روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 2868|ئىنكاس: 10
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

بەرىبىر ( ناخشا تېكىستى)

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nawruz0997 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-17 20:08  

  
بەرىبىر

( ناخشا تېكىستى)

ئابدۇرېھىم ئابدۇۋەلى(ئاسۇق)

سېغنىشقا تولغان بۇ دەملەر،
بېرەلمىدى تەسەللى ھېچبىر.
ئۈلۈم ئۈنسىز چاقىرار مىنى،
سېغىنساممۇ ئەمدى بەرىبىر.

گۈلۈم كەتتىڭ ئەمدى يىراققا،
تاشلاپ مىنى دەرىتلىك پىراققا،
نىدا يەتمەس بولدى قۇلاققا،
يىغلىساممۇ ئەمدى بەرىبىر.

كېچىلەردە ئۇيقۇسىز ئۆتتۈم،
ھەسەل بىلىپ زەھەرنى يۈتتۈم،
كېلىشىڭنى زارىقىپ كۈتتۈم،
ئاھ! كۈتسەممۇ ئەمدى بەرىبىر.

قول تۇتۇشۇپ ماڭغان شۇ دەملەر،
ئەتە ئۈچۈن قىلىشقان غەملەر،
تەڭ شادلىنىپ كۈلۈشكەن كەملەر،
قايتىلانماس ئەمدى بەرىبىر.

بېرىپ باقتىم كونا جايلارغا،
قايىتقۇم كەلدى ئاشۇ چاغلارغا،
قۇلاق سالماي ئاھۇ-زارلارغا،
كەتتىڭ يىراق ئەمدى بەرىبىر.

بۇ ھاياتنىڭ مەنزىلى ئۇزاق،
خەيرى گۈلۈم يۇلۇڭ بولسۇن ئاق،
بەخت ئاچسۇن ساڭا كەڭ قۇچاق،
(لىكىن بەخىتىم سەندە بەرىبىر)............

2011-يىلى8-سىنتەبىر ئاقسۇ شەھەر ساجىڭزا( قۇمقۇدۇق)
مەنبە :ئۆز ئىجادىيتىم

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2تەجرىبە +22 ئىناۋەت +19 تەڭگە +10 بايلىق +8 تۆھپە +4 يىغىش سەۋەبى
سەلكىن01 + 8 + 8 + 8 + 5 + 3 ياقتۇردۇم
ADiL + 14 + 11 + 2 + 3 + 1 ياقتۇردۇم

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2012-9-2 21:18:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ناخشا تېكىستى ناھايتى ياخشى، مەزمۇنلۇق چىقىپتۇ. مۇزىكىغا كىرىشتۈرۈلگەن بولسا، بىر تىڭشاپ باققۇم بار. كىرگۈزۈلمىگەن بولسا، توردىن كۆرگەن مۇزىكانتلار جەزمەن ياخشى مۇزىكا ئىشلەپ، داڭلىق ناخشىچىلارغا ئېيتقۇزۇشتا گەپ يوق. ياخشى تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن!
ۋاقتى: 2012-9-2 23:42:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تېخى ھېلىقى«تەپسەم سۆيگۈ ئىشىگىڭنى يار...»دىگەن ناخشىمىكى دەپتىكەنمەن
ۋاقتى: 2012-9-2 23:57:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېكىست بەزەن بىر ناخشا تېكىستىغا قارىغاندا خېلى ياخشى ئېكەن.
ۋاقتى: 2012-9-17 11:53:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ناخشا تىكىستى بەك ياخشى چىقىپتۇ،تېخىمۇ تىرشىڭ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەۋرۇز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-28 16:09  

بەرىبىر ئىشقىڭدا مىڭ ئازاپ چەكسەممۇ.
ئاشىقلىقتا كۆيۈپ كەتسەممۇ.
سەن يار ئۈچۈن جاندىن كەچسەممۇ.
كىچىشلىرىم ساڭا بەرىبىر.

ئۆتەر كۈنۈم سەن يارنى ئەسلەپ.
كۆڭۈل بەرگەن يىراقنى كۆزلەپ.
ئارام تاپتى رەقىبىم قەسلەپ.
لېكىن بۇلار ساڭا بەرىبىر.

  بۇ ئازاپقا چىدىماي مانا.
ئالدىم قولغا قەلەمنى يەنا.
ئاتاپ يازدىم شىئىرنى ساڭا.
لېكىن يەنە ساڭا بەرىبىر.

ھامان بىركۈن چۈشنىپ يىتۇرسەن.
سەنمۇ تەنھا ئۆتۈپ كىتۇرسەن.
قىلغىنىڭغا پۇشايمان قىلۇرسەن.
ئۇ چاغدا بۇ ماڭا بەرىبىر.  

مەنبە:قەلىمىم(مەتتوختى مەمتىز ئەلتەشنا)  2015.يىلى 26.فېۋرال خوتەندە يېزىلدى.
بەرىبىر ئىشقىڭدا مىڭ ئازاپ چەكسەممۇ. ئاشىقلىقتا كۆيۈپ كەتسەممۇ. سەن يار ئۈچۈن جاندىن كەچسەممۇ.  كىچىشلىرىم ساڭا بەرىبىر.  ئۆتەر كۈنۈم سەن يارنى ئەسلەپ. كۆڭۈل بەرگەن يىراقنى كۆزلەپ. ئارام تاپتى رەقىبىم قەسلەپ. لېكىن بۇلار ساڭا بەرىبىر.  بۇ ئازاپقا چىدىماي مانا. ئالدىم قولغا قەلەمنى يەنا. ئاتاپ يازدىم شىئىرنى ساڭا. لېكىن يەنە ساڭا بەرىبىر.  ھامان بىركۈن چۈشنىپ يىتۇرسەن. سەنمۇ تەنھا ئۆتۈپ كىتۇرسەن. قىلغىنىڭغا پۇشايمان قىلۇرسەن. ئۇ چاغدا بۇ ماڭا بەرىبىر.  مەنبە:قەلىمىم(مەتتوختى مەمتىز ئەلتەشنا)  2015.يىلى 26.فېۋرال خوتەندە يېزىلدى.
ۋاقتى: 2015-2-27 23:43:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەۋرۇز ئەپەندىمنىڭ بۇ شېئىرى ناخشا تېكىستى قىلىپ ئېيتىشقا راستىنلا ماس كەلگىدەك.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-28 16:12:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
altaxna يوللىغان ۋاقتى  2015-2-27 22:54
بەرىبىر ئىشقىڭدا مىڭ ئازاپ چەكسەممۇ.
ئاشىقلىقتا كۆيۈپ ...

ئىنىم ئەلتەشنا شىئېرىمغا ئەگەشمە شىئېردىن بىرنى ئالغاچ كەپسىز تولىمۇ خوش  بولدۇم رەھمەت سىزگە. ئەمدى قەلەمنى تاشلاش ئاقىللىق ئەمەس. يەنىمۇ تېرىشىڭ. قەلمىڭىزگە بەركەت تىلەيمەن.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-28 16:14:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرلان يوللىغان ۋاقتى  2015-2-27 23:43
نەۋرۇز ئەپەندىمنىڭ بۇ شېئىرى ناخشا تېكىستى قىلىپ ئېيت ...

بۇ شىئېرىم خېلى بۇرۇنلا مونبەرگە يوللانغان. سىز دىگەندەك بۇ ھەقىقەتەن ياخشى ناخشا تېكىستى بولالايتى. بىرسى مىنىڭ رۇخسىتىم بىلەن مۇزىكا ئىشلىتىپمۇ بولغان  ئەمما ھازىرغىچە سەھنىگە چىقىپ بىر ناخشا  قىلىنىپ بولالمىدى..........

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-18 05:14

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش