روھلان مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 723|ئىنكاس: 10
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

باشقۇرغۇچىلار ئۇچۇرىنى توپلاش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش - جىددى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك باشقۇرغۇچىلار، روھلان تور بېكىتى ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز دېمەي خالىس تۆھپە قوشۇپ كېلىۋاتقىنىڭلارغا ئالەمچە تەشەككۈرلەر ئېيتىمەن.
تور ساقچىلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ تەلىپى بۇيىچە بېكەتتىكى بارلىق باشقۇرغۇچىلارنىڭ ھەقىقىي ئۇچۇرلىرىنى توپلاپ رەتلەش خىزمىتى باشلانغان بولۇپ، تور بېكىتىمىزمۇ چوڭ تور بېكەتلەر قاتارىدا بۇ قېتىملىق باشقۇرغۇچىلار ۋە تېخنىك خادىملارنىڭ ھەقىقىي ئۇچۇرلىرىنى رەتلەپ يوللاش سانىنىڭ ئىچىگە كىرىپ قاپتىمىز.
بۇنىڭدىن ئەمەلىيەتتە ئەنسىرەپ كەتكۈدەك ئىشمۇ يوق ئىدى، شۇنداق بولسىمۇ يۇقىرىنىڭ تەلىپى بۇيىچە بۇ ئۇچۇرلارنى توپلاشقا توغرا كەلدى، بەزىلىرىڭلارنىڭ بېكەتتە ھەقىقىي ئىسىمنى دەلىللەش ئۇچۇرۇڭلار بار ئىدى، شۇنىڭدىن ئېلىپلا يوللىۋېتەي دېگەن ئىدىم، ئەمما بەزى ئۇچۇرلار تازا تولۇق ئەمەس ئىكەن، شۇڭا Excel دا بىر دانە جەدىۋەل تۈزۈپ قويدۇم، مۇشۇنىڭدىكى جەدىۋەلنى چۈشۈرۈپ، ئۆزۈڭلارنىڭ ئەزالىق نامى ئۇدۇلىدىكى ئۇچۇرلارنى توغرا ھەم تولۇق تولدۇرۇپ ساقلىغاندىن كېيىن ماڭا يوللاپ بەرسەڭلەر بولىدۇ.
بۇ ئۇچۇرلارنى توپلىۋالساق باشقۇرغۇچىالر ئۆز ئارا ئالاقىلىشىش ۋە بەزى بىر قىسىم ئەۋەتىدىغان مۇكاپات، سوۋغاتلىق بۇيۇم قاتارلىقلارنى ئادرىس سوراپ يۈرمەي ئەۋەتىپ بېرىش قاتارلىقلاردىمۇ قولايلىق بولىدىكەن.
شۇڭلاشقا بارلىق باشقۇرغۇچىلارنىڭ بۇ ئىشنى توغرا تۇنۇپ، جەدىۋەلنى چۈشۈرگەندىن كېيىن ، مۇشۇ بىر ھەپتە ئىچىدە ئەۋەتىپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن.
excel ھۆججتىنى ماڭا ئەۋەتكەندە ھۆججەتنىڭ ھازىرقى ئىسمى 如贺兰网管理人员的信息 دېگەن خەتنى ئۆزۈڭلارنىڭ روھلاندىكى ئەزالىق نامىڭلارغا ئۆزگەرتىپ ئەۋەتىپ بەرسەڭلار بولىدۇ .(مۇشۇنداق قىلغاندا ھۆججەتلەر قاپلىنىپ كېتىدىغان ياكى مەن رەتلىگەندە ئالماشتۇرۇپ قويىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈنمەيدۇ)
ئەڭ بېشىغا ئۆزۈمنىڭ بارلىق ئۇچۇرلىرىنى تەلەپ بۇيىچە كىرگۈزۈپ قويدۇم، شۇ بۇيىچە كىرگۈزسەڭلار بولىدۇ.
كىملىكتىكى ئادرىسىغا ۋىلايەت نامى چىقمايدۇ، ھازىرقى ئادرىسى دېگەنگە ۋىلايەت، شەھەر نامىنىمۇ كىرگۈزۈڭلار.
(ئەسكەرتىش: جەدىۋەلگە باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئىسمىنى سىستېما تەرىپىدىن چىقارغان تەرتىپ بۇيىچىلا كىرگۈزۈپ قويدۇم، بۇنىڭدا ھېچقانداق تەرتىپ، دەرىجە مۇناسىۋېتى مەۋجۇت ئەمەس)
جەدىۋەلنى چۈشۈرۈڭ
如贺兰网管理人员的信息.xls(26KB)
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-10-2 00:52:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆججەتنى ماڭا qq  غا ياكى E-mail ئارقىلىق ئەۋەتىپ بەرسەڭلار بولىدۇ. qq غا يوللىغاندا مەن توردا بولماي قالسام 离线发送 شەكلىدە يوللىۋېتىڭ
ۋاقتى: 2012-10-2 01:36:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولىدۇ  ئاتامانىم ، سىز  دىگەن تەلەپ بويىچە ماتىريالنى تولدۇرۇپ سىزگەې يوللىۋەتتىم .

باھا سۆز

تاپشۇرۋالدىم  ۋاقتى: 2012-10-2 13:57
ۋاقتى: 2012-10-2 02:13:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەلەپ بويىچە تولدۇرۇلۇپ يوللاندى.

باھا سۆز

تاپشۇرۋالدىم  ۋاقتى: 2012-10-2 13:57
ۋاقتى: 2012-10-2 08:40:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنغۇ يوللىدىم ئەمما ھۆججەت نامىنى ئۆزگەرتمەپتىمەن .ئەگەر يوللانمىغان بولسا قايتا يوللاپ بەرسەم بولىدۇ.

باھا سۆز

تاپشۇرۋالدىم  ۋاقتى: 2012-10-2 13:57
ۋاقتى: 2012-10-2 15:09:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ھۆججەتنى چۈشۈرۋالدىم، كەچتىن بۇرۇن يوللاپ بىرەي.
ۋاقتى: 2012-10-3 20:01:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ يوللىۋەتتىم ،كېچىكىپ قالمىغاندىمەن -ھە؟

باھا سۆز

تاپشۇرۋالدىم، ئەمما جەدىۋەلنىڭ ئاخىرىغا قارىماپسىز، ئۇچۇرلا كەم قاپتۇ  ۋاقتى: 2012-10-3 20:30
ۋاقتى: 2012-10-3 21:00:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئالدىرىغان نەدە ؟دىسە ،ئالدىرىمىغاننىڭ كەينىدە»دىگەندەك .ئالدىراپ قىلغان ئىشنىڭ ئاقىۋىتى شۇ دە ماناتۇلۇقلاپ قويدۇم.سەت بولدى
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-12-24 22:11:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ جەدىۋەلنى تولدۇرۇپ ئەۋەتمىگەن باشقۇرغۇچىلار يېڭى يىلدىن بۇرۇن ئەۋەتىپ بېرىشڭلارنى ئۈمىت قىلىمىز.
ۋاقتى: 2012-12-24 22:55:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ھازىر ئاتاماننىڭ قايتا ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن ھارىز ئاران دېگەندە يوللاپ تۈگەتتىم.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-3 22:42

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش