقىرىلىدۇ، قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچى سانى يىلدىن – يىلغا كۆپەيتىلىدۇ.
$ E7 R+ W% T! z8 J9 X   22.قوش تىل سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش سەۋىيە ئىمتىھانىغا قانداق قاتنىشىدۇ؟5 c6 O1 N2 Q9 Z' v/ ]# s% \7 f  Nبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دەرسلىك ئىسلاھاتى ۋە قوش تىل سىنىپى ئۈچۈن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دەرسلىكىنى تەسىس قىلىش تەلىپىگە ئاساسەن، قوش تىل سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش سەۋىيە ئىمتىھانى بېرىدىغان پەنلىرى مەجبۇرىي ئۆتۈلىدىغان دەرسلىك ۋە تاللاپ ئۆگىنىدىغان دەرسلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئوقۇغۇچىلار دەرسلىك تەلىپىگە ئاساسەن ئىمتىھانغا قاتنىشىپ نومۇرغا ئېرىشىدۇ. ئىمتىھان بېرىدىغان تىل دەرس ئۆتۈلگەن تىل بىلەن بىردەك بولىدۇ.% Q) p; [8 I& iبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   ئىمتىھان بېرىدىغان پەنلەر: تىل – ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، خەنزۇچە، فىزىكا، خېمىيە، بىئولوگىيە، ئورتاق قوللىنىلىدىغان تېخنىكا، ئۇچۇر تېخنىكىسى، ئېنگىلىز تىلى، ئىدىيە – سىياسەت، تارىخ، جۇغراپىيە ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىن ئىبارەت. مەجبۇرىي ئۆتۈلىدىغان دەرسلىكلەردىن ئاپتونوم رايون بويىچە بىر تۇتاش ئىمتىھان ئېلىنىدۇ.
, k4 ~0 f; ]2 F6 @) d   23.قوش تىل سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا قانداق قاتنىشىدۇ؟9 m" z  u- M2 a& |: }+ _بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   قوش تىل سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تەبئىي پەن ۋە ئىجتىمائىي پەن تۈرى بويىچە قاتنىشىدۇ.
' a/ k+ H) n( n' V& j9 v5 T4 d   قوش تىل سىنىپىدا ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلار تەبىئىي پەندىن ئىمتىھان بەرگەندە تىل – ئەدەبىيات، ماتېماتىكا (تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى تۈرى)، خەنزۇچە، ئۇنىۋېرسال تەبىئىي پەنلەر(فىزىكا، خېمىيە، بىئولوگىيە)، ئېنگىلىز تىلىدىن ئىمتىھان بېرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە تىل – ئەدەبىيات ئىمتىھان سوئالى ئاز سانلىق مىللەت تىل – يېزىقىدا چىقىرىلىدۇ، باشقا پەنلەرنىڭ ئىمتىھان سوئالى دۆلەت ئورتاق تىل – يېزىقىدا چىقىرىلىدۇ، ئېنگىلىز تىلى ئىمتىھان نەتىجىسى پايدىلىنىش نەتىجىسى قىلىنىدۇ.
/ i( y+ w! Y# X, R4 g0 J   قوش تىل سىنىپىدا ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلار ئىجتىمائىي پەندىن ئىمتىھان بەرمەكچى بولسا، تىل – ئەدەبىيات، ماتېماتىكا(مەدەنىيەت ۋە تارىخ تۈرىدىكى)، خەنزۇچە، ئۇنىۋېرسال ئىجتىمائىي پەنلەر(سىياسەت، تارىخ، جۇغراپىيە)، ئېنگلىز تىلىدىن ئىمتىھان بېرىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە تىل – ئەدەبىيات ئىمتىھان سوئالى ئاز سانلىق مىللەت تىل – يېزىقىدا چىقىرىلىدۇ، ماتېماتىكا، خەنزۇچە، ئېنگىلىزچە ئىمتىھان سوئالى دۆلەت ئورتاق تىل يېزىقىدا چىقىرىلىدۇ، ئۇنىۋېرسال ئىجتىمائىي پەنلەر قايسى تىلدا ئۆتۈلگەن بولسا، ئىمتىھان سوئالى شۇ تىل – يېزىقتا چىقىرىلىدۇ(ئاز سانلىق مىللەت تىلىدا ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار مىللىي تىلدا ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش پىلانىدىكى ئىمتىھانغىلا تىزىملىتالايدۇ). ئېنگىلىز تىلى ئىمتىھان نەتىجىسى پايدىلىنىش نەتىجىسى قىلىنىدۇ.: j; C0 Y2 |1 b5 _3 Dبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   قوش تىل سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىش پىلانى ئايرىم چىقىرىلىدۇ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىسبىتى يىلدىن – يىلغا كۆپەيتىلىدۇ. تەبىئىي پەن، ئىجتىمائىي پەن تۈرى بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىنى بېكىتىشتە، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ تەبىئىي پەن، ئىجتىمائىي پەن ئىختىساسلىقلىرىغا بولغان ئېھتىياجىغا ئاساسلىنىپ، مەملىكەت بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلىدىغان ئىجتىمائىي پەن، تەبىئىي پەن بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى نىسبىتى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ., _3 _; ?) w+ V) N& Hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   24. قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرى دېگەن نېمە؟
, x% m2 w% J( m1 o' Z- ^; H   ھازىرقى باسقۇچتىكى قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرى قوش تىل ئوقۇتۇش ئىش ئورنىدىكى ئوقۇتقۇچىلار بولۇپ، ئۇلار ئاز سانلىق مىللەت قوش تىل ئوقۇتۇش سىنىپىغا ئالاقىدار دەرسلەرنى دۆلەت ئورتاق ئىشلىتىدىغان تىل – يېزىق ياكى ئاز سانلىق مىللەت تىل – يېزىقىدا ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچىنى كۆرسىتىدۇ., b* W7 t+ `5 z% ?بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇتقۇچىسى بولسىمۇ، خەنزۇ ئوقۇتقۇچى بولسىمۇ بولىدۇ؛ خەنزۇ تىلىدا دەرس بېرىدىغان ئوقۇتقۇچى بولسىمۇ، ئاز سانلىق مىللەت تىلىدا دەرس بېرىدىغان ئوقۇتقۇچى بولسىمۇ بولىدۇ؛ خەنزۇ تىلى ۋە ئاز سانلىق مىللەت تىلىدىن ئىبارەت ئىككى خىل تىل – يېزىقتا دەرس بېرىدىغان ئوقۇتقۇچى بولسىمۇ(قوش تىل ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان قوش تىللىق ئوقۇتقۇچى) بولىدۇ ھەم خەنزۇ تىلىدىلا ياكى ئاز سانلىق مىللەت تىلىدىلا دەرس بېرەلەيدىغان ئوقۇتقۇچى بولسىمۇ بولىدۇ.
+ G5 W2 e( g4 @0 E" K   25.قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرى قانداق ئاساسىي تەربىيەگە ئىگە بولۇشى كېرەك؟
# `( }+ o3 S) v4 {+ |9 n+ k   (1) كەسپىي ئەخلاق.
* S; X3 V: c2 V, U& t* U3 }( X   قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرى جەزمەن قوش تىل مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەنزۇچىنىمۇ، مىللىيچىنىمۇ پىششىق بىلىدىغان ئىختىساسلىقلار ۋە ئەمگەكچىلەرنى تەربىيەلەش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئەقىل – پاراسىتى ۋە كۈچىنى بېغىشلىشى كېرەك. قوش تىل ئوقۇتۇش خىزمىتىنى قىزغىن سۆيۈشى، ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى قىزغىن سۆيۈشى، يۈكسەك مەسئۇلىيەت ئېڭى بولۇشى، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئۆز خىزمەت ۋەزىپىسىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.
# {" w; {+ N* q" A) V$ }   (2) تىل ئىقتىدارى.; g( |  ~; i0 e0 Xبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرى جەزمەن قوش تىل ئىقتىدارىنى ھازىرلىشى، ئاز سانلىق مىللەت تىلى ۋە خەنزۇ تىلىدا دەرس بېرەلەيدىغان ھەم ئوقۇتۇشنى تەشكىللەپ يولغا قويالايدىغان بولۇشى كېرەك. قوش تىل ئىقتىدارى دېگەنلىك ئىككى تىل ئىقتىدارى ئوخشاش بولۇشى كېرەك دېگەنلىك ئەمەس، بىر خىل تىل ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇپ، يەنە بىر خىل تىل ئىقتىدارى ئوقۇتۇش ئېھتىياجىنى ئاساسىي جەھەتتىن قاندۇرالىسا بولدى.
4 X$ O9 I7 ?2 m   قوش تىلدا سۆزلەش ئىقتىدارىنى ھازىرلىمىغان قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرى بىر تىلغا پۇختا بولۇشى ھەم شۇ تىلدا پەننىي بىلىملەرنى مەزمۇنلۇق ۋە چۈشىنىشلىك قىلىپ چۈشەندۈرەلەيدىغان، ئوقۇغۇچىلارنى ئۆگىنىشكە يېتەكلىيەلەيدىغان، ئوقۇتۇشقا تەشكىللىيەلەيدىغان بولۇشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئوقۇتۇش جەريانىدا، يەنە بىر تىلدا سۆزلەش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، قوش تىلدا سۆزلەش ئىقتىدارىغا ئىگە ئوقۇتقۇچىلاردىن بولۇشقا تىرىشىشى كېرەك." L! b# _9 P6 V3 b$ Cبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   (3) كەسپىي بىلىم سەۋىيەسى
. w+ ~2 F" _6 k   قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرى پەننىي كەسپىي بىلىملەرنى ئومۇميۈزلۈك بىلىشى، ئۆتۈۋاتقان دەرسنىڭ مەزمۇنىنى پىششىق  ئىگىلىشى، ئۆتۈۋاتقان دەرستىكى مەسىلىلەرنى پەننىي بىلىملەر ئارقىلىق چۈشەندۈرۈشكە ۋە يېشىشكە ماھىر بولۇشى ھەم ئوقۇتۇشنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، كەسپىي سەۋىيەسىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈشى كېرەك. ' z3 J6 F4 Z8 d" [; e' y9 h9 rبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   (4) ئوقۇتۇش ئىقتىدارى
8 {- Y: B* W6 J8 b   قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرى يېڭى دەرس ئىسلاھاتىدىكى ئوقۇتۇش ئىدىيەسى، ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئەھۋالىنى پىششىق بىلىشى، يېڭى دەرس ئىسلاھاتىدىكى ئىدىيە، لايىھە بويىچە، پەنلەر ئوقۇتۇشىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئۆگىنىشكە ئۈنۈملۈك يېتەكلەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشتە يولۇققان تۈرلۈك مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، ياخشى ئوقۇتۇش ئۈنۈمىگە ئېرىشىشى كېرەك.
% G6 T; a5 c* a, B   26. خىزمەت ئورنىغا يېڭى چىققان قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرى قانداق ئاساسىي شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك؟3 [$ b7 T* K/ B, o( Kبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   يېقىنقى يىللاردا ئاپتونوم رايون ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار سىنىپى ۋە ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە نۇرغۇن قوش تىل ئوقۇتقۇچىسى تەكلىپ قىلدى، ئۇلار ‹‹ئىشقا ئورۇنلاشماقچى بولسا، جەزمەن ئىمتىھان بېرىشى كېرەك›› دېگەن پىرىنسىپ بويىچە، تەكلىپ قىلىش ئىمتىھانى، يۇزتۇرانە ئىمتىھانغا قاتنىشىش، سالامەتلىك تەكشۈرتۈش قاتارلىق بەلگىمە، تەرتىپلەرگە رىئايە قىلىشى ھەم مۇنداق شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك: ئانا تىلى خەنزۇچە بولغان قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرى ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەتنامىسى ۋە پۇتۇڭخۇا گۇۋاھنامىسى (2B دەرىجىلىكتىن يۇقىرى)غا، ئازسانلىق مىللەت تىلىدا مۇئەييەن دەرىجىدە ئىپادىلەش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى كېرەك. ئانا تىلى خەنزۇچە بولمىغان ئازسانلىق مىللەت قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرى ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەتنامىسى ۋە جۇڭگو ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ خەنزۇچە سەۋىيە دەرىجىسى ئىمتىھانى (MHK) ۋە جۇڭگو خەنزۇچە سەۋىيە ئىمتىھانى (HSK) دەرىجە كېنىشكىسىغا ئىگە بولۇشى، بۇنىڭ ئىچىدە، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ ۋە ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ خەنزۇ تىلى دەرسىنى بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىلار MHK دە 4B دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كىنىشكىغا، خەنزۇ تىلى دەرسى بەرمەيدىغان ئوقۇتقۇچىلار 3A دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كىنىشكىغا ئېرىشكەن بولۇشى كېرەك؛ تولۇقسىز ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپتىكى خەنزۇ تىلى دەرسى بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىلار 3A دەرىجىلىكتىن يۇقىرى، خەنزۇ تىلى دەرسى بەرمەيدىغان ئوقۇتقۇچىلار 3B دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كىنىشكىغا ئېرىشكەن بولۇشى كېرەك؛ يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرى B3 دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كىنىشكىغا ئېرىشكەن بولۇشى كېرەك. . a; }; O: a. W; [. g6 e3 M1 `بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   27. نېمە ئۈچۈن قوش تىل ئوقۇتۇشى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار خەنزۇ تىلى ۋە ئاز سانلىق مىللەت تىلىنى ئۆزئارا ئۆگىنىشى كېرەك؟
; T+ q9 Z! J) R/ V- J, c7 m   تىل ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاقە باغلاش قورالى، شۇنداقلا ئوقۇتۇش قورالى. ئوقۇتقۇچىلار خەنزۇ تىلى ئالاقە ئىقتىدارىنى مۇكەممەل ھازىرلىمىغان ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا شۇلارنىڭ ئانا تىلىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىپ دەرس ئۆتىشى، ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئالاقە قىلىشى، ئوقۇغۇچىلارنى چۈشىنىشى، يېتەكلىشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەسپىي دەرسلەرنى ئۆگىنىشىگە ياردەم بېرىشى كېرەك. ئانا تىل يەنە ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى يېقىنلاشتۇرىدۇ، ئۇ، ئوقۇغۇچىلارغا ئىدىيەۋى، سىياسىي تەربىيە ئېلىپ بېرىشتىكى ئۈنۈملۈك ۋاسىتە. شۇڭا، خەنزۇ قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلىنى ئۆگىنىشى كېرەك.
# A+ J- w/ r# ?5 s- N" f, j/ K   خەنزۇ تىلىدا ئۆتىلىدىغان دەرسلەرنى جەزمەن خەنزۇ تىلى ئارقىلىق ئۆگىنىپ، ئىگىلىگەندە كۆزلىگەن نىشانغا يېتىش كېرەك؛ خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرى كۆپ، ئۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي بىلىملەرنى ئۆگىنىش، كەسپىي سەۋىيەسى ۋە ئوقۇتۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتىكى ئاساسلىق ئۇچۇر مەنبەسى. شۇڭا، ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇتقۇچىلىرى خەنزۇ تىلىنى ياخشى ئۆگىنىپ، خەنزۇ تىلىدا دەرس ئۆتۈش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى، خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇش بايلىقىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، كەسپىي سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرى ئۆزئارا تىل ئۆگەنگەندە ئوقۇغۇچىلارغا ئۈلگە بولغىلى، ئۆزى ئۈلگە كۆرسىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە تەسىر كۆرسەتكىلى بولىدۇ؛ قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۆزئارا تىل ئۆگىنىشى مىللەتلەر باراۋەرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە، شۇنداقلا ئىناق مەكتەپ قۇرۇشقا پايدىلىق.
1 ?* d- Q. I4 ?2 ^6 _4 q   28. دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەش جەھەتتە قانداق تەدبىرلەرنى قوللاندى؟& d6 _, o- `# t6 Xبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون ‹‹سىياسىيدا لاياقەتلىك، سانى تولۇق، ساپاسى يۇقىرى، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق›› قوش تىل ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ‹‹ئىلمىي پىلانلاش، مۇۋاپىق ھالقىش، ئۆگىنىش بىلەن ئىشلىتىشنى بىرلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئۈنۈمگە كاپالەتلىك قىلىش›› فاڭجېنى بويىچە قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، بەش تۈرلۈك تەدبىرنى يولغا قويدى:6 |9 a9 q  k+ \  d" gبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   (1) ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمىنى كېڭەيتىش. ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار سىنىپى ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەش كۆلىمىنى كېڭەيتتى، ئاپتونوم رايون 2006 – يىلىدىن باشلاپ ئوتتۇرا دارىلمۇئەللىمىننىڭ ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپ كەسپىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، جەمئىي 26 مىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلدى. 2007 – يىلىدىن باشلاپ يېزا قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئالاھىدە تەربىيەلەش پىلانىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، 2011 – يىلىغىچە جەمئىي 4619 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلدى.# |3 G& t0 ]: O! t9 Mبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   (2) پېداگوگىكا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەش ئەندىزىسى ئىسلاھاتىنى كۈچەيتىش. ئاپتونوم رايون پېداگوگىكا مەكتەپلىرىنىڭ تولۇق كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرس ئوقۇغۇچىلار مەنبەسى قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، پېداگوگىكا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەش ئەندىزىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خىزمەتكە چىقىش ئالدىدىكى تەربىيەلەش بىلەن خىزمەتكە چىققاندىن كېيىنكى تەربىيەلەشنى بىرلەشتۈرگەن ئىلغار ئوقۇتقۇچى تەربىيەلەش سىستېمىسىنى پائال بەرپا قىلدى.
% l' V3 _$ Y  Q, l. r& r& p5 M   ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەر تۈرلۈك كەسىپلەردىكى ئازسانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى خەنزۇچە ئوقۇتۇش سالمىقىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيەسىنى سىناش دەرىجە ئىمتىھانىنى (MHK) ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزۈشىنىڭ زۆرۈر شەرتى قىلدى. پېداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتىنى ئۆگىنىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ‹‹نامرات رايونلارنىڭ مائارىپىنى قوللاپ پىراكتىكا قىلىش›› خىزمىتىنى كەڭ ئومۇملاشتۇرۇپ، پېداگوگىكا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قوش تىلدا ئوقۇتۇش خىزمىتىگە ماسلىشىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك. ; \! H' k  ~: M0 }: A; pبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   (3) قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەش بازا قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش. ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار سىنىپىنىڭ قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنى يېتىشتۈرۈش، تەربىيەلەش بازىسى قۇرۇپ، يېزىلاردىكى ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار سىنىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئاساسلىق يېتىشتۈرۈپ چىقتى. شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنى يېتىشتۈرۈش بازىسى قۇرۇپ، يېزىلاردا ‹‹يېزىلارغا چۈشەلەيدىغان، تۇرۇپ قالالايدىغان، ئىشلىيەلەيدىغان›› قوش تىللىق ئوقۇتقۇچىلىرىنى كۈچەپ يېتىشتۈردى.
  V2 x6 z3 X5 L, M$ w4 C! D! U   (4) ئاپتونوم رايون يېزىلاردىكى قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئالاھىدە تەربىيەلەش پىلانىنى تۇرغۇزدى ( ئەسلىدىكى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ يېزا ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئالاھىدە تەربىيەلەش پىلانى). ‹‹ئالاھىدە قوبۇل قىلىش››، ‹‹ئالاھىدە تەربىيەلەش›› ۋە ‹‹نىشانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش›› ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن ئۇسۇلنى قوللىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىغا لاياقەتلىك ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنى ھەقسىز نىشانلىق تەربىيەلەپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىز بالىلار پېداگوگىكا مەكتەپلىرىدە ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار پىداگوگىكا كەسپىنى تەسىس قىلىپ، ‹‹ئىككى يىللىق تۈزۈمدىكى 1 + 1 ئوقۇتۇش ئەندىزىسى››نى قوللىنىپ، ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلارنى تەربىيەلەش كەسپىگە پېداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرىنى ھەقسىز ۋە نىشانلىق قوبۇل قىلىپ، پىراكتىكا قىلدۇرۇپ، مەكتەپتە بىر يىل ئوقۇش، جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىدىكى يەسلىلەرگە بېرىپ بىر يىل پىراكتىكا قىلىش، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن پىراكتىكا قىلغان يەسلىگە ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. ئىچكىرىدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئوتتۇرا تېخنىكوم دارىلمۇئەللىمىن مەكتەپلىرىگە تارقاقلاشتۇرۇپ كىرگۈزۈپ تەربىيەلەش پىلانىنى يولغا قويۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى يەتتە ۋىلايەت ئوبلاستقا ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلارنى تەربىيەلەشتىكى لاياقەتلىك قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنى نىشانلىق تەربىيەلەپ بەردى. ' |6 L! t3 u! }& s$ V3 h  J" v" Xبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   (5) ئازسانلىق مىللەت تىل – يېزىقىدىكى دەرسلىكلەرنى تەسىس قىلىش. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پېداگوگىكا مەكتەپلىرى 2012 – يىلى ئەتىيازدىن باشلاپ، ئانا تىلى خەنزۇچە بولغان پېداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۇيغۇر تىلى ۋە قازاق تىلىدىكى زۆرۈر ئوقۇشلۇقلارنى تەسىس قىلىپ، بۇ دەرسنى ھەپتىسىگە تۆت سائەتتىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، بىر يىل ئۆتۈش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇرچە ۋە قازاقچە ئېغىز تىلىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىگىلەشنى ھەم ئۇيغۇر، قازاق مىللەتلىرىنىڭ مىللىي ئۆرۈپ – ئادىتىنى چۈشىنىپ كەلگۈسىدە قوش تىل ئوقۇتۇشى بىلەن شۇغۇللىنىش ئۈچۈن تىل ۋە مەدەنىيەت ئاساسىنى پۇختا سېلىشنى تەلەپ قىلدى.+ m* u* B6 E. rبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەنبە: تەڭرىتاغ تورى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-23 05:05

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش